مۇئاز ئىبنى جەبەل: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
مۇئاز ئىبنى جەبەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
 
No edit summary
 
1 -قۇر:
 
'''مۇئاز ئىبنى جەبەل''' (مُعَاذُ بنُ جَبَلِ بنِ عَمْرِو الأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇئاز ئىبنى جەبەل ئىبنى ئەمر ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 18 / م. 604 – 639) 18 يېشىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئىتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ساھابىلەر ئىچىدىكى ھالال - ھارام ئەھكاملىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان فەقىھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن.
مۇئاز ئىبنى جەبەل
 
مۇئاز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا بىر ياش بالا ئىدى. ئۇ مەدىنىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئاساسەن مەدىنىدە تۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنسارلار بىلەن ئىككىنچى «ئەقەبە» بەيئىتىنى ئۆتكۈزىۋاتقاندا 70 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەكنىڭ ئارىسىدا يۈزى يورۇق، كۆزلىرى ئۆتكۈر، چىشلىرى پارقىراق، سالماقلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشى بىلەن كۆزلەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان، گەپ قىلسا كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان بىر يىگىت ئولتۇراتتى. ئۇ بولسىمۇ «مۇئاز ئىبنى جەبەل» رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ ئەنسارلادىن بولۇپ، ئىككىنچى «ئەقەبە» بەيئىتىدە بەيئەت قىلىپ ئەڭ ئاۋالقى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدەك ئىسلامنى بالدۇرلا قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭدەك ئىمان ۋە چىن ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان بىر ئادەم ھەر قانداق ئۇرۇش ياكى غازات بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەلۋەتتە ئايرىلىپ قالمايدۇ، مۇئاز ئەنە شۇنداق قىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شەرىئەت ئىلىمىگە ماھىرلىقى ئىدى. ئۇ شەرىئەت ئىلىمىنى بىلىش جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى تەرىپلەپ: «ئۈممىتىم ئىچىدە ھالال-ھارامنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغىنى مۇئاز ئىبنى جەبەلدۇر» دېيىشكە مۇيەسسەر بولغىدەك ئىلمى ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ئۇ ئەقلىنىڭ يورۇقلۇقى، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى جەھەتتە ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئوخشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭدىن:
-ئى مۇئاز، نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىسەن؟-دەپ سورىدى.
Line 47 ⟶ 48:
ئۇ ئۆلۈم سەكراتلىرى ئىچىدە، جاھاندىكى ھەر بىر جانلىقنىڭ ماھىيىتىنى ئىختىيارسىز ھالدا كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، گەپ قىلالىغان بولسا، نىيەت-مەقسىتى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى خۇلاسىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاشۇ مىنۇتلاردا ئۇ بىر ئۇلۇغ مۆمىننىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئۇلۇغۋار سۆزلەرنى قىلدى. كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دەۋاتاتتى: «ئى ئاللاھ، مەن سىلىدىن ھەقىقەتەن قورقاتتىم، لېكىن مەن ھازىر سىلىنىڭ رەھىم قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئى ئاللاھ، سىلى بىللا، مەن بۇ دۇنيانى دەريا-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇرۇش ياكى دەل-دەرەخلەرنى تىكىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تومۇزنىڭ تەشنالىقىغا بەرداشلىق بېرىش، مۈشكۈل سائەتلەرگە سەۋىرى-تاقەت قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم-ھېكمەت، ئىمان-ئېتىقاد ۋە تائەت-ئىبادەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياخشى كۆرەتتى». ئۇ خۇددى ئۆلۈم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىۋاتقاندەك ئوڭ قولىنى سوزدى. ئىچىدە:
-ئۆلۈمنى قارشى ئالىمەن، «دوستۇم كەمبەغەل ۋاقتىمدا كېلىپ قالدى»،-دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاللاھ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. مۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغان ۋاقتى توغرىسىدا ماتېرىياللاردا ئېنىق مەلۇمات يوق، لېكىن ھىجرىينىڭ 18-يىلى 38 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا بىز تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى 697-659 دەپ بېكىتىمىز.
[[تۈر:ساھابەلەر]]
[[تۈر:تارىخىي شەخسلەر]]
[[تۈر:ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى]]