زابىندىر خانلىقى (يۆبەن ئېلى): تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت ''''زابىندىر خانلىقى''' (悦般) مىلادىنىڭ 150 - يىللىرى غەربىي ھونلارنىڭ ن...'
 
No edit summary
1 -قۇر:
'''زابىندىر خانلىقى''' (般) مىلادىنىڭ 150 - يىللىرى [[شىمالىي (غەربىي) ھونلار|غەربىي ھونلارنىڭ]] ناھايىتى نۇرغۇن قىسمى [[ئوتتۇرا ئاسىيا]] ۋە بۈگۈنكى [[قازاقىستان|قازاقستاننىڭ]] غەربىگە قاراپ كۆچكەندە، ھونلارنىڭ ياشانغان ۋە ئاجىزلىرىدىن بولۇپ 200 مىڭ كىشى ھازىرقى كۇچانىڭ شىمالىدىكى جايلاردا تۇرۇپ قالغان. مانا شۇ ھونلار زابىندىر خانلىقى دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتنى قۇرغان. تەخمىنەن 160 – 490 ئەتراپىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.<ref name=":0">تۇرغۇن ئالماس، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986، 152 ― 154 - بەتلەر.</ref>
 
زابىندىر دۆلىتى ئۇيسۇنلارنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان... ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھونلارنىڭ شىمالىي تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىدى... ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ... ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش، ئۇلار ناھايىتى پاكىز، قىرقىمچاچ، قاشلىق كېلىدۇ. يۈزلىرىگە ئېرىمچىك سۈركەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى يالتىراپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئېغىز چايقايدۇ، ئاندىن تاماق يەيدۇ... <ref name=":0" /><ref>«ۋېينامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى. زابىندىر دۆلىتى»</ref>