ئاچچان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 500 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە نىيە يېيىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرپىچىرا ناھىيىسى نىڭ نۇرى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى ئويتوغراق يېزىسى، ئارال يېزىسى ۋەلەڭگەر يېزىسى بىلەن قوشنا. جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 170 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 122 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 10247.26 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئورمانچىلىق كۆلىمى 2617.1 مو، ئوتلاق كۆلىمى 5818500 مو، مۇزلۇق، تاغ تىزمىسى، چۆللۈك قاتارلىقلارنىڭ كۆلىمى 8876.2 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %66.83 نى ئىگەلىگەن.

ئاچچان يېزىسى

阿羌乡.Achchan town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 10 دانە
نوپۇس 9 مىڭ
يەر مەيدانى 10،247.26 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

يېزىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 113.1 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃2، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسى نۆلدىن تۆۋەن ℃30-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃25. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 170 كۈن، ئادەتتە شامال كۈچى 4 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 8 بالغا يېتىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ يېزىدا بۇغداي، قوناق، ئاق ئارپا، پۇرچاق، قىچا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەر چىقىدۇ. بۇ يېزىنىڭ دائىرىسى كەڭ، بايلىقى مول، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەنزىرسى بار.