ئەبەيدۇللاھ ئابدۇۋەلى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'ئەبەيدۇللاھ ئابدۇۋەلى (چەتئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار) ئەركىن سىدىق ئىنىمىز ئەبەي...'
بەلگە: Visual edit يانفون نەشىرىنى تەھرىرلەش يانفون بېتىنى تەھرىرلەش
 
ئازراقلاNo edit summary
13 -قۇر:
1997-يىلى باھار ئايلىرىدا ئەبەيدۇللاھ نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقات مەركىزىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، گېئوفىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، مۇھىم نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 2000-يىللىرى خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. 2001-يىلى ئەبەيدۇللاھ كەسپىي ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى گېئوفىزىكا تەتقىقات باشقارمىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللاھ بۇ تەتقىقات مەركىزىدە سۇدان، ئەزەربەيجان، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نېفىتلىكلەرنىڭ گېئوفىزىكا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2002–يىلى ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ باش گېئوفىزىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، باكۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلدى. ئەبەيدۇللاھ ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى.
 
ئەبەيدۇللاھ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بولسۇن، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. 2002-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان TOEFL ۋەGRE  ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2005-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، گېئوفىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلىنىڭ 9-ئايلىرىدا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى باكېرخيۇس (BakerHughes) نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ باكېرخيۇستا قۇدۇق گېئوفىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006–يىلى ئاناداركو نېفىت شىركىتىنىڭ ھيۇستوندىكى تەتقىقات مەركىزىگە قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ مەركەزدە گېئوفىزىكا تېخنىكىسى ئارقىلىق شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت چارلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. گانا (Ghana) ۋە [[موزامبىك]] (Mozambique)تىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەبەيدۇللاھ 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز شىركىتىنىڭ مېكسىكا بوغۇزى باشقارمىسىدا چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت چارلاش، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش ۋە نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.
 
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى