ئالار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شىمالدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغلىق، جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغىچە، شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، ئەتراپى ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، دولان دەريا سۈيى سىستېمىسىغا تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك كوئوردىناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′30°80 تىن ′58°81 غىچە، شىمالىي پاراللېل ′ 22°40 دىن ′57°40 ئارىلىقىدا. شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربىي ساي ئاۋات ناھىيىسى، جەنۇب، شىمالىي تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، شەرقىي شىمال ئۇلاش توقسۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرق - غەرب ئارىلىقى 810 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان بولغان ئارلىقى يېقىن، بىر قەدەر مول بولغان چېگرا ئېغىزى ۋە چېگرا سودىسى بايلىقىغا ئىگە. ئالار ئۇيغۇر تىلىدا « يېشىل ئارال» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئارال شەھىرى

阿拉尔市.Aral City

ئارال شەھىرىنىڭ(قىزىل) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
بازارلىق سانى 4 دانە
يېزا سانى 1 دانە
نوپۇس 300 مىڭ

مەمۇرىي رايونلىرى تەھرىرلەش

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججەت تارقىتىپ بىڭتۇەن بىر شىسى دائىرە ئىچىدە شەھەر سىرتىدىكى ئىشتاتلىق بازار - جىنيىنچۈەن بازىرى قۇرۇشنى تەستىقلىغان،بۇ بازارنى ئالار شەھىرى باشقۇرىدۇ.

ھازىرغىچە، ئالارشەھىرى تەۋەلىكىدە تۆت كوچا، بىر يېزا، بىر بازار : بەخت يولى كوچا باشقارمىسى، جىنيىنچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى، چىڭسۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى، جەنۇبىي كوچىسى، توقاي يېزىسى،جىنيىنچۈەن بازىرى، جەمئىي 17 مەھەللە، سەككىز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار. يەنە ئۇنىڭ قارىمىقىدا 1-، 2-، 3-، 7-، 8-، 9- ، 10-، 11-، 12-، 13-، 14-، 15-، 16-تۇەن قاتارلىق تۇەن-مەيدان بار.

بەخت يولى كوچا باشقارمىسى

ناھىيىگە قاراشلىق مەھەللە: 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە،4-مەھەللە، ئالىي مەكتەپ-مەھەللە.

جىنيىنچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى

ناھىيىگە قاراشلىق مەھەللە : 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە،4-مەھەللە،4-مەھەللە.

چىڭسۇڭ يولى كوچا باشقارمىسى

قارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە : 2-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە.

جەنۇبىي كوچىسى

قارىمىقىدا تۆت مەھەللە : ياشلار يولى مەھەللىسى، جىنشىڭ يولى مەھەللىسى، چاڭئەن يولى مەھەللىسى، مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى.

توقاي يېزىسى

قارمىقىدا سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى : قارادۆڭ كەنتى، ناغرىخانا كەنتى، كۆككۆل كەنتى، توپاققاچتى كەنتى، خەلق قۇدۇقى كەنتى، ياسۇق كەنتى، دەريا ئېغىزى كەنتى، كۆكچۆل كەنتى كەنت.

جىنيىنچۈەن بازىرى

بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي 1-تۇەننىڭ تۇەن شىتابىدا،1-تۈەن،2-تۈەن، 3-تۈەن، شۇنىڭدەك يېقىن ئەتراپتىكى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 474.208 كۋادرات كىلومېتىر، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 61.798 كۋادرات كىلومېتىر رايونى بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى جەمئىي 1338.739 كۋادرات كىلومېتىر بولغان رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نوپۇسى تەھرىرلەش

2012-يىلى، ئالار شەھىرىنىڭ نوپۇسى 298 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە : ئەرلەر 159600 كىشى بولۇپ، % 53.6 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاياللار 138400 كىشى بولۇپ، % 46.4 ئىگەللىگەن. پۈتۈن ئاھالە ئىچىدە خەنزۇلار 270700 ئادەم بۇلۇپ،ئومومىي نوپۇسنىڭ  % 90 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت 372 مىڭ بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ% 9.2 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا نوپۇسى 133100 ئادەم بۇلۇپ ، ٪ 44.7 نى ئىگىلەيدۇ؛ بىر يىل ئىچىدىكى كۆچمە نوپۇس 22 مىڭ ئادەم بۇلۇپ % 7.4 نى ئىگىلەيدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر 192100 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 64.5ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە : تۈەن-مەيدان تۇەن شىتابىغا ئولتۇراقلاشقان نوپۇس 106700 ئادەم بۇلۇپ، تۈەن-مەيدان ئاھالىسى نوپۇسنىڭ % 55.5 نى ئىگىلەيدۇ. يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 102800 ئادەم، 1636 ئادەم تۇغۇلغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 5.5 ؛ ئۆلگەن ئادەم 1447، ئۆلۈش نىسبىتى % 48؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 0.64.

كىلىماتى تەھرىرلەش

ئارال شەھىرى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، مۇتلەق ماكسىمۇم تېمپېراتۇرا ℃35، شوتا قۇدۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ھەر 5 ~ 10 يىلدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40قا دۇچ كېلىدۇ)، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى ℃28- ( 4 - تۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃33.2- ). بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتى 146.3~133.7كىلوكالورىيە \ كۋادرات سانتىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2991.8~2556.3سائەت، كۈن نۇرى چۈشۈش نىسبىتى %5869. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا ھۆل-يېغىن ئاز، قىش پەسلىدە قار ئاز، يەر يۈزىنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 82.5-40.1 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2558.9~1876.6 مىللىمېتىر.


سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى