سېگولەن رويال: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
41 -قۇر:
 
2006-يىلى 16-نويابىردا، 60,65 % ئاۋاز بىلەن، كىيىنكى يىلىدىكى پرزدىنت سايلىمىغا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ بىردىنبىر نامزاتى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن. 2007-يىلى 6-مايدىكى پرزدىنت سايلىمىدا، نېكولا ساركوزىغا پەقەت ئالتە پىرسەنت ئاۋاز كەمچىلىكى بىلەن ئۇتتۇرغان.
==قوزغىغان غۇلغۇلىلار==
==شەخسى ھاياتى==
2007-يىلىدىكى پىرزدىنت سايلىمى شۈبھىسىز يېقىنقى زامان فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق بىر سايلامدۇر. فىرانسىيەگە ئوخشاش بىر كونسېرۋاتىپ دۆلەتتە، بىر ئايالنىڭ پىرزدىنت سايلىمىدا رەسمى ھالدا ئەر كاندىداتلارغا تەھدىت بولالىشى ھەقىقەتەن بىرىنچى قېتىم ئىدى. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى نامزاتى سېگولەن رويال ئەمەلىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى غوللۇق رەھبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ھەر بىر رەھبەر ئۆزىنى پىرزدىنتلىق ئورنىغا مۇناسىپ كۆرەتتى ۋە رويالنى قابىلىيەتسىز دەپ ئويلايتتى. رويالنىڭ يىگىرمە يىللىق ھەمراھى، تۆت بالىسىنىڭ ئاتىسى بولغان فرانسوۋا ئوللاڭد سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، كىيىن چىققان رويالنىڭ ھاياتىغا ئائىت كىتاپلاردا دىيىلىشىچە ئوللاڭدىنى بىر مۇخبىر قىز بىلەن ئالاقىسى بار دەپ بىلگەن رويال ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بىر ئايال ئىكەنلىكىنى تونۇتماقچى بولغان. 80-يىللاردىكى پىرزدىنت مېتتېراڭ زامانىدا بىر مەزگىل مائارىپ مىنىستىرى بولغان رويال سىرتقى قىياپىتى ئاددى بىر ئايال ئىدى. لېكىن بۇ قېتىملىق سايلام مەزگىللىرىدە ئۇ سىرتقى قىياپىتىنى تامامەن يېڭى بىر تۈسكە كىرگۈزدى. رويالغا قارشى نۇرغۇن سوتسىيالىستلار ئۇنى گۈزەللىكى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى دەپ ئەيىپلەشتى. شۇنچە كۆپ غوللۇق رەھبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى تاللىمىغان پارتىيە ئەزالىرى كۆپ سانلىق بىلەن رويالنى پارتىيەنىڭ بىردىنبىر پىرزدىنت نامزاتلىقىغا كۆرستىشتى . فىرانسىيە ئەڭ ئاخىرى يەنىلا بىر ئەرنى بىر نەچچە پىرسەنت ئاۋاز ئۈستۈنلىكى بىلەن پىرزدىنتىلىققا سايلىدى.