فارابى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
12 -قۇر:
فارابى ئۆز يۇرتىدا ماتىماتىكا، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ھەم پارس تىلى، گرىك تىلى، ئەرەپ تىلىنى ئۈگەنگەن. ھىجىرىيە 310-يىلى ئىراققا كەلگەن ۋە بۇ يەردە پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت، ماتىماتىكا، مۇزىكا ھەم ئەرەپ تىلى قاتارلىق مۇھىم تىللارنى ئۈگەنگەن. نۇرغۇن تارىخچىلار فارابىنى 70 خىل تىل بىلەتتى دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ گەرچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولسىمۇ، فارابى ئۆز دەۋرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم ئەدەبىي تىللارنى ئۈگەنگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى، پارس تىلى ۋە ئالىملار، ھۈنەرۋەنلەر تىلى بولغان گرىك تىلىغا بەك پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەرەب تىلىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تىلدا شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى پەيلاسوپلسر ۋە ماتىماتىكلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلاردۇر.
 
فارابى ھىجىرىيە 330-يىلى ئىراقتىن سۈرىيەنىڭ[[سۈرىيە]]نىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردە پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە ھەمەدانى بىلەن ئۇچراشقان. پادىشاھ فارابىنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلغان. فارابى بۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تەخمىنەن ھىجىرىيە 338-يىلى ئەتراپىدا بىر قىتىم مىسىرغىمۇ بېرىپ كەلگەن. زور كۆپچىلىك تارىخچىلار: فارابى ھىجىرىيە 339-يىلى دەمەشىقتە ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ. پادىشاھ سەيفۇل دەۋلە ئون بەش نەپەر ئەلەمدار ھەم قەلەمدارلىرىنى باشلاپ، فارابىنىڭ نامىزىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «كىچىك دەرۋازا» سىرتىغا دەپنە قىلغان.
فارابىنىڭ تاللىۋالغىنى تەركىيدۇنيا، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش ئىدى.ئۇ توي قىلمىغان بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگول ئۆتكەن ئىدى. ھەر كۈنى پادىشاھ سەيپۇل دەۋلە خەزىنىسىدىن خىراجىتىگە پەقەت تۆت دەرھەم ئېلىشقىلا ئۇنايتى. فارابى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يالغۇزلۇقنى ياقتۇراتتى.