بالزاك: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلا robot Adding: cs:Honoré de Balzac
ئازراقلاNo edit summary
4 -قۇر:
 
|-
! بالزاك (Honoré de Balzac
فرانسۇزچە "ئونوغې دۆ بالزاك" دەپ ئوقۇلىدۇ)
|-
! [[File:HBalzac.jpg|200px]]
Line 31 ⟶ 32:
*رومانتىك
|}
[[فرانسىيە|فرانسىيەنىڭ]] ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى [[پارىژ|پارىژغا]] يېقىن تۇر شەھرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلۇق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك [[فرانسىيە]] ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئى 91 پارچە بولۇپ، "ئىنسان كومىدىيىسى" نامىدا تونۇلغان.
 
سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان.
Line 41 ⟶ 42:
بالزاك تۆت بالىلىق ئۆيدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى بىر ساناتورىيەنىڭ مەمۇرى خادىمى ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى لور بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، لور ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. بالزاك ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، لور ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
 
1814-يىلىغا قەدەر، بالزاك تۇر ئەتراپىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1815-يىلىدىن ئېتىبارەن، پارىژنىڭ مارە مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا "شارلىمانىيە"گە ئوقۇشقا كىرگەن. بالزاكنىڭ دادىسى بەرنار فرانسوۋا بالسا پارىژدىكى بىر ھەربى مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرىلىدۇ ۋە بالزاك ئائىلىسى [[پارىژ|پارىژغا]] كۆچۈپ كىرىپ، مارە مەھەللىسىدىكى ئىبادەتخانا كوچىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.
 
1816-يىلى، 11-ئايدا، بالزاك سوربون ئۇنىۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بۇ ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانۇن مەسلىھەتچىلىكى كابىنتىدا پىراكتىكا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
Line 61 ⟶ 62:
رىئالىزىمچىلىقىغا قارىماي، كاستېرىس خانىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، بالزاك شاھىزىمچى (پادىشاھلىق تۈزۈمچى)بولۇپ، 1832-يىلى، "ئىسلاھاتچى" ژورنىلىدا ئۆزىنىڭ شاھىزىمچى ۋە كاتولىكلىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئەسلىدىكى كۆز-قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، سىياسى ۋە دىندار بىر ئورگاننىڭ جەمىيەتتە ھۆكۈم سۈرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
 
1833-يىلى ئۇنىڭ ھەۋەسمەنلىرىدىن بولغان [[پولشا|پولشالىق]] گراف خانىم ھانىسكا بىلەن تونۇشىدۇ ۋە 17 يىللىق چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. كىيىن ئۇنىڭ ھانىسكاغا يازغان بارلىق خەتلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىدۇ.
 
==ئىنسان كومىدىيىسى==
Line 73 ⟶ 74:
==ئۆمرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئۆلۈمى==
 
1847-يىلىدىن 1948-يىلىغا قەدەر، بالزاك ئوكرائىنادا، گراف ھانىسكانىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالىدۇ. كېسەلدىن بارغانسېرى ئۆزىنى ئالالمايۋاتقان بالزاك، 1850-يىلى، گرافقا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئەر-ئايال پارىژغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچ ئايدىن كىيىن، 18-ئاۋغۇست، كېچە سائەت 11 يېرىمدا، قاتتىق ئىشلەش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى [[پارىژ|پارىژدىكى]] داڭلىق قەبرىستان "ئورۇندۇق ئاتا (فرانسۇزچە پەخ لا شەز)"غا دەپنە قىلىنىدۇ.
 
يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، گراف ھانىسكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قانچە رومانىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ.