ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن يىلدا بىر قېتىم خاتىرلىنىدىغان كۈن. دۇنيادا نۇرغۇن ئەللەردە 1994- يىلىدىن بېرى ھەر يىلى 5- ئۆكتەبىر كۈنى UNESCO نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار كۈنى خاتىرلەنمەكتە. 5- ئۆكتەبىر كۈنى، 1966- يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن "ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ھۆكۈمەتلەر ئارا ئالاھىيدە يېغىنى" نىڭ ئاخىرلىشىپ UNESCO تەمسىلچىلىرى بىلەن خەلقئارالىق ئىچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن "ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ھەققىدە تەۋسىيە" سىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قەبۇل قىلىنىشىنىڭ خاتىرلىنىشىدۇر.

ئۆزىنىڭ مەدەنىي ۋە تارىخىي ئالاھىيدىلىكلىرىگە، مەكتەپ تەتىل كۈنلىرىگە كۆرە ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمىغان كۈنلەردە ئوقۇتقۇچىلار كۈنى بەلگىلەنگەن. مەسىلەن 12 ئەرەب ئېلىدە (بەھرەيىن، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، ئالجىرىيە، ماراكەش، قاتار، لىۋىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۇنىس، ئومان، ئىئوردانىيە، يەمەن) ھەر يىل 28- ڧېۋرال كۈنى ئوقۇتقۇچىلار كۈنى دەپ تەبرىكلەنمەكتە. ئوقۇتقۇچىلار كۈنى دەم ئېلىش بولۇپ بولماسلىقى ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمايدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە 1985- يىل 10- سىنتەبىردىن ئىتىبارەن ھەر يىلى شۇ كۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى دەپ خاتىرلەنمەكتە، لېكىن رەسمىي تەتىل ئەمەس، جۇڭخۇا مىنگودا بولسا ھەر يىلى 28- سېنتەبىر كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدۇر.

بەئزى ئەللەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەھرىرلەش

ئەزەربەيجان تەھرىرلەش

5- ئۆكتەبىر، خەلقئارالىق ئوقۇتقۇچىلار كۈنى.

تەيۋەن تەھرىرلەش

28- سېنتەبىر، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەڭ بۇرۇن نەنجىڭ مەركىزى ئۇنىۋېرستىتى تەرىپدىن 1931- يىلى تەكلىپ ۋە تەۋسىيە قىلىنىغان. 1952- يىلىدىن بۇيان جۇڭگو تارىخىدىكى بۈيۈك مائارىپچى كوڭزىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن 28- سىنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كۈن كوڭزىنى خاتىرلەش كۈنى ھەم دېيىلىدۇ.

تۈركىيە تەھرىرلەش

24- نويابىر، 1981- يىلىدىن بۇيان.

جۇڭگو تەھرىرلەش

10- سېنتەبىر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1951- يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 1985- يىلى دۆلەت رەئىسى جاۋ زىياڭنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ بېشىدا بولسۇن ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

شىياڭگاڭ تەھرىرلەش

10- سېنتەبىر، 1997- يىلى جۇڭگو قوينىغا قايتىشتىن بۇرۇن تەيۋەن بىلەن ئوخشاش 28-سېنتەبىر كۈنى تەبرىكلىگەن. 1997- يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىردەك 10- سېنتەبىر كۈنى تەبرىكلەشكە باشلىغان.

ئاۋمېن تەھرىرلەش

10- سېنتەبىر، 1999- يىلى جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىردەك 10- سېنتەبىر كۈنى تەبرىكلەشكە باشلىغان.