ئىجتىمائىيلىشىش

ئىجتىمائىيلىشىش(زاغرا تىل بۇيىچە ئېيتقاندا، ياشاشنى ئۈگىنىش ۋە چۈشىنىش جەريانى) ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر خىل ھادىسىدۇر. ئىنسان توغۇلغاندىن تارتىپ تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە ئىجتىمائىيلىشىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئىنسان توغۇلىشىدىنلا ئىجتىمائىي ئادەم بولۇپ توغۇلمايدۇ، بەلكى ھايۋانلارغا ئوخشاش تەبىئىي مەخلۇق سۈپىتىدە دۇنياغا كىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىيلاشمىغان بىر ئىنساننى تولۇق ھالدا ئىنسان دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىيلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرىدىغان بىر جەرياندىن ئىبارەت. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئادەمنى ئىنسان قىلىدۇ. مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئىنسانلار تەرىپىدىن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىنساننىڭ نىمە بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ.[1]

ئىنساندىكى تەبىئىيلىك ۋە ئىجتىمائىيلىشىش

ئىجتىمائىيلىشىش- كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئۈگىنىش ئارقىلىق باشتىن كەچۈرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ياشاش جەريانىدىن ئىبارەت. يەنى ئىجىمائىيلىشىش ئادەمنىڭ ئىنسان بولۇش جەريانىدۇر. ئىنسان بولۇش جەريانىدا ئادەم نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ، ئۈزىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ خىلمۇ-خىل باسقۇچىلىرىدا ئىجتىمائىيلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىيلىشىش تەبىئىي ئادەمنى ئىجتىمائىي ئادەمگە ئۆزگەرتىش جەريانىدىن ئىبارەت. داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددەنىس جەمئىيەتشۇناسلىق كىتابىدا، بالىلارنىڭ ئىككى ياشقا كىرگۈچە ”مەن“، ”مىنى“ ۋە ”ئو“ دىگەندەك كىملىكلەر ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولمايدىغانلىقىنى يازىدۇ.[2] دېمەككى، يىڭى توغۇلغان بۇۋاقتا ئىجتىمائىي دۇنياغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ.

ۋەھالەنكى، ئىنسان ھاياتىدىكى ئۆزگىرىش نۇرغۇنلىغان ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بولغاچقا، ئىجتىمائىيلىشىش پۈتۈنلەي تاماملىنىدىغان بىر ھادىسە ئەمەس. توغۇلغاندىن باشلاپ ئىجتىمائىيلىشىشقا باشلىغان ئادەمنىڭ سەپىرى ئۆلگەندىن كىيىن ئاندىن تۈگەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ياش چوڭايغانسىرى ئىجتىمائىي ھەقىقەت ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىدىغان ئادەت بار. ئادەم پىشىپ يىتىلگەنسىرى ھاياتىدا نىمىنى خاتا، نىمىنى توغرا قىلغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈگۈزىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ياش چوڭايغانسىرى ئۈزىنىڭ ھاياتىغا قايتا باھا بىرىش ھادىسىسى ئىلىم ئەھلىلىرىدىمۇ كۆپ كۈرىلىدۇ. بىر ئۆمۈر تەتقىقات ۋە كىتاب يېزىش بىلەن ئۈتۈپ كەتكەن داڭلىق بىلىم ئادىمىمىز ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ”ئارىفنامە“نى يېزىش ئارقىلىق ھاياتىنى خۇلاسىلەپ چىققان. ئۇيغۇرلاردا يېشى چوڭلارنىڭ ئۆينىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە پىلانچىسى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپرەك تەجرىبە ۋە كەچۈرمىشلەرگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئەگەر، ئىنسان پۈتۈنلەي ھالدا بىئولوگىيەلىك جانلىق بولغان بولسا، ئو ھالدا ئىجتىمائىيلىشىشنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭ ئەھمىيتى ئۇنچە زۈرۈر بولمايتتى. ئەمما، ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇق بولغانلىقى ۋە ئۈزىگە ئوخشاش ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىيلىشىش ئادەمنىڭ بىئولوگىيەلىك خۇسۇسىيتىنى ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئۆزگەرتىدۇ. ئادەتتە، ئىجتىمائىيلىشىش ئادەملەرگىلا خاس ھادىسە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھايۋانلاردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىيلىشىش مەۋجۇت.

ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى مىساللارنى كۈرۈپ باقايلى:

بىرىنجى مىسال.

كىلاسسىك پىسخولوگلاردىن Harry ۋە Margaret Harlow(1962) قاتارلىقلار ھەرىكىتى ئادەملەرگە ئوخشاش كىتىدىغان كىچىك مايمۇننى مايمۇنلار تۇپىدىن ئايرىپ سىناق قىلغان. ئۇلار مايمۇننى ئالتە ئاي مايمۇنلار تۇپىدىن ئايرىپ تاشلىغان. نەتىجىدە مايمۇننىڭ تەرەققى قىلىشى دەخلىگە ئۇچرىغان. مايمۇن مايمۇنلار تۇپىغا قايتىپ كەلگەندە پاسسىپ، دىلىغۇل ۋە قورقۇنچاق بولۇپ چىققان.

ئىككىنجى مىسال. Margaret Harlow يەنە بۇۋاق مايمۇننى سۈنئىي ئۇسۇلدا سىملاردىن ياسالغان، ياغاچ باشلىق، سۈنئىي كۆكسى بار ”ئانا“ ياساپ قەپەس ئىچىگە سۇلاپ باققان. بۇۋاق مايمۇنلار ھايات قالغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا گۇرۇپتىكى مايمۇنلارغا قېتىلغاندا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان.

ئۈچىنجى مىسال. مايمۇنلار سىملاردىن ياسالغان، ئەمما يۇمشاق رەخت بىلەن ئۇرالغان ”ئانا“ بىلەن قەپەسكە سۇلانغان. ھەربىر مايمۇن سۈنئىي ”ئانا“غا ياماشقان. بۇ سىناقتىكى مايمۇنلار ئالدىنقى گۇرۇپتىكى مايمۇنلارغا قارىغاندا، سەل يىنىكرەك زىيانغا ئۇچرىغان. Margaret Harlow مايمۇنلارنىڭ ئۈزىنىڭ يىقىنلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ تەجرىبىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بۇۋاقلارنىڭ ھىسياتىغا قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. Margaret Harlow يەنە ئۈچ ئاي ئايرىۋېتىلگەن بۇۋاق مايمۇنلارنىڭ ئەسلىگە كىلەلەيدىغانلىقى، ئەمما ئالتە ئاي ئايرىۋېتىلگەن مايمۇنلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ھىسسىي ۋە ھەرىكەت زەخمىلىنىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىغان.[3]

دىمەككى، ھايۋانلار نورمال بولغان گۇرۇپ ھاياتىدىن ئايرىۋېتىلسە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىسىمانى ۋە روھىي جەھەتتىن زەخمىلىنىشكە ئۇچرايدىغان تەقدىردە، ئادەملەر ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىمىسا قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە، ئادەملەر ھايۋانلارغا قارىغان تېخىمۇ ئېغىر بولغان كۈلپەتلەرگە دۇچار بۇلىدۇ.

ئەلۋەتتە، بەزى كىشىلەر ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارنى بېقىۋالغانلىقىغا ئائىت ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان. ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرىدە بۆرە تۇتىمىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەلىرىدە، ئىنسانلارنىڭ بۆرىگە ئەگىشىپ قۇتۇلۇش يۇلى تاپقانلىقى ۋە بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ نەسلىنى ئاۋۇتقانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر بار. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ھايۋانلارنىڭ ئادەملەرنى بېقىۋېلىش ھادىسىسى ئاز ئۇچرىسىمۇ، ئەمما، ھايۋانلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان ئادەملەرنىڭ نۇرمال تەرەققى قىلمايدىغانلىقى ئىنىق. ئەگەر ئىنسان ئىنسانلار تۇپىدىن ئايرىلىپ ياشىسا، ئۇ ھالدا ھايات قالغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانلىققا ئائىت خۇسۇسىيەتلەر ئاز يىتىلىدۇ. مەسىلەن، تىلى چىقماسلىق، روھىي جەھەتتىن كىچىك بالىدەك بۇلۇش، ئەقلىي قابىلىيتى يىتىلمەسلىك… دىگەندەك.

John Macionis جەمئىيەتشۇناسلىق كىتابىدا كالىفورنىيەدىكى بىر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن خارلىنىپ، ئۇزۇن يىل قازناقتا ئورۇندۇق بىلەن ياشىغانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىنى بايان قىلىدۇ. ھىكايىدىكى قىز ئىككى يېشىدىن 13يېشىغىچە ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ياشىغان بولۇپ، ئۇ قۇتقۇزىۋېلىنغان ۋاقىتتا بىر ياشلىق بالىدەك روھىي تەرەققىياتتا ئىكەن.

يۇقارىقى ھىكايە ۋە تەجرىبىلەردىن شۇنى كۈرىۋېلىش مۇمكىنكى، ئىنسان ئىجتىمائىيلاشمىسا، روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن ھايۋاندىن جىق پەرقى يوق بىر مەخلۇقتۇر. بۇ سەۋەپتىن، ئىنسان ئۈچۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت ئىنتايىن مۇھىم. باشتا دەپ ئۈتۈلگىنىدەك، ئىنسان ئىجتىمائىي تۇرمۇشسىز بىر تەبىئىي ھايۋان خاراكتىرىگە ئىگە. ئۇنداقتا، ئىجتىمائىي تۇرمۇش نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا مۇھىم؟ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن نىمە ئۈگىنىلىدۇ؟

ئادەتتە، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئۈگىنىدىغان نەرسىسى كۆپ بولۇپ، ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە بىئولوگىيە ۋە پىسخولوگىيەدىكى يىڭى نەتىجىلەر بۇۋاقنىڭ ئانىنىڭ قۇرسىقىدىكى چېغىدىلا سىرتقى دۇنيادىن تەسىر ئېلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسان توغۇلماستىن ئىلگىرىلا، ئاتا-ئانىسى ياشىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە پىسىخلىكىلىق جەرياننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. دىمەككى، ئىنساننىڭ سىرتقى دۇنيادىن تەسىر ئېلىشى ئو توغۇلماستىلا باشلىنىدۇ. بۇ دىگەنلىك، ئىجتىمائىيلىشىش ئانا قۇرسىقىدىلا باشلىنىدۇ.

ئىنساننىڭ تەرەققىياتى: تەربىيلىنىش ۋە تەبىئىيلىك

ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئىنسان تۇغما ئىقتىدارغا ئىگە، بۇ ئىقتىدار ئىنساننىڭ شەخسىيتى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. ھەتتا، تەتقىقاتچىلار ئارىسىدىمۇ، بەدىنىدە مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىك بار بولغان كىشىلەر ياكى مەلۇم بىر ئىرىقتىكى كىشىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسپىتى يۇقىرى بۇلىدۇ، دەپ قارايدىغان گۈدەك ھالدىكى تەتقىقاتلارمۇ بولغان. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ ئېغىر بولغان، ئادەمنىڭ بەدەن ئالاھىدىكىلىگە ئاساسەن ئۇنىڭ خاراكتىرىگە ھۈكۈم قىلىدىغان ”ئىرقىي گۇناھ“ مۇستەملىكە دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىدى. ئافرىقا قىتئەسىنى بويسۇندۇرغان ئىنگىلىزلار ھەتتا قارا تەنلىكلەرنىڭ مىڭىسىنى ئېچىپ تەجرىبە قىلىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ”ساپاسىزلىقى ۋە دۆتلۈكى“نىڭ ئۇلارنىڭ مىڭىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە يەكۈنگە ئىرىشمەكچى بولغان. قىسقىسى، زامانىۋى پىسخولوگىيە ۋە بىئولوگىيە تەرەققى قىلىشتىن ئىلگىرى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ تەن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ھەرىكىتىگە باھا بىرىدىغان ئادەت بار ئىدى.

ئۇلۇغ ئەسەر ”قۇتادغۇبىلىك“ تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنساننىڭ تەن قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇنىڭ خاراكىتىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدىكى تەھلىلىدە تەن قۇرۇلمىسى بىلەن خاراكىتىرنىڭ ۋە ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋېتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. گەرچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسىي تۈۋەن بولىسمۇ، ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە تايىنىپ خاراكىتىر ۋە ھەرىكەتكە ھۈكۈم قىلىدىغان بۇ ئىلىمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بازىرى بار. بولۇپمۇ، پىسخولوگىيەدە بۇ ھەقتە خىلى كۆپ بايقاش مەۋجۇت.

بۇ يەردە دىمەكچى بولغنىمىز، بىئولوگىيەلىك، ئىرقى ۋە جىنىسي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىنىقلاشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقىتىكى تالاش تارتىشلا ئىلىم دۇنياسىدا ناھايتى كۆپ بولغان. بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار ئىنساننىڭ تەبىئىيتى(Nature) ئىنساننىڭ ھەرىكىتى ۋە خاراكىتىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دىسە، يەنە بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار تەربىيلىنىش(Nurture)نىڭ ئىنساننىڭ كىيىنكى ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئادەتتە ئىنسان توغۇلغان ۋاقىتتا، مەلۇم دەرىجىدىكى ئەقلىي قابىلىيەت، ھىسسىي مايىللىق ۋە تالانىت بىلەن توغۇلىدۇ. ھەتتا بەزى كىسەللىكلەر گىن ئارقىلىق بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق قاراشقا بۇلىدۇكى، ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيادا قانداق ئادەم بۇلىشىنىڭ بەزى قىسىملىرى ئو توغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىدە بولغان بۇلىدۇ. شۇڭا بەزى دىنلاردىكى تەقدىر چۈشەنچىسىمۇ، مەلۇم دەرىجىدە ئاساسقا ئىگە. ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي دۇنيادا قانداق ئادەم بولۇشى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى(Nature) تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ؟ جاۋاپ ياق.

تالانتنىڭ تۇغما بۇلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما، بىئولوگىيەلىك، ئىرقى ۋە جىنىسي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي دۇنياسىنى پۈتۈنلەي بەلگىلەيدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.  يۇقىرىقى مىسالدا كۆرسىتىپ ئۈتۈلگىنىدەك، ئادەم بۇ دۇنياغا تۈرەلگەندە ئالاھىدە ئىقتىدارنى بىللە ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئېلىپ كىلەلەيدىغىنى بولسا، پەقەت مەلۇم دەرىجىدىكى تالانت، ئەقىلىي قابىلىيەت ۋە ھىسسىي مايىللىق. ئەگەر بىر بۇۋاقنى توغۇلۇشىدىنلار ئىنسانلاردىن ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىپ باققاندا، ئۇنىڭ ئىنسانلىق خاراكتىرى ۋە ھەرىكىتىگە دائىرى ھېچقانداق نەرسىسى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، مەلۇم بىر بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىجتىمائىيلىقىنى بەلگىيلەيدىغانلىقى پۇت باسمايدىغان بىر نوقتىنەزەردىن ئىبارەت. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە، ئادەم ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىدا ھاياتىغا ۋە ئىنسانلىقىغا دائىر ھەرقانداق نەرسىنى ئۈگىنىدۇ ۋە يىتىلدۈرىدۇ.

ئەلۋەتتە، مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقى تۈپەيلى ناخشىچى بولۇشى، بۇيى ئىگىز ۋە چاققان بولغانلىقى ئۈچۈن توپچى بولۇشى، تەمپۇڭلىقىنى ياخشى ساقلىيالايدىغانلارنىڭ دارۋاز بولۇشى قاتارلىقلار گىندا ئىپادىلەنگەن تالانتنىڭ قىزىپ چىقىلىشىنىڭ نەتىجىسى ھىسابلىنىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاراپلا بەدەن بىلەن ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە چاتالمايمىز. ياكى تەربىيلىنىش بىلەن تەبىئىيلىكىنى بىر-بىرىگە قارشى قۇيالمايمىز. تەبىئىيلىكنى ئىنكار قىلماستىن شۇنداق دىيەلەيمىزكى، تەربىيلىنىش(Nurture,修养)نىڭ ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەبىئىيلىك(Nature,自然)تىن چوڭ بۇلىدۇ. توغرىراقى، تەربىيلىنىش بولسا بىزنىڭ تەبىئىتىمىز.[4]

ئادەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئاياللار ھىسياتچان، ئەرلەر ئەقلىي دىگەندەك چۈشەنچىلەر بۇلىدۇ. بۇ خىل قاراش ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن خەلقلەردە بار.  ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە ”ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلىي قىسقا“ دەيدىغان ماقال بار. ئەگەر ھىسياتچانلىق ياكى ئەقلىيلىك ئىنسان توغۇلغان ۋاقتىدىلا گىنىدا بار بۇلىدىغان بولسا، بۇ خىل يەكۈن توغرا بولغان بۇلىدۇ. ئەكىسچە ھالدا، ئەرلەرنى ئەقلىي، ئاياللارنى ھىسياتچان دەپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىش خاتا ئىشتۇر. بۈگۈنكى كۈنگىچە نۇرغۇن پىسخولوگلار ۋە جىنسىيەت تەتقىقاتچىلىرى بۇ خىل قۇتۇپقا بۈلۈش ئۇسۇلىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى. چۈنكى، مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن، ئەگەر بۇۋاقلار جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىلسە ئۇلاردا ھىسياتچانلىق ۋە ئەقلىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ. ئەگەر ئاياللار ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە، تالانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ پىشىپ يىتىلسە ئىدى، ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئەرلەر ئالدىدا قىسقا بولمايتتى. مۇھىمى، ھەر دائىم ئۆيدە ئولتۇرۇپ، سىرتنىڭ ئىشىنى بىلمەيدىغان ئاياللار ئەلۋەتتە، ئەقىل ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كالتە بولۇپ قېلىشى تەبىئىي. بىز بۇنىڭدىن، ھىسياتچان ياكى ئەقلىي بولۇش مەسىلىسىنىڭ مۇتلەق ھالدا تەبىئىيلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى، ئىجتىمائىيلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن.

كىشىلەردىكى بەزى تالانتلار ئاتا-ئانىسىدىن ئۇلارغا مىراس قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ناھايتى ئۇڭايلا نام قالدۇرالايدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى، قابىلىيتى قاتارلىقلار مەلۇم دەرىجىدە تۇغمىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەمما چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەربىيلىنىش ئىنساننىڭ ھەرىكىتىنى،پىكرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى توغما يارىلىشىغا قارىغاندا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىيلىششنى بىلىش ۋە قۇبۇل قىلىش ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم تۇغما ئالاھىدىكىدىن ئىبارەت. ئىجتىمائىيلىشىش بولمىسا، بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزغا دائىر ساپايىمىزنىڭ ھېچقايسىسى بولمايدۇ.[5]

تارىختىكى تۇمارسىنى كىم ھىسياتچان ۋە مىشچان دىيەلەيدۇ؟ ئەگەر ئونىڭدا ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان باتۇرلۇق ۋە ئەقىلىيلىك بولمىغان بولسا دۈشىمىنىنى يىڭەلەمتى؟ بىز بۇ نوقتىدا، بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيتىنىڭ، ئىتقادىنىڭ ۋە تۈزۈملىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىيلىقىنى يىتىلدۈردىغانلىقىنى كۈرىۋېلىشىمىز مۇمكىن.

ئۇيغۇرلاردا ئوغۇل ۋە قىزدىن ئىبارەت ئىككى جىنىسنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە نورغۇنلىغان تەلەپ ۋە چەكلىمىلەر بار. بۇ تەلەپ ۋە چەكلىمىلەر ئىجتىمائىيلىققا ياتىدىغان بولۇپ، ئىككى جىنىسنىڭ جەمئىيەتتە قانداق خاراكتىرىگە ئىگە بولۇشى ۋە قانداق ھەرىكەت قىلىشىنى بەلگىلەپ قويغان. دىمەكچىكى، بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىز قايسى جىنىسىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى ۋە خاراكتىرگە ئىگە بولۇشى ھەققىدە مۇئەييەن ئۆلچەم ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆلچەم دائىم بىزنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىمىزنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ. ئىنساندا تەبىئىيلىكتىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر ناھايتى ئاز بۇلۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق ئۈگىنىلگەن بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ”ئادەم بالىسى قۇلىقىدىن، ھايۋان بالىسى تۇيىقىدىن سەمىرىيدۇ“ دىگەن بۇ ماقال يۇقىرىقى بايانلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي روھىغا تۇلىمۇ ماس كىلىدۇ.

[1]Kerry Ferries and Jill Stein, The Real World Introduction to Sociology, Second Edition, 2008, US, p.126

[2] Anthony Giddens, Philip Sutton,  Sociology(6th edition), Polity press, 2009, p.284

[3]John Macionis, sociology (fourteenth edition), Pearson Press, p.103

[4]John Macionis, sociology (fourteenth edition), Pearson Press, p.103

[5] Kerry Ferries and Jill Stein, The Real World Introduction to Sociology, Second Edition, 2008, US, p.127