مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت 'مەدەنىيەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ (نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار) ئەركىن سىد...'
بەلگە: Visual edit يانفون نەشىرىنى تەھرىرلەش يانفون بېتىنى تەھرىرلەش
 
No edit summary
 
39 -قۇر:
مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى، يەنى 2003-يىلى 9-ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىگە «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. 2005-يىلى 12-ئايدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان. مەتتۇرسۇن بەيدۇللا دىسسېرتاتسىيە يېزىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ۋە دىيارىمىزدىكى باشقا شەھەر ۋە رايونلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇنىڭ بۇ تەكشۈرۈشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى: ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەت، توي، تۇغۇت، ئۆلۈم ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى» ناملىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى تۈركىيە س ف ن تېلېۋىزور تەشۋىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان.
 
دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەتەندە خىزمەت تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2006-يىلى ئۆزى ئالاقىلىشىپ، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (American University in Cairo)دا تەكلىپ بويىچە «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى» كەسپى بويىچە دەرس بەرگەن ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت قىلىپ قالماي، كەسپىي جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىستىكىدە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا دوكتور ئاشتىلىققا ئىلتىماس قىلغان ۋە 2007-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەرياندا «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى» ئىنستىتۇتى (Department of East Asian Languages and Civilizations, Harvard University)دا «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى»، [[ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ]](Massachusetts Institute of Technology)دىكى مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومىسكى پىروفېسسورلۇق قىلىۋاتقان فاكۇلتېتتا «ئۇيغۇر تىلى» كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە «ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» توغرىسىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان ۋە بۇ ماقالىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
 
مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قىستىشى بىلەن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەنىڭ فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى (Fatih Üniversites)نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرگەن بولۇپ، ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيەتشۇناسلىقى دەرسلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.