Ajax: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
2017 source edit
 
1 -قۇر:
ajax'''AJAX''' (Asynchronous Javascript and XML) بولسا نۆۋەتتىكى تور كۆرگۈچلەردە javascript قوليازما تىلى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بارلىق تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ . گەرچە Ajax يېڭى بىرخىل تېخنىكىنى ئوتتۇرغا چىقىرالمىسىمۇ، قىستۇرما (嵌套)ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ . ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، Ajax تۆۋەندىكى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
 
1 . XHTML ۋە [[CSS]]
 
2. ئارخىپ ئوبىكىت مودلى : Document Object Model
14 -قۇر:
 
Ajax نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە، Ajax ئىشلەتكۈچى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارىسىدا بىر ئوتتۇرا قاتلامنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارىسىدا قەدەملىك مەشخۇلات(باسقۇچلار بويىچە) شارائىتى ھازىرلايدۇ . ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەنەنىۋى تور قۇرۇلمىسى، ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ يوللىغاندىن كىيىن، بۇ ئۇچۇرلار مۇلازىمىتىرغا بارىدۇ، مۇلازىمىتىر بۇلارنى ماس بولغان ئۇچۇر بىر تەرەپ بىر تەرەپ قىلىش مۇھتىغا يوللايدۇ (مەسلەن، مەلۇم خىل قوليازما تىلى پروگراممىسى)، بۇ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان بەت يۈزى ئۇچۇرلىرىنى قايتۇرىدۇ . لىكىن Ajax نى ئىشلەتكەندە، javascript تېخنىكىسى بىلەن XMLHttpRequest ئوبىكىتى توې بېكەت پېوگراممىسى بىلەن مۇلازىمىتىر ئارلىقىغا قويۇلىدۇ . ئىشلەتكۈچى ئۇچۇر يوللىغاندا بۇ ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن javascript كودىغا يوللىنىپ بېرىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىۋاستە مۇلازىمىتىرغا يوللانمايدۇ، ئەكىسچە بۇ ئۇچۇچلارنى javascript كودى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇلازىمىتىرغا تەلەپ ئۇچۇرى يوللايدۇ . شۇنداقلا ئىشلەتكۈچى تەرەپ تولدۇرغان ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنىمۇ ئۆچۈپ كەتمەي تۇرىدۇ . مۇشۇندا قىلىپ javascript كودى يوشۇرۇپ ھالەتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ جەريانلارنى سەزمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچۇرلار قەدەممۇ - قەدەم يوللىنىدىغان بولۇپ، تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكۈچى يەنە داۋاملىق تولۇقلاپ تاپشۇرالايدۇ . (ئەسلىدىكىلىرى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، ئەگەر Ajax ئىشلىتىلمىسە بەت بىر يېڭىلانغاندىن كىيىن تولدۇرۇلغان ئۇچۇرلار يوقىلىدۇ - دە يەنە باشتىن تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ) ئاندىن كىيىن مۇلازىمىتىر ئۇچۇرلارنى يەنە javascript كود بۆلىكىگە يوللاپ بېرپ، ئاندىن كىيىن بۇي ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ بۇ جەرياندىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانى تىز سۈرەتتە ئېلىپ بېرىلىپ پروگرامما سۈرىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشىغىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
 
[[تۈر: كومپيۇتېر تىلى]]
"https://ug.wikipedia.org/wiki/Ajax" دىن ئېرىشكەن