ھونلار: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
1 -قۇر:
[[ھۆججەت:Hsiung-nu-Empire.png|thumb|347x347px|ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ زېمىنى.]]
ھونلار ياكى ھۇنلار (匈奴)
 
Line 8 ⟶ 9:
جۇ سۇلالىسى قۇرۇلۇپ يۈز يىلدىن كېيىن «روڭ» ۋە «يى» قەۋىملىرى سېلىق تۆلەشكە باشلىغان ۋە ئۇلار تارىختا «خوڭفۇ» دەپ ئاتالغان.
 
== ھونلارنىڭ يۇرتى ==
[[ھۆججەت:ھونلارنىڭ تارىخىي يۇرتلىرى.jpg|thumb|350x350px|ھونلارنىڭ تارىخىي يۇرتلىرى]]
ھونلار تارىختا ئەڭ دەسلەپ بۈگۈنكى [[ئورخۇن دەياسى|ئورخۇن دەيا]] بويلىرى، [[چوغاي تېغى|چوغاي تاغلىرىنىڭ]] جەنۇب ۋە شىمالى، [[ئالتاي تاغ تىزمىسى|ئالتاي]] ۋە [[تەڭرىتاغ تىزمىسى|تەڭرىتاغلىرىنىڭ]] جەنۇب ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدە ياشىغان.
 
== ھونلار ۋە تۈرك، ئۇيغۇرلار ==
ھونلار بىلەن [[تۈركلەر]] ۋە [[ئۇيغۇرلار|ئۇيغۇرلارنىڭ]] تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، چىراي شەكىللىرى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى. خىتاينىڭ «[[ۋېينامە]]»، «[[جۇنامە]]»، «[[سۈينامە]]» قاتارلىق قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلاردىكى تارىخىي ماتېرىياللىرىدا، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ھونلارنىڭ ئەۋلادى دېيىلگەن.
 
== ھونلار ۋە شاڭ (يىن) سۇلالىسى ==
شاڭ سۇلالىسى تەخمىنەن م. ب. 1600 – م.ب 1046 يىللار ئارىسى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بولۇپ، م. ب 1250 – م.ب 1192 - يىللار ئارىسى تەختتە ئولتۇرغان شاڭ خانى ۋۇدىڭ ھونلار بىلەن ئۈچ يىل ئۇرشقانلىقى قەيت قىلىنغان<ref>«قەدىمكى چاغدا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»، خەنچە، 3 - بەت.</ref>.
 
ئۇ دەۋرلەردە ھون ئېلىنىڭ پايتەختى تۈمەنبالىغ شەھرى بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخۇتنىڭ شەرقىگە توغرا كېلەتتى.
 
== ھونلار ۋە جۇ سۇلالىسى ==
[[ھۆججەت:جۇ سۇلالىسى.jpg|thumb]]
 
=== غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرى ===
ھونلار مىلادىدىن ئون ئەسر بۇرۇن جۇ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇ خەلقىنى يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
 
ئۆي ماكانــــــــــــــــدىن، ئائىـــــــــلەدىن قالـــــــــدۇق ئايرىلىپ،
 
دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھونلار دەستىدىن.
 
يۈردۇق كۆچۈپ تىنمــــــــــــــــاي دائىم تېنەپ، تەمتىرەپ،
 
دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھونلار دەستىدىن.
 
[[جۇ شۈەنۋاڭ]] (م. ب. 827 –  م. ب. 782) دەۋرىدە ھونلار [[غەربىي جۇ سۇلالىسى]] پايتەختىگە خەۋپ سېلىشقا باشلىغان. م. ب. 827 - يىلى جۇ شۈەنۋاڭ ھونلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ھونلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان.
 
[[جۇ يۈۋاڭ]] (م. ب. 781 – م. ب. 771) ئۇدا قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈستىگە توقال خانىش بوتسى تۇغقان بەيپۇ ئاتلىق ئوغۇلنى ۋەلىئەھد قىلىپ خانىش شىن خۇنىڭ ئوغلى يىجۇڭنى تەخت ۋارىسلىقىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خانىشنىڭ ئاتىسى ھونلارغا قېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى جۇ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە 771 - يىلى ھونلارنىڭ خاۋچېڭغا بېسىپ كىرگەن. جۇ سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان.
[[ھۆججەت:ئەمنىيە دەۋرى.jpg|thumb|شەرقىي جۇ سۇلالىسى ئەمنىيە دەۋرى]]
 
=== شەرقىي جۇ سۇلالىسى دەۋرى ===
م. ب. 771 - يىلى [[جۇ پىڭۋاڭ]] پايتەختنى شەرقتىكى [[لوياڭ شەھىرى|لوياڭغا]] كۆچۈرىدۇ ۋە تارىختا [[شەرقىي جۇ سۇلالىسى]] دەپ ئاتالغان ھاكىمىيەتنى قۇرىدۇ.
 
ھونلار 636 - يىلى [[جۇ شىياڭۋاڭ|جۇ شىياڭۋاڭنى]] پايتەخت لوياڭدىن قوغلاپ چىقارغان.
 
=== يېغىلىق دەۋرى ===
[[ھۆججەت:يېغىلىق دەۋرىدىكى يەتتە كۈچلۈك بەگلىك.jpg|thumb|شەرقىي جۇ سۇلالسى يېغىلىق دەۋرىدىكى يەتتە كۈچلۈك بەگلىك]]
ھونلار [[يېغىلىق دەۋرى|ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر]] دەۋرىدە ئۆزلىرىگە ناھايىتى پايدىلىق بولغان شارائىتتا ئىنتايىن جىددىيلىك بىلەن ھەربىي قوشۇنلىرىنى تولۇقلاپ، جەڭگىۋالىقنى كۈچەيتكەن. ئاندىن ھون ئاتلىقلىرىنى [[ئوردوس يايلىقى]] ۋە چوغاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە توپلاپ، شۇ يەردىن ئەتراپىدىكى قوشنا بەگلىكلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىغان.
 
مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا [[يەن بەگلىكى|يەن]]، [[جاۋ بەگلىكى|جاۋ]] ۋە [[چىن بەگلىكى|چىن]] قاتارلىق ئۈچ بەگلىك ھونلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مىلادىدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي چىگراسىغا سېپىل سېلىشقا باشلىغان. مانا بۇ سەددىچىن سېپىلىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدۇر. شۇنداقتمۇ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش تەس بولغان.
 
[[م. ب. 265 - يىلى]] ھونلار ۋە جاۋ بەگلىكى ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشتا 100 كىشىلىك ھون مەغلۇبىيىتى قوشۇنى مەغلۇب قىلىنغان.
 
== ھونلار ۋە چىن سۇلالىسى ==
[[م. ب. 228 - يىلى]] چىن بەگلىكىنىڭ بېگى [[چىن شىخۇاڭ|يىڭجېڭ]] قالغان ئالتە بەگلىكنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلىنىپ [[م. ب. 221 - يىلى]] پۈتۈن يەتتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرپ چىن سۇلالىسىنى قۇردى. ئۇ تارىختا [[چىن شىخۇاڭ]] دەپ ئاتالدى.
 
[[م. ب. 215 - يىلى]] چىن شىخۇاڭنىڭ [[مېڭ تيەن]] سانغۇن باشچىلىقىدا 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوردوس يايلىقىنى بېسىۋالغان ۋە جىنايەتچىلەرنى كۆچۈرۈپ بېرىپ 44 ناھىيە تەسىس قىلىپ، [[سېرىق دەريا]] بويلىرىنى مۇداپىئە قىلغان ۋە پايتەخت [[چاڭئەن|چاڭئەنگە]] كېلىدىغان خەۋپنى تۈگەتكەن.
 
ئوردوس يايلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن چېن شىخۇاڭ ئەسلىدىكى جاۋ ۋە يەن سېپىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ چىن سېپىللىرنى تۇتاشتۇرۇپ تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شەرقتە شەنخەيگۈەندىن غەربتە لىڭتاۋغىچە 5٫000 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتر، كەڭلىكى يەتتە مېتر كېلىدىغان [[سەددىچىن سېپىلى|سەددىچىن سېپىلىنى]] قۇرۇپ چىقتى.
 
== باتۇر تەڭرىقۇ دەۋرى ==
[[تۈمەنخان]] تەرىپىدىن [[ياۋچىلار|ياۋچىلارغا]] ئەۋەتىلىپ تۇرغاقتا تۇردى ۋە ھون - ياۋچى مۇناسىۋىتى بوزۇلغان ھامان قېچىپ چىقىپ يۇرتىغا قايتتى؛
 
م. ب. 209 - يىلى 10 مىڭ كىشىلىك ھون ئاتلىق قوشۇنلىرىغا سەردار بولدى ۋە ئاۋازلىق ئوقيانى كەشپ قىلىپ، ئەسكەرلەرنى سىناش ئارقىلىق ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلدۇرۇپ ئاتىسى تۈمەندىن ھوقۇقنى تارتىپ ئالدى؛
 
ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىپ، شەرقتە تىنچ ئوكياندىن تارتىپ، غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە؛ شىمالدا لىنا دەرياسى، بايقال كۆلى ۋە يېنسەي دەرسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغىچە، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلى، ھىندىستان/سىندنىڭ شىمالىغىچە بولغان مىلادى 216 غىچە ھۆكۈم سۈرىدىغان بۈيۈك بىر ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقتى.
 
=== ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قوشنىلىرى ===
ھونلار شەرقتە تۇنگۇسلار، غەربتە ئۇلۇغ ياۋچىلار ۋە ئۇيسۇنلار بىلەن؛ جەنۇبتا چىن سۇلالىسى، چياڭلار (تىبەت) ۋە سىند (ھىندىستان)، شىمالدا شەرقىي ئۇيغۇر ياكى دىڭلىڭلار؛ قىرغىزلار؛ چىپار ئاتلار قەۋمى بىلەن قوشنا ئىدى.
 
=== باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ===
م. ب. 207 دە چىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ خەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى پاراكەندىچىلىك يىللىرىدا كۈچىنى توپلاپ ئەتراپقا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
 
م. ب. 205 تە ئەسلىدىكى قوشنا تۇڭگۇسلارنى بويسۇندۇرغان؛
 
ئاندىن كېيىن ئۇلۇغ ياۋچىلارنى بويسۇندۇرغان؛ ئۇيسۇنلارنى خېشى كارىدورىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن؛
 
م. ب. 215 - يىلى چىن شىخۇاڭ بېسىۋالغان ئوردۇس يايلىقىنى م. ب. 202 - يىلى قايتۇرۇۋالغان.
 
== مەنبەلەر ==