سېگولەن رويال: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
42 -قۇر:
2006-يىلى 16-نويابىردا، 60,65 % ئاۋاز بىلەن، كىيىنكى يىلىدىكى پرزدىنت سايلىمىغا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ بىردىنبىر نامزاتى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن. 2007-يىلى 6-مايدىكى پرزدىنت سايلىمىدا، نېكولا ساركوزىغا پەقەت ئالتە پىرسەنت ئاۋاز كەمچىلىكى بىلەن ئۇتتۇرغان.
==شەخسى ھاياتى==
2007-يىلىدىكى پىرزدىنت سايلىمى شۈبھىسىز يېقىنقى زامان فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق بىر سايلامدۇر. فىرانسىيەگە ئوخشاش بىر كونسېرۋاتىپ دۆلەتتە، بىر ئايالنىڭ پىرزدىنت سايلىمىدا رەسمى ھالدا ئەر كاندىداتلارغا تەھدىت بولالىشى ھەقىقەتەن بىرىنچى قېتىم ئىدى. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى نامزاتى سېگولەن رويال ئەمەلىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى غوللۇق رەھبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ھەر بىر رەھبەر ئۆزىنى پىرزدىنتلىق ئورنىغا مۇناسىپ كۆرەتتى ۋە رويالنى قابىلىيەتسىز دەپ ئويلايتتى. رويالنىڭ يىگىرمە يىللىق ھەمراھى، تۆت بالىسىنىڭ ئاتىسى بولغان فرانسوۋا ئوللاڭد سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، كىيىن چىققان رويالنىڭ ھاياتىغا ئائىت كىتاپلاردا دىيىلىشىچە ئوللاڭدىنى بىر مۇخبىر قىز بىلەن ئالاقىسى بار دەپ بىلگەن رويال ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بىر ئايال ئىكەنلىكىنى تونۇتماقچى بولغان. 80-يىللاردىكى پىرزدىنت مېتتېراڭ زامانىدا بىر مەزگىل مائارىپ مىنىستىرى بولغان رويال سىرتقى قىياپىتى ئاددى بىر ئايال ئىدى. لېكىن بۇ قېتىملىق سايلام مەزگىللىرىدە ئۇ سىرتقى قىياپىتىنى تامامەن يېڭى بىر تۈسكە كىرگۈزدى. رويالغا قارشى نۇرغۇن سوتسىيالىستلار ئۇنى گۈزەللىكى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى دەپ ئەيىپلەشتى. شۇنچە كۆپ غوللۇق رەھبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى تاللىمىغان پارتىيە ئەزالىرى كۆپ سانلىق بىلەن رويالنى پارتىيەنىڭ بىردىنبىر پىرزدىنت نامزاتلىقىغا كۆرستىشتى . فىرانسىيە ئەڭ ئاخىرى يەنىلا بىر ئەرنى بىر نەچچە پىرسەنت ئاۋاز ئۈستۈنلىكى بىلەن پىرزدىنتىلىققا سايلىدى.
 
سېگولەن رويال بۇ قېتىملىق سايلامدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، 20 نەچچە يىللىق ھەمراھى فرانسوۋا ئوللانددىن ئايرىلىپ كەتتى. سايلامدىن كىيىن، 2008-يىلى 5-ئايدا، ئوللاند ئون يىل ئىدارە قىلغان سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەندىن كىيىن، رويال ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، پارتىيەنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىشى بىلەن، لىل شەھرى شەھەر باشلىقى مارتىن ئوبرىيغا سايلامدا ئۇتتۇردى.
 
2009-يىلى 4-ئايدا، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى خوزې زاپاتېروغا سېگولەن رويال پرزدىنت ساركوزىنىڭ زاپاتېروغا تۇتقان ھاكاۋۇر پوزىتسىيەسى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پارچە خەت يېزىپ، فرانسىيە نامىدىن ئەپۇ سورايدۇ. ساركوزى لوندوندا ئېچىلغان 20 كۈچلۈك دۆلەتلەر يىغىنىدىكى چۈشلۈك تاماقتا، سوتسىيالىست زاپاتېرونى ئانچە ئەقىللىق ئەمەس دېگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، ساركوزىنىڭ 2008-يىلى ئاپرىلدا، سېنېگال پايتەختى داكاردا قىلغان نۇتقىدا قوللانغان "ئافرىقا ئادىمى" دېگەن سۆزى ئۈچۈن، بىر يىل كىيىن، سېگولەن داكارغا قىلغان زىيارىتىدە، يەنە فرانسىيە نامىدىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدى. بۇ ئىككى ئەپۇ سوراش ئىشى فرانسىيەدە نۇرغۇن مەسخىرە ۋە يۇمۇرلارغا سەۋەپ بولدى. سېگولەن رويالغا "كەچۈرۈم خانىم" دەپ لەقەم قويۇشتى ۋە بۇنىڭدىن كىيىن، "ھەركىمنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىغا رويال كەچۈرۈم سورايدۇ" دەپ يۇمۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
 
[[af:Ségolène Royal]]