ئامىرخان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان دىكى بومباي دا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى.

ئامىرخان

قىسقىچە ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئامىرخان
باشقا نامى Aamir Hussain Khan، عامر حسسیں خا
يۇرتى بومباي
بوي ئېگىزلىكى 168سانتىمېتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى Narsee Monjee College
خەنزۇچە ئىسمى 阿米尔·侯赛因·汗
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
كەسپى ئارتىس ، رېژىسسور ، فىلىم ئىشلىگۈچى
ئېتىقادى ئىسلام دىنى
 
ئامىرخان بىلەن ھىلارىي كىلىنتون

شەخسى ئانكىتى تەھرىرلەش

ئامىرخان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان دىكى بومبايدا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ئۇ 8 يېشىدا تۇنجى كىنوسى 《Yaadon Ki Baraat》دا رول ئالغان. كېيىن تېنس توپ ئويناشقا كىرىشىپ، ماخاراشترانىڭ تېنس توپ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

1988-يىلى ئامىرخان تېنس توپنى تاشلاپ، كىنو ئېكرانىغا قايتىپ كەلگەن . كېيىن «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»، «نامەلۇم ئۆلۈم»، «ئۈچ ئەخمەق » ... قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنياۋى چولپان بولۇپ تونۇلغان.

ئامىرخان ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك شەخىسى، بوللىۋودتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئارتىس، ئامىرخاندا ئۇتۇق قازىنالايدىغان ئىشەنچ، ھەقىقەتنى قوغلىشىدىغان يۈرەك، غەيرەت ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىدىغان ئەقىل-ئىدراك بار.

 
ئامىرخان بىلەن مودى (ھىندىستاننىڭ باش ۋەزىرى)

شەخسى تۇرمۇشى تەھرىرلەش

ئامىرخان 21 ياش ۋاقتىدا قوشنىسىنىڭ قىزى رىنا (Reena) نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بۇ تويغا قارشى چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئامىرخان رىنانى ئېلىپ قېچىشنى قارار قىلىدۇ.

بۇ مۇھەببەت دائىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتىشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. 2002-يىلى 10-ئايدا ئامىرخان رىنا بىلەن ئاجراشقان. 2005-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى ئايالى كىران (Kiran Rao )بىلەن توي قىلغان.

 
ئامىرخان بىلەن ئاكساي خۇمار

شان-شەرەپلىرى تەھرىرلەش

Filmfare مۇكاپاتى تەھرىرلەش

ئەڭ نادىر ئەر باش پېرسۇناژ مۇكاپاتى   «ئۈچ ئەخمەق دوست»    (نام ئاتاش     2010)

ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)   

ئەڭ نادىر ئەسەر مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2007)

Zee كىنو مۇكاپاتى تەھرىرلەش

ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)

ئەڭ نادىر ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)

بوللىۋودتىكى خەلقنىڭ تاللىشى مۇكاپاتى تەھرىرلەش

ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)

ئەڭ نادىر ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتى       «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»      (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)

Dadasaheb Phalke مۇكاپاتى تەھرىرلەش

ئەڭ نادىر ئورۇنلاش مۇكاپاتى   «ئۈچ ئەخمەق دوست»    (مۇكاپاتقا ئېرىشىش    2010)

ئامىر خان ئېرىشكەن مۇكاپات 22، بۇنىڭ ئارىسىدا فىلىملەر مۇكاپاتى يەتتە (بىرسى ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس، ئۈچى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى).

ئامىر خان 2003-يىلى ھىندىستاننىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك گىراژدانلار مۇكاپاتىغا، 2010-يىلى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2001-يىلى فوربېس ژۇرنىلى ئامىر خاننى ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى كۈچلۈك كىنو چولپىنى دەپ باھالىغان.

2009-يىلى ماخاراستا شىتاتى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تارقاتقان «راج كاپور» مۇكاپاتىنى بەرگەن.

2012-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.

