ئۇچتۇرپان ناھىيىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
ئازراقلاNo edit summary
3 -قۇر:
 
== تارىخ ==
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇ دۆلىتى يېرى بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 23 - يىلى (1758 - يىلى) ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى قويۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 30 - يىلىدىن 51 - يىلىغىچە (1765 - يىلىدىن 1786 - يىلىغىچە) بولغان بىر مەزگىلدە قەشقەر مەسلىھەتچى ئامبىلى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ تۇرغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئۆزگەرتىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى 4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.
==جۇغراپىيە==
 
== مەمۇرىي رايون ==
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 139.5 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 124.5 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8560.8 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 8 يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1111 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 167 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.36% نى، خەنزۇلار 6.53% نى، باشقا مىللەتلەر 3.11% نى تەشكىل قىلىدۇ.  ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس بولۇپ، ئىككى تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. يەر مەيدانىنىڭ 59.5% نى تاغ يېرى، 28% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك 12.5% نى دەريا ۋادىسىدىن پەيدا بولغان تۈزلەڭلىك تەشكىل قىلىدۇ. توشقان دەرياسى پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 516 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر، (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس سۇ مىقدارى 640 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار، تۈلكە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چەچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، قانتېپەر، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، سىماب، فوسفور، ئاليۇمىن، كۆمۈر، مەرمەر تاش، قوغۇشۇن، سىنىك، بارىت، سىڭىرتاش، سۈرمە، ھاك تاش، ساپال ۋە فار - فۇر توپىسى قاتارلىقلار بار. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 35.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 26.6℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 24.0℃ كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2871.3 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3484.9℃، قىروسىز مەزگىلى 185 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 92.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1981.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ گېكتار (465 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 18 مىڭ 500 گېكتار (277 مىڭ 500 مو) ئوتلاق كۆلىمى 18 مىڭ 300 گېكتار (275 مىڭ مو)، ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان يەر 19 مىڭ 300 گېكتار ( 290 مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، دادۇر، كېۋەز، مايلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوينى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى قەدەممۇ قەدەم ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 306 - لىنىيىسى ناھىيىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزا تاشيوللىرى دەسلەپكى قەدەمدە مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلدى. يوللارنى ئاسفالىتلىشىش نىسبىتى 70% تىن كۆپرەككە يەتتى. ئوبتىكىلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكىلىرى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 4000℃ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
== ئىقتىساد ==
== ئاساسىي قۇرۇلۇش ==
Line 10 ⟶ 12:
== تەربىيە ==
== ساياھەتچىلىك ==
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىردىن قالغاچ شەكىللىك ۋە قۇلۇلە قېپى شەكىللىك تاشلار، <فېي - سېن ئابىدىسى>، يېڭىئايماق قەدىمىي شەھىرى، تاڭ پادىشاھى قەسىرى، توققۇز ساراي (مىڭئۆي)، يەتتە قىزلىرىم مەقبىرىسى، باگۇا تۆپىلىكى، تۇرا خارابىسى، لىن جىلۇنىڭ ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن توققۇز بۇلاق باغچىسى، ئوتبېشىدىكى سوۋۇتقا، قۇمبۇلۇڭ قاتارلىقلار بار.
== مەمۇرىي رايون ==
== مائارىپ ==
== تەنھەرىكەت يىغىنى ==