پەيغەمبەر ئائىلىسى ياكى ئەھلى بەيت دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ پەزەنتلىرىنى ۋە نەۋرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەھلى بەيتنىڭ ئەخلاقى ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى تەھرىرلەش

۞ وَمَن يَقْنُتْ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِ وَتَعْمَلْ صَالِحًا نُّؤْتِهَا أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا (31) يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا (32) وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا (33) وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا (34) إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْقَانِتِينَ وَالْقَانِتَاتِ وَالصَّادِقِينَ وَالصَّادِقَاتِ وَالصَّابِرِينَ وَالصَّابِرَاتِ وَالْخَاشِعِينَ وَالْخَاشِعَاتِ وَالْمُتَصَدِّقِينَ وَالْمُتَصَدِّقَاتِ وَالصَّائِمِينَ وَالصَّائِمَاتِ وَالْحَافِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَالْحَافِظَاتِ وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا (35) (سۇرە ئەھزاب 31-35)

تەرجىمىسى تەھرىرلەش

31_ سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، بىز ئۇنىڭغا مۇكاپاتىنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە تولىمۇ) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.

32_ ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، كۆڭلىدە بۇزۇقلۇق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (شۇڭا گەپ قىلغاندا گۇماندىن خالىي) ياخشى گەپنى قىلىڭلار.

33_سىلەر ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، (سىرتقا) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ (بۇنىڭ بىلەن) سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى پاك_پاكىز قىلىشنى خالايدۇ.

34_ئۆيۈڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقانلىرىنى ئۇنۇتماڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

35_شەكسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللار، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللار، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللار، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللار، كەمتەر ئەرلەر ۋە كەمتەر ئاياللار، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللار، نومۇسىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نومۇسىنى ساقلىغۇچى ئاياللار، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئاياللار بارغۇ، ئاللاھ ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات تەييارلىدى.

تەڧسىرى تەھرىرلەش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىلىم - مەرىپەتنىڭ، ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ مەنبەسى بولغان پەيغەمبەر ئائىلىسىدە تەربىيەلىنىپ يېتىشكەن ئالاھىدە ئاياللار بولغانلىقتىن، ئۇلاردىن سادىر بولغان گۇناھ_مەسىيەتلەر ئىككى قات بولۇپ يېزىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى كىچىك گۇناھلارمۇ چوڭ گۇناھلار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ناۋادا ئۇلاردىن بىرەر گۇناھ مەسىيەت سادىر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلغان ھالدا، چىن ئىخلاس ۋە سەمىمىي نىيەت بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى ئىككى ھەسسە زىيادە بېرىلىدۇ.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئالىي جەننەتلەرنى، ئەڭ ئېسىل رىزىقلارنى ۋە كاتتا نېئمەتلەرنى، خىيال قىلىپ باقمىغان مۇكاپاتلارنى تەييارلىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدە ياشىغان، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرىپىگە نائىل بولغان بەختلىك ئاياللاردۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەڭ يۈكسەك ئەدەپ بىلەن ئەخلاقلىنىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى، تاقىيامەتكىچە مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۈلگە بولىدىغانلاردۇر. بۇ ئەدەب_ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئاياللارنى ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن، بارلىق گۇناھ_مەسىيەتلەردىن يىراق قىلىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ باشقا ئاياللارغا نەمۇنە بولۇشى ۋە ياخشى ئىشلاردا جىمى مۇسۇلمان ئاياللارغا باشلامچى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدە بولغانلىقتىن باشقا مۇسۇلمان ئاياللار شەرىئەت مەسىلىلىرىنى، خۇسۇسەن ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە ۋە بارلىق ھايات ساھەلىرىدە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا مۇھتاجدۇر.

ئاللاھ تائالا شۇ مەنىدە دەيدۇكى، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر پەزىلەتتە ۋە شەرەپتە باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. چۈنكى سىلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ياخشىلارنىڭ ياخشىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بولۇپ، سىلەردە سىلەرنى بۇ ئېسىل شەرەپكە لايىق قىلىشقا يېتەرلىك تەقۋالىقمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولۇش تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ. شۇڭا سىلەر باشقا ئاياللارغا قەتئىي ئوخشىمايسىلەر.

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، سىلەر سۆز قىلغاندا، خۇسۇسەن يات ئەرلەرگە سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە، نازلىنىپ گەپ قىلماستىن، بەلكى تەبىئىي بولۇڭلار، ياسالمىلىقتىن يىراق تۇرۇڭلار، كۆڭلىدە بۇزۇقلۇق ۋە يامان نىيەت بار ئادەملەر سىلەرگە قارىتا تەمەدە بولۇپ قالمايدىغان رەۋىشتە مۇناسىپ ۋە ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى سۆز قىلىشتا نورمال ۋە تەبىئىي بولۇشقا، ئەرلەرنىڭ دىققىنىتى قوزغايدىغان، ئەخلاقى بۇزۇق، نىيىتى يامان، ئىمانى ئاجىز ئادەملەرنى تەمەدە قويىدىغان نازاكەتلىك سۆزلەرنى قىلىشتىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇغان. بۇ دېگەنلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى شۇنداق نازاكەتلىك سۆز قىلىدىغان ئاياللار ئىدى، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئۇلار ئەدەب_ئەخلاق، تەقۋالىق، ئەمەل_ئىبادەت ۋە ھەممە ئىشتا ئۈلگىلىك ئاياللار ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا شۇنداق ۋەز_نەسىھەتلەرنى قىلىش ۋە سۆزنى ئۇلارغا قىلىش ئارقىلىق جىمى مۇسۇلمان ئاياللارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان.

ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، سىرتقا چىقىشتا ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار. ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرى ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئازغۇنلۇققا ۋە خۇراپاتقا توشقان جاھالەت دەۋرى بولۇپ، ئەرەبلەر بۇتقا چوقۇنۇشقا بېرىلىپ كەتكەن، خۇراپات، نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئەۋجىگە چىققان بىر دەۋر ئىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ياسىنىپ چىقىش دېگەن ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان، ئىسلام شەرىئىتى قوبۇل قىلمايدىغان شەكىلدە كىيىنىپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. ئاياللارغا مۇنداق ۋەز_نەسىھەتلەرنى قىلىشتىن مەقسەت ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىپپىتىنى ساقلاش ۋە مەرتىۋىسىنى يۈكسەلتىشتۇر. ئايەتتىكى خىتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بۇ خىتابنىڭ جىمى مۇسۇلمان ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدا شەك يوق.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇشىدىن مەقسەت ئاياللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆيدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. چۈنكى ئۆي ئايالنىڭ مەملىكىتى، بالىلارنىڭ يەسلىسى، پىشقان ئەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئورۇن، ئەرلەرنىڭ ئىستراھەتخانىسى، مۇھەببەتنىڭ ئورنى بولۇپ، ئايال بۇ ئۆيدە دىن ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا قادىردۇر.

ئاياللارنى ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغانلىق قەتئىي سىرتقا چىقمىسۇن، ھەمىشە ئۆيدىلا ئولتۇرۇپ تالانى كۆرمىسۇن، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئاياللار سىرتقا چىقسا بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى سىرتقا چىققاندا ئۆتمۈشلەردىكى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ياكى ھازىرقى تەرەققىي قىلغان جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش ياسىنىپ چىقىشتىن توسۇشتۇر. بۇ پەقەت ئائىلىنى ۋە جەمئىيەتنى ھەر تۈرلۈك بەخىتسىزلىكلەردىن قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ھېكمەتلىك چارىدۇر.

ھازىرقى زاماندىكى يېرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان ئاياللارنىڭ قىياپىتىنى ئىسلام دىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە مۇسۇلمان ئاياللىرىنى ئۇلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن توسىدۇ. ئىسلام دىنى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئايالنىڭ قائىدە بويىچە چىرايلىق كىيىنىشىنى ۋە ئېسىل ياسىنىشىنى توسمايدۇ. پەقەت بۇ كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى ئۆزىنىڭ ئېرىدىن باشقىسى ئۈچۈن ئاتىشىنى يەنى باشقىلار ئۈچۈن ياسىنىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

ئاياللار ئۆز ئۆيىدە ئېرىنىڭ كۆزىدە كونا ۋە سەت كىيىملىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ياكى ئېرى ئۈچۈن ياسانماي، ئېرى ئۈچۈن ئۆزىگە خۇشپۇراق چاچماي، ئېرى ئۈچۈن جەلبكار كىيىملەرنى كىيمەي، پەقەت تالاغا چىقىشتا باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە باشقا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىنىپ، ئۆزىگە گىرىملەرنى قىلىپ، خۇشپۇراقلارنى چېچىپ چىقسا، بۇنى توغرا دېگىلى بولامدۇ؟ مۇشۇ چىرايلىق ياسىنىشتىن، مۇشۇ خۇش پۇراقتىن ھۇزۇر ئېلىش ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ھەققى ئەمەسمىدى؟ مۇنداق قىلىدىغان ئاياللار قانداقمۇ ئائىلىسىنىڭ ھۇزۇر_ھالاۋىتىنى قوغدىيالىسۇن؟

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارنى ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن - پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا ياسىنىپ سىرتقا چىقىشتىن توسقاندىن كېيىن، ئۇلارنى نامازنى مۇكەممەل ۋە تولۇق ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. چۈنكى ناماز ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش، بەندىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىن قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. زاكات بولسا، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سالىدۇ، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدۇ. زاكات يەنە جەمئىيەتنى كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك دېگەندەك ئىللەتلەردىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش بەخت_سائادەتنىڭ كاپالىتىدۇر.

«ئاللاھ (بۇنىڭ بىلەن) سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى پاك_پاكىز قىلىشنى خالايدۇ» دېگەن ئايەت شۇنى ئوچۇقلايدۇكى، بۇ ئەمر_پەرمانلارنى ئورۇنداشنىڭ پايدىسى ئاللاھ تائالاغا بولمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇنداق ياخشى خىسلەتلەرگە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەرنى، گۇناھ_مەسىيەتلەرنى ساقىت قىلىپ، ئۇلارنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ.

كۆرسەتمىلىرى تەھرىرلەش

ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى شان_شەرەپ ۋە ھۆرمەت پەقەت تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم :﴿ﱱ ﱲ ﱳ ﱴ ﱵﱶ ﴾ يەنى (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەرتلىك سانىلىدىغانلىرىڭلار ئەڭ تەقۋا بولغىنىڭلار[1] ) دەپ جاكارلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۈلگىدۇر. ئاياللار يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا، نازلانماستىن تەبىئىي رەۋىشتە گەپ قىلىشى لازىم. ئاياللارنىڭ ئۆيدە بولۇشى ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ياخشى ۋە بالىلارنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھېكمەتتىن مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدۇر. ھازىرقى زاماندا بەزى ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىشى بەئەينى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ كىيىنىشىدۇر.

مەنبە تەھرىرلەش

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5046.html

  1. ھۇجۇرات سۈرىسى12_ئايەت.