بانان(ئېنگلىزچە: Banana) دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ داڭلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مالايسىيا، ھىندىستان ۋە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ئېلىمىز پاكار ئۆسىدىغان باناننىڭ ماكانى بولۇپ، ئۇ، لىجى، ئاناناس، ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلار بىلەن قوشۇلۇپ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ تۆت چوڭ داڭلىق مېۋىسى دېيىلىدۇ. قەدىمكى ئادەملەر باناننى «ئۇزۇنچاق سېرىق مېۋە» دەپ ئاتىغان.

باناننى يىمەكلىك قىلىپ ئىستىمال قىلىش
ئۇيغۇرچە ئىسمى بانان
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئائىلىسى بانان ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 香蕉
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر
تۈرى بانان

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
بانان دەرىخى (مىسىر، بانان ئارلى، لۇخور)

بانان بانان ئائىلىسىگە كىرىدىغان، شۇنداقلا دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ شەكى(مورفولوگىيىسى) ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوق يىلتىزى بولماستىن، پەقەت يەر ئاستى غولىدىن ئۆسۈپ چىققان تۇراقسىز يىلتىزلىرىلا بولىدