ياڭ جيېچى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
سىياسىئون ، ساقچى باشلىقى
(پەرقى يوق)

22:26, 20 يانۋار 2019 تۈزەتكەن نەشرى

 ياڭ جيېچى، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان. شاڭخەي شەھىرىدىن. 1968- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1917- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دۇنيا تارىخى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، تارىخشۇناسلىق دوكتورى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دېڭىز- ئوكيان ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  1968- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى پۇجياڭ توك سائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولغان.

  1972- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى كوللېكتىپ تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان.

  1973- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە ئەنگلىيە ئىلىن ئىنستىتۇتى، باس ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون سىياسىي- ئىقتىساد ئىنستىتۇتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇغان.

  1975- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ خادىمى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىدا 2- دەرىجىلىك كاتىپ، 1- دەرىجىلىك كاتىپ، دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەرجىمە ئىشخانىسىدا دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە باشقارما باشلىقى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە مەھكىمىسىنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك ئەلچىسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1995- يىلى 8- ئايدىن 1996- يىلى 3- ئايغىچە قوشۇمچە شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1996- يىلى 9- ئايدىن 1996- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  (2001- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا دۇنيا تارىخى كەسپى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، تارىخشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

  2007- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (2014- يىلى 2- ئايغىچە)، مەركەز دېڭىز- ئوكيان ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دېڭىز- ئوكيان ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى