ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر

ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر (资治通鉴) شىمالىي سۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان سىياسىيون ۋە تارىخشۇناس سىما گۇاڭ تەرىپىدىن 1084 - يىلى يىلنامە شەكىلىدە يېزىلغان ھاكىميەتشۇناسلىققا دائىر سىياسىي تارىخىي ئەسەر. ئەسەر جەمئىي 294 جىلد، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 30 جىلد «غەيرىي ئىشلار»، 30 جىلد «مۇندەرىجە» قوشۇمچە قىلىنغان.

«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» گەرچە فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەر قايسى فېئودال خانلىقلارنىڭ گۈللىنىش، خارابلىشىش سەۋەبلىرىنى ئىگىلەپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھۆكۈمرانلىق دەستۈرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا قەدىمكى تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ياشىغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىغا دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. بۇ خاتىرىلەرنىڭ مۇھىم بايانلىرى «جىن خاتىرلىرى»晋纪)، 389- 418يىللار)، دىن تارتىپ «سۇڭ خاتىرلىرى» (宋纪، 428- 472- يىللار)، «چى خاتىرىلىرى» (齐纪، 481- 498- يىللار، «لياڭ خاتىرلىرى» (梁纪،508- 556- يىللار)، «چېن خاتىرلىرى» (陈纪، 563- 588- يىللار)، «سۈي خاتىرىلىرى» (隋纪، 589- 619- يىللار)، «تاڭ خاتىرلىرى» (唐纪، 618- 934- يىللار) ۋە «كېيىنكى تاڭ خاتىرىلىرى» (后唐纪، 929- 934- يىللار) نىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ.

بۇ خاتىرلەردىكى تېلىلار، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ۋاقتى ئېنىق، باش- ئاخىرى بىردەك، ماتېرىيالى كەڭ دائىرلىك، ھەقىقىي بولۇپ، مەيلى سىستېمىلىقى ياكى توغرلىقى جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىرىكى تېلىلار، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان ئەسەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى ئىلىمىي قىممەتكەر ئىگە.