چىن تۆمۈر باتۇر: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلاNo edit summary
ئازراقلاNo edit summary
8 -قۇر:
 
__ ئى پادىشاھى ئالەم، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنلىرى مۈشۈك تۇغدى، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى، بۇ نېمىدېگەن رەسۋاچىلىق، __ دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.
ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى: چوڭ خوتۇنى كۈلگە تاشلىۋەتكەن ھېلىقى بالىلارنى بىر ئېيىق سۇدىن ئاچىقىپ، جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ بېقىپتۇ. بالىلار ئۈسۈپ چوڭ بوپتۇ. ئەقلىگە كەلگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە ئات قويۇۋاپتۇ. ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ. بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ساغلام، كۈچلۈك ھەم بەك چىرايلىق بولۇپ ئۈسۈپتۇ. كېيىنچە ئۇلار ئېيىقتىن ئايرىلىپ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگە ئۆي ياساپ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىلا ئوۋ قىلىشنى ئۆگەنگەچكە، تۈرلۈك جان-جانىۋارلارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۈن ئوۋ ئوۋلايدىكەن. مىسران قىلىچى بېلىدىن، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن، كاپ-كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقىپ كېتىۋېتىپ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ:
 
__ سىڭلىم مەختۇمسۇلا، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆگزىگە چىقما، ئوتنى ئۆچۈرمە، سۇنى كۆچۈرمە، توخۇنى "تاخ" دېمە، مۈشۈكنى "پەش" دېمە، ئوت ئۆچۈپ قالسا، تۈتۈن چىققان ياققا ئوت سوراپ كېتىپ قالما.