ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگە (ئېن ئەف ت)

ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگە (باشقا نامى: ئېن ئەف ت، ياكى NFT؛ نايىپ بەلگە، ئالماشماس بەلگە، ئالماشماس توكېن؛ ئېنگلىزچە: Non-fungible token) بۈلەكچە زەنجىردە ساقلىندىغان، مەلۇم بىر خىل ماددى ياكى رەقەملىك مۈلۈك بىلەن باغلىنىشى بار، ھېساپ تارىخنى خاتىرلەيدىغان سىمۋوللۇق بەلگىدۇر. ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگە شىفىرلىق پۇللاردىن پەرىقلىندۇ. ئالماشماس بەلگىنىڭ ئىگىسى بۈلەكچە زەنجىرىدە خاتىرلىندۇ. بەلگىنىڭ ئىگىسى ئىگىدارچىلىقنى باشقىلارغا يۆتكەپ بېرەلەيدۇ. شۇڭىلاشقا ئۆزا-ئارا ئالماشماس بەلگنى بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ئاكسىيە بازارلىرىدا ياكى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئاكسىيە بازىرىدا ئېلىپ ساتقىلى بولىدۇ. ھازىر ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگىنى كۆپىنچە ھالدا ئارتىستلار، مۇزىكانتلار، رەسساملار، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىغانلار، ۋە باشقلار مەبلەغ توپلاش، ئەقلىي مال مۈلۈك ھوقوقۇنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئۆز-ئارا ئالماشماش بەلگىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كىملىكى بولىدۇ. شۇڭىلاشقا ئۇنى ئۆز-ئارا ئالماشماس دەپ ئاتايمىز. لېكىن بىت تەڭگىسىگە ئوخشايدىغان شىفىرلىق پۇللارنىڭ كىملىكنى مەلۇق ۋاقىتقا كەلگەندە ئالماشتۇرغىلى ياكى ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ. بۇ ئىككىسنىڭ تۈپ پەرقى.

ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگە (ۋەكىڭ ئوبرازى قوللۇنىلغان)
ئۆز-ئارا ئالماشماس بەلگىسى دىئاگراممىسى