سۇلتان ئابدۇررەشىدخان: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
2 -قۇر:
 
'''سۇلتان ئابدۇررەشىدخان''' ([[ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى|ئۇيغۇر لاتىن]]: '''Abdurashid Xan،''' [[كرىل ئۇيغۇر يېزىقى|كرىل ئۇيغۇر]]: '''Абдурәшид Хан''') ھىجرى 914 - 968 / مىلادى 1508 - 1560 - يىللار ئارىسى ياشىغان، [[تۇغلۇق تۆمۈرخان]] (15=347 - 1363) پۇشتىدىن بولۇپ، [[سەئىدىيە خانلىقى|ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ]] ئىككىنچى سۇلتانى. [[سۇلتان سەئىدخان|سۇلتان سەئىدخاننىڭ]] ئوغلى. ھ. 939 (م. 1533) - يىلى سۇلتان سەئىدخان تىبەت (ئۇرساڭ) بۇددىستلىرىغا قارشى ئىسلام ئېچىپ سەپەردە كېسەل سەۋەبىدىن (نەپەس يېتىشمەسلىك) 1533 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ياركەند خانلىقىنىڭ تەختكە چىققان.
سۇلتان ئابدۇررەشىدخان شېئىرىيەتكىمۇ ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، تەخەللۇسى '''''رەشىدى''''' ئېرۇر.
 
== ھاياتى ==
Line 13 ⟶ 14:
 
ئۇنىڭ دەۋىرىدىشى بولغان [[مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان|مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان]] (دۇغلاتى) كەشمىردە تۇرۇپ چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرق غەرب ئىككىگە پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى (1347 - 1541) ئارىسى 200 يىللىق تارىخىنى قەلەمگە ئېلىپ «[[تارىخىي رەشىدىي]]» نامىدا بىر ئەسەر تەسنىف قىلغان.
 
== كىشىلىكى ==
سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، مۇتەپەككۇر، مۇزىكانت بولۇپلا قالماي، بەلكى پاساھەت ۋە بەلاغەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانىسى ئىدى. ئۇ «رەشىدى» تەخەللۇسى بىلەن ھەم تۈركىي ھەم فارسىي تىللاردا ئاجايىب لىرىك، ئاجايىپ پاساھەتلىك شىئېرلارنى يازغان.<ref name=":0">باياز 1، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 - يىل سىنتەبىر، 12 - بەت.</ref>
 
بەزى تارىخىي مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە «رەشىدى» ئۆزىنىڭ شېئىرلىردىن بىر دىۋان تۈزگەندۇر. ئەپسۇسكى، بۇ دىۋان ھازىرغىچە تېپىلمىدى.
«تارىخىي رەشىدى» (زەيلى) دە سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ تۆرت پارچە شىئېرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭ ئۈچىسى غەزەل بىرى رۇبائىدۇر.<ref name=":0" />
 
=== غەزەل ===
ئۇنىڭ [[پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام|پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە]] ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى غەزىلىدىن تىلىنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.
 
پەيغەمبەرلىككە تا قىلدىڭ جاھان ئەھلى ئارا داەئۋا، بۇ دەئۋاغە دېدىلەر بارچە: «ئامەننا ۋە سەددەقنا».
 
بۇرۇن زاتىڭنى ھەق ئۆز نۇرىدىن پەيدا قىلىپ ئەردى، سەبەب دۇنياغا كەلمەككە بولدى ئادەمۇ ھەۋۋا.
 
تۈفەيلىڭدۇر بەنى ئادەم، نە ئادەم، بەلكى ئالەم ھەم، تاپىلماس ئىككى ئالەمدە سۋنىڭدەك گەۋھەرى يەكتا.
 
....<ref name=":0" />
 
== مەنبەلەر ==
[[تۈر:تارىخىي شەخسلەر]]
[[تۈر:يەركەند خانلىرى]]