شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
jpg>svg
ئازراقلاNo edit summary
38 -قۇر:
|}
|}
'''شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى''' ([[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى]]: '''SheqiySherqiy Türkistan Islam Jumhuriyiti''')بولسا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلار 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەسلەپتە 1931-يىلى قۇمۇلدا كېيىن 1932-يىلى تۇرپاندا كۈرەش باشلاتتى. خوتەندە 1933-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قوماندانلىقىدا كۈرەشكە ئاتلانغان جەڭچىلەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ خوتەننى ئالغاندىن كېيىن يەكەن ۋە يېڭىسارغىچە ئىلگىرىلەپ كەلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تازىلىدى. قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن كەلگەن كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
==تارىخى==
زامانىۋى دۇنيادا ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت نامىدا دەل 80 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى. ئىسلامنى ئاساسى قانۇن قىلىپ قۇرۇلدى. پۇل بېسىش، پۇقرالىرىغا پاسپورت تارقىتىش قاتارلىق ئادەتتە بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك شەرتلىرىنى ئورۇندىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قارشى زامانىۋى دەۋردىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق دۆلەت قۇرالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدى. تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى مۇسۇلمانلار زامانىۋى دۇنياغا مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزلىرى قۇرغان دۆلەت بىلەن ئېتىراپ قىلدۇردى. بۇنىڭدىن دەل 80 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈممىۋىيىلەر، ئابباسىيلار ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتۇرلۇقىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەتلەردىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولدى.