ھونلار: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
1 -قۇر:
[[ھۆججەت:Hsiung-nu-Empire.png|thumb|347x347px|ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ زېمىنى.]]'''ھونلار''' ياكى '''ھۇنلار''' (خەنچە: 匈奴، پىنيىن: '''Xiōngnú'''، [[يىراق قەدىمكى خەنزۇ تىلى|يىراق قەدىمكى خەنچە]] ئوقۇلۇشى: *qʰoŋ.nˤa) بولۇپ، تارىختا ئاسيا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئوتتۇرا ۋە غەربىگىچە، ئاخىرى شەرقىي ياۋرۇپاغىچە ئات ئويناتقان بىر بۇدۇندۇر.
[[ھۆججەت:Hsiung-nu-Empire.png|thumb|347x347px|ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ زېمىنى.]]
ھونلار ياكى ھۇنلار (匈奴)
 
== ئاتالغۇ ھەققىدە ==
خەنزۇ تارىخچى [[سىماچيەن]] «[[تارىخىي خاتىرىلەر]]: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»دا [[خۇاڭدى|خۇاڭدىنىڭ]] ھونلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى تىلغا ئالغان<ref>سىماچيەن «تارىخىي خاتىرىلەر: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»، خەنچە، 5 - بەت.</ref>؛ قەدىمىي خەنچىدە (匈奴 / hoŋnu) دەپ قەيت قىلىنغان.
 
[[ئەھمەت زەكىي ۋەلىدى توغان]]: «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ<ref>ئە. ز. ۋەلىدى توغان: «ئۇمۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 45 - بەت.</ref>. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن. ئەجدادلار ئورخۇن دەرياسىنى «خۇن» دەرياسى دەپ ئاتاشقانىكەن.
Line 17 ⟶ 16:
 
== ھونلار ۋە شاڭ (يىن) سۇلالىسى ==
شاڭ سۇلالىسى تەخمىنەن م. ب. 1600 – م.ب 1046 يىللار ئارىسى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بولۇپ، م. ب 1250 – م.ب 1192 - يىللار ئارىسى تەختتە ئولتۇرغان شاڭ خانى ۋۇدىڭ ھونلار بىلەن ئۈچ يىل ئۇرشقانلىقى قەيت قىلىنغان<ref name=":0">«قەدىمكى چاغدا جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»، خەنچە، 3 - بەت.</ref>.
 
ئۇ دەۋرلەردە ھون ئېلىنىڭ پايتەختى تۈمەنبالىغ شەھرى بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخۇتنىڭ شەرقىگە توغرا كېلەتتى.
Line 33 ⟶ 32:
يۈردۇق كۆچۈپ تىنمــــــــــــــــاي دائىم تېنەپ، تەمتىرەپ،
 
دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھونلار دەستىدىن<ref name=":0" />.
 
[[جۇ شۈەنۋاڭ]] (م. ب. 827 –  م. ب. 782) دەۋرىدە ھونلار [[غەربىي جۇ سۇلالىسى]] پايتەختىگە خەۋپ سېلىشقا باشلىغان. م. ب. 827 - يىلى جۇ شۈەنۋاڭ ھونلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ھونلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان<ref>ۋاڭ يۇشىن: «غەربىي جۇ سۇلالىسى سەققىدە قىسسە»، خەنچە، 172 - بەت.</ref>.
 
[[جۇ يۈۋاڭ]] (م. ب. 781 – م. ب. 771) ئۇدا قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈستىگە توقال خانىش بوتسى تۇغقان بەيپۇ ئاتلىق ئوغۇلنى ۋەلىئەھد قىلىپ خانىش شىن خۇنىڭ ئوغلى يىجۇڭنى تەخت ۋارىسلىقىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خانىشنىڭ ئاتىسى ھونلارغا قېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى جۇ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە 771 - يىلى ھونلارنىڭ خاۋچېڭغا بېسىپ كىرگەن. جۇ سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان.
Line 43 ⟶ 42:
م. ب. 771 - يىلى [[جۇ پىڭۋاڭ]] پايتەختنى شەرقتىكى [[لوياڭ شەھىرى|لوياڭغا]] كۆچۈرىدۇ ۋە تارىختا [[شەرقىي جۇ سۇلالىسى]] دەپ ئاتالغان ھاكىمىيەتنى قۇرىدۇ.
 
ھونلار 636 - يىلى [[جۇ شىياڭۋاڭ|جۇ شىياڭۋاڭنى]] پايتەخت لوياڭدىن قوغلاپ چىقارغان<ref>رىنچۇ، ۋاڭ تۇڭلىڭ: «جۇڭگونىڭ مىللىي تارىخى»، خەنچە، 20 - بەت.</ref>.
 
=== يېغىلىق دەۋرى ===
Line 51 ⟶ 50:
مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا [[يەن بەگلىكى|يەن]]، [[جاۋ بەگلىكى|جاۋ]] ۋە [[چىن بەگلىكى|چىن]] قاتارلىق ئۈچ بەگلىك ھونلاردىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن مىلادىدىن 5 ئەسر بۇرۇن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي چىگراسىغا سېپىل سېلىشقا باشلىغان. مانا بۇ سەددىچىن سېپىلىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىدۇر. شۇنداقتمۇ ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش تەس بولغان.
 
[[م. ب. 265 - يىلى]] ھونلار ۋە جاۋ بەگلىكى ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشتا 100 كىشىلىك ھون مەغلۇبىيىتى قوشۇنى مەغلۇب قىلىنغان<ref>سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر: لىمۇ ھەققىدە قىسسە» بابىقا قارالسۇن.</ref>.
 
== ھونلار ۋە چىن سۇلالىسى ==
[[م. ب. 228 - يىلى]] چىن بەگلىكىنىڭ بېگى [[چىن شىخۇاڭ|يىڭجېڭ]] قالغان ئالتە بەگلىكنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلىنىپ [[م. ب. 221 - يىلى]] پۈتۈن يەتتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرپ چىن سۇلالىسىنى قۇردى. ئۇ تارىختا [[چىن شىخۇاڭ]] دەپ ئاتالدى.
 
[[م. ب. 215 - يىلى]] چىن شىخۇاڭنىڭ [[مېڭ تيەن]] سانغۇن باشچىلىقىدا 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوردوس يايلىقىنى بېسىۋالغان ۋە جىنايەتچىلەرنى كۆچۈرۈپ بېرىپ 44 ناھىيە تەسىس قىلىپ، [[سېرىق دەريا]] بويلىرىنى مۇداپىئە قىلغان ۋە پايتەخت [[چاڭئەن|چاڭئەنگە]] كېلىدىغان خەۋپنى تۈگەتكەن<ref>تۇرغۇن ئالماس: «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، 14 - بەت.</ref>.
 
ئوردوس يايلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن چېن شىخۇاڭ ئەسلىدىكى جاۋ ۋە يەن سېپىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ چىن سېپىللىرنى تۇتاشتۇرۇپ تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شەرقتە شەنخەيگۈەندىن غەربتە لىڭتاۋغىچە 5٫000 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتر، كەڭلىكى يەتتە مېتر كېلىدىغان [[سەددىچىن سېپىلى|سەددىچىن سېپىلىنى]] قۇرۇپ چىقتى.