ھىزب ئەتتەھرىر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
1 -قۇر:
'''ھىزب ئەتتەھرىر''' ياكى '''ھىزبۇتتەھرىر''' ئەلئىسلامى (ئەرەبچە: حزب التحرير؛ [[ئىنگلىز تىلى|ئىنگ]]: Hizb ut-Tahrir) سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ [[مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي]] (ھ. 1326 - 1398 / م. 1909 - 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 - يىلى قۇرۇلغان<ref name=":0" />.

== نىشان ==
ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ<ref name=":0" />.

پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار پارتىيە نىشانىدىن چەتنىگەن، دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا  ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش... قاتارلىقلار<ref name=":0" />.

== رەھبەرلەر ==
شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەلۇم،زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار<ref name=":0">ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 683 - بەت. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الفلسطينية»، 1- توم، 564 - بەت. «هيئة الموسوعة الفلسطينية» نەشرى، م. 1984، دەمەشق.</ref>.
 
== مەنبەلەر ==