كيوتو كىلىشىمنامىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
3 -قۇر:
[[بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى]] كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كىتىش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىگە چارە تېپىش مەقسىتىدە، 1997- يىلى 11- نويابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپۇنىيىنىڭ ئىمپىراتورلۇق پايتەختى كيوتو شەھىرىدە بىر كېلىشىمنامە ئىمزالاندى. كيوتو كېلىشىمنامىسى، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەرتلىرى 2005- يىلى 16- فېۋرالدا ھازىرلانغان بولۇپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.
 
قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتلىرى، كېلىشىمنامىنى كەم دېگەندە 55 دۆلەتنىڭ ئىمزالىشى ۋە كيوتو كېلىشىمنامىسىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنىڭ 55 % كە يېتىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىنچىسى 2002- يىلى 23- مايدا ئىسلاندىيىنىڭ كيوتو كېلىشىمنامىسىگە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرلانغان بولدى. ئىككىنچى شەرتى بولسا، 2004- يىلى 18 – نويابىردا رۇسىيىنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ھازىرلاندى. كيوتو كېلىشىمنامىسىمۇ قارار قىلىنغىنىدەك 90 كۈن كېيىن، يەنى 2005- يىلى 16- فېۋرالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. تۈركىيە، 2009- يىلى 5- فېۋرالدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر قانۇنغا ئاساسەن، كيوتو كېلىشىمىنىڭ 179- ئەزاسى بولدى. كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى -1990 يىلىدىكى پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ گاز مىقدارىنى يەنە 5.2% ئەتراپىدا ئازايتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۇنياغا مۇھىت جەھەتتىن ئەڭ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن دۆلەتلەر، ئەڭ كۆپ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردۇر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كيوتو كېلىشىمنامىسى ئىمزالاشنى رەت قىلغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كېلىدۇ. كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغانئىمزdgsddsfvxالىغان دۆلەتلەر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى، پارنىك ئېففېكتى پەيدا قىلىدىغان گازلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارى يوقىرى بولغان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 26.5%، رۇسىيە 8%، جۇڭگو 7.6%، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 29.3% قاتارلىقلاردور. تۈركىيە بولسا بۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، 0.004% ئەتراپىدىدۇر. تۈركىيە كيوتو كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش بىلەن ھەم ئىتتىپاقىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەمدە يەر شارىغا قارىتاقارىتاcvxcvx مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئادا قىلغان بولىدۇ.
 
بۈگۈنكى كۈندە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان كيوتو كېلىشىمنامىسىنىڭ مۇددىتى 2012- يىلى ئاخىرلىشىدۇ. 2012- يىلى، دېكابر ئېيىدا، دانىيىنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن شەھرىدە بۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر كېلىشىمنامە ئىمزالايدۇ. تۈركىيە، بۇ كېلىشىمنامىگە ئەزا بولۇش ئارقىلىق، يېڭى كېلىشىمنامىنىڭ روياپقا چىقىشىدا باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، پىكىر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.