ئېلېكتر سىغىمى

ئېلېكتىر سىغىمى ئۆتكۈزگۈچنىڭ زەرەت ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار . ئىككى دانە ئارىلىق ساقلىغان ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىغا توك بېسىمى بەرسەك ، شۇ ئارىلىقتا زەرەت ساقلىنىدۇ . بىر تەرەپ مۇسبەت زەرەت يەنە بىر تەرەپ مەنپىي زەرەت ساقلايدۇ . توك بېسىمى قانچە چوڭ بولسا ساقلانغان زەرەتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ . ساقلانغان زەرەت مىقدارى بىلەن بېرىلگەن توك بېسىمى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ، ئىككىسىنىڭ بۆلۈنمىسى دەل ئېلېكتىر سىغىمىدۇر ، يەنى C=Q/U بۇ فورمۇلادىكى C ئېلېكتىر سىغىمىنى ، Q زەرەت مىقدارىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئېلېكتىر سىغىمىنىڭ بىرلىكى فارادا F ، يەنە مىكرو فارادا mF ، پىكو فارادا pF قاتارلىق بىرلىكلىرى بار .

1F=106uF,1F=1012pF

ئېلېكتر سىغىمى مەخسۇس ئېلېكتىر سىغىمىنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچەنسىمۇ ياكى ئونىۋېرسال مېتىر بىلەن ئۆلچەنسىمۇ بولىدۇ . ئېلىكترىك سىغىمىنى ساقلايدىغان دېتال كوندېنساتور دېيىلىدۇ .