2013-يىلى «دەۋر ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

رول ئالغان كىنولار تەھرىرلەش

  • 2005-يىلى 8-ئايدا،ئامىرخان تەييارلىق قىلغىلى تۆت يىل بولغان ئۆزى رېژىسسوربولۇپ ئۆزى رول ئالغان ئۇرۇش ۋەقەلىك كىنو «قەھرىمانلىق ھېكايىسى» سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئامىرخان بولسا مىللەت قەھرىمانى بولغان ھىندىشتان ئارمىيىسىنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى Mangal Pandey رولىغا چىقتى.
  • 2006-يىلى ئامىرخان «سۆيگۈ ئۈچۈن»فىلىمىدە Rehan رولىنى ئالغان.
  • 2007-يىلى ئامىرخان رېژىسسورلۇق ھاياتىنى باشلىدى، ئۇ رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن فىلىم «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»دا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى nick نىڭ رولىنى ئالدى. شۇ ئارقىلىق Filmfare ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم شۇ يىلى ھىندىستانغا ۋەكىل بولۇپ ئوسكار ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلىدىكى فىلىم تاللىشىغا قاتناشقان.
  • 2008-يىلى ئامىرخان ھەركەتلىك فىلىم«سىرلىق ئۆلۈم»\نامەلۇم ئۆلۈم\قىساسكار ئامىرخان دە ھىندىستاندىكى داڭلىق شىركەت باش لىدىرى سانجاي سىڭخانىيا ( Sanjay Singhania ) نىڭ رولىنى ئالغان.
  • 2009-يىلى ئىلھاملىق كومېدىيىلىك كىنو «ئۈچ ئەخمەق دوست» تە ھىندىستاندىكى بىر باي ئائىلىنىڭ ۋاپات بولغان باغۋىنىنىڭ ئوغلىRancho نىڭ رولىغا چىقىدۇ. بۇ فىلىم بوللىۋودتىكى فىلىملىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەڭ يېڭى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ياراتتى.
  • 2012-يىلى11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامىرخان«ئىز قوغلاش »فىلىمىدا ساقچى كاۋاتنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم شۇ يىللىق ھىندىستان يىللىق بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە 9-ئورۇندا تۇرىدىغان.
  • 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى جىنايەت ھەرىكەتلىك فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى3» يەر شارى ماس قەدەملىك قويۇلغان. ئامىرخان SahirھەمSamar نىڭ رولىنى ئالغان.
  • 2014-يىلى ئامىرخان كومېدىيىلىك كىنو«PK-تاشقى پلانىتلىق ئەپەندى» \«پ ك » دە يەر شارىنى تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان تاشقىپىلانت ئادىمى PK نىڭ رولىنى ئالغان.
  • 2016-يىلى « دانگال » فىلىمىدە ئىككى قىزىنى دۇنيا چېلىشىش چىمپىيونى قىلىپ تەربىيىلىگەن ئاتىنىڭ ئوبرازىنى  يارىتىپ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆرۈش دولقۇنىنى ياراتقان.
  • 2017-يىلى رول ئالغان "مەخپىي چولپان" ڧىلىمى. بۇ ڧىلىمدە ئۇ بىر مۇزىكانتىنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

پائالىيەتلىرى تەھرىرلەش

  2006-يىلى 4-ئايدا ئامىرخان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ سۇغا توغان تۇتۇش ھەركىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتناشقان.  ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكىتى بولسا زۇڭلى سىنگىنىڭ مەدىتىگە ئېرىشكەن.

2011-يىلى ئامىرخان  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى ئوبراز ئەلچىسىلىككە تەيىنلىنىپ، ئاممىنىڭ بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە  كۆڭۈل بۆلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى « يەرشارىدا بىر سائەت » پائالىيىتىنىڭ ھىندىستان رايونىدىكى باش ئەلچىسى.

2015-يىلى 4-ئاي ئامىرخان نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئايال باشلىقلار يىغىنىدا سۆھبەتتە بولدى.

2016، 2017، 2018-يىللىرى چوڭ قۇرۇلۇقتا كىنو ڧىلىملىرىنى تۇنۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. شۇنداقلا، شۇ جەريانىدا، چىڭدۇغا بىرىپ مۈشۈكىيىققا يەم بەرگەن. 2018-يىلى ئۇنىڭ بىلەن داڭلىق ئارتىس خۇئاڭبونىڭ ئۇچىرىششىغا بىر ئۇيغۇر قىزى تەرجىمانلىق قىلىلپ بەرگەن.

مەنبە تەھرىرلەش

ئىزدە قامۇسى https://web.archive.org/web/20171111183503/http://wiki.izda.com/?a=show&id=8312