ئادەم ئەلەيھىسسالام

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى ئادەم (ئەرەبچە: آدم، ئىبرانىيچە: אָדָם) ئىبراھىمىي دىنلەرگە كۆرە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ياراتىلمىش تۇنجى ئىنسان ئېرۇر. ھەر ئىبراھىمىي دىندە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بولغان قاراش پەرقلىق بولسىمۇ چوڭ جەھەتتە يەنىلا ئوخشىشىدۇ. ئىسلامغا كۆرە ئادەم كائىناتتا تۇنجى ياراتلىغان ئىنسان بولۇپ، اللە تعالى ئۇنى لايدىن ياراتقان ۋە جان بەرگەن. جۈپتىنىڭ ئىسمى ھەزرىتى ھەۋۋا بولۇپ، مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلەر ئارىسىدا بارلىق ئادەمزاتنىڭ ئورتاق ئاتا-ئانسى قەبۇل قىلىنىدۇ.


ئەڧسانەۋىي كېلىپ چىقىشى ۋە ئىسمى ھەققىدە تەھرىرلەش

بابىل سۈرگۈنى تەۋراتنىڭ تىلى ۋە مەنبئەلىرى ھەققىدە ئۆزگىچە بىر ئورۇن تۇتىدۇ. تەۋراتتا قوللىنىلغان تىلنىڭ يىلتىز ۋە مەنبئەسىنىڭ سۇمېر مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئىبرانىچە "قىزىل توپا" مەنىسىدىكى ئادام، سانسىكرىتچە "ئادا-نات (Ada-Nath)" تۇر ۋە "ئاد" كەلىمىسى ئۇ تىلدا پۈتۈن كەلىمىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەندە (تۇنجى) مەنىسىگە كەلمەكتەدۇر. ئۇيغۇرچە ئاتا\ئەجداد دەپ قوللىنىلغان كەلىمە نۇرغۇن كونا تىللاردا ئەينى تاۋۇش قۇرۇلمىسى ۋە ئەينى مەنىدە قوللىنىلغان. (مەسلەن: ساموئا تىلىدىكى تاتا، سىيۇ تىلىدە ئاتەي).

سۇمېر ئەڧسانىلىرىدە ياراتىلغان تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى قرال بولمىش ئاداپانىڭ باشقا بەئزى ئۇنسۇرلارنىڭ يېنىدا ئىسىمىي شەكىلدە ئادەم ئەڧسانىسىنىڭ يىلتىزىنى تەشكىل قىلغانلىقىمۇ ڧەرەز قىلىنماقتا. ئادەمنىڭ لايدىن، جۈڧتىنىڭ بولسا قوۋرۇغا سۆڭىكىدىن ياراتىلىشى (Nin-Ti)، جەننەتتىن قوغلىنىش، چەكلەنگەن مېۋە، يىلان، ئادەمنىڭ مىڭ يىلغا يېقىن ياشىشى ۋ.ب مەۋزۇلار سۇمېر ئەڧسانىلىرى بىلەن ئۇدۇل كېلىدىغان خاراكتېرلاردۇر.

تەۋراتنىڭ تەكۋىن بۆلۈمىدە ئادەم بىلەن نۇھ توپانى ئارىسىدا ئۆتكەن ۋاقىت 1756 يىللىق بىر مۇددەتكە تەڭ كەلمەكتە. ئىسلامىي قاراشنىڭمۇ مۇناسىبەتلىك ھادىسىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوخشاش تاناسىپتا تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىبنى ساد، تاباقاتىدا ئادەم بىلەن مۇسا ئاراسىدا ئۈچمىڭ يىللىق بىر زامان ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

دىنلەردە ھەزرىتى ئادەم تەھرىرلەش

يەھۇدىيلىكتە:

يەھۇدى ئىتىقادىچە ئادەم (ئىبرانىچە: ئادام)، يارىتىلشنىڭ ئالتىنچى كۈنىدە توپراقتىن يارىتىلغان. 1. بابتا ئەركەك ۋە تىشى جاندارلاردىن سۆز قىلىنىدۇ. 2. بابتا تىشىنىڭ، ئەركەكنىڭ قوۋرۇغىسىدىن يارىتىلغانلىقى، بىرىنچى بۆلۈمدىكى ئايالنىڭ لىلىس، ئىككىنچى بۆلۈمدىكىنىڭ بولسا ھاۋۋا دەپ بايان قىلىنىدۇ.

خرىستىيانلىقتا:

ئادەم قىسسىسى كونا ئەھدنىڭ تەكۋىن (ياراتىلىش) بۆلۈمىدە سۆزلىنىدۇ. خرىستىيانلىقتا ئادەم جەننەتتە سادىر قىلغان ئۇ تۇنجى گۇناھ، مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

خرىستىيان ئىتىقادىچە ئادەمنىڭ گۇناھى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۆتكەن ۋە ئىسا، بۇ گۇناھنى يۇيۇش ئۈچۈن كەلگەن تەڭرىنىڭ قوزىسىدۇر. ئۆزىنى بۇ گۇناھ ئۈچۈن ڧىدا قىلغاندۇر.

ئىسلامدا:

مۇسۇلمانلار، ھەزرىتى ئادەمنىڭ يارىتىلغان تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر دەپ ئىشىنىدۇ. ئىتىقادقا كۆرە اللە ئۇنى راھمان سۈپىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ئۆز رۇھىدىن سۈڧلىگەن. ئادەم پەيغەمبەر 1000 ياكى 2000 يىل ياشىغان دەپ قارىلىدۇ. ھەزرىتى ئادەمدىن ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئاندا سەككىز سۇرەدە تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئان سىرتىدا بايانلاردا قىسسە، ئەڧسانە بىر ھالغا كەلگەن. بۇخارىي ۋە مۇسىلىمغا ئوخشاش ئىشەنچلىك ھەدىس مەنبئەلىرىگە كۆرە ھەزرىتى ئادەمنىڭ بويى 60 زىرائ (تەخمىنەن 35-48 مېتر).

ئىسلامدا ئادەمنىڭ توپىدىن يارىتىلغانلىقىغا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا باشقا جانلىقلارغا ئۆرگەتمىگەن ئىسىم قويۇش ۋە مەئنالىرىنى تېپىشنى ئۆرگەتكەن دەپ ئىشىنىلىدۇ. اللە مەلەكلەرنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشىنى بۇيۇردى، ڧەقەت ئىبلىس كىبرىدىن سەبەب ئۇنىڭغا سەجدە قىلمىغان. ئىبلىس بۇ يۈزدىن جەننەتتىن قوغلانغان. قۇرئاندا كەھڧ سۇرەسىنىڭ 50. ئايىتىدە ئىبلىسنىڭ پەرىشتە ئەمەس جىن ئىكەنلىكى ئىڧادە قىلىنىدۇ.

قۇرئاندا ئادەم پەيغەمبەر بىلەن جۈڧتىنىڭ بىر نەپەستىن ياراتىلغانلىقى ئىپادە قىلىنىدۇ. ھەزرىتى ئادەم ۋە ھاۋۋا جەننەتتە اللەنىڭ ئۇلارغا يېقىن يولىشىنى تەنبىھلىگەن چەكلەنگەن بىر مېۋىدىن ئىبلىسنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرىغا ئىشىنىپ يەپ قويىدۇ. بۇ سەبەبدىن جەننەتتىن قوغلىنىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان ئەدن (تەۋراتتا ئادەن) جەننىتىدىن ئادەم سەرەندىپ ئارىلىغا (سرىلانكا)، ھەۋۋا بولسا ئېڧىئوپىيەگە تۈشۈرۈلىدۇ. كېيىنچە مەككەدە ئەراڧات تېغىدا ئۇچرىشىدۇ.

بۇ قىسسە، قۇرئاندا تەڧسىلى بايان قىلىنماقتا ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا. مۇسۇلمانلارغا، جەننەتتىن چىقىش قىسسىغا ئىشىنىش - قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغانلىقى ئۈچۈن پەرزدۇر.


تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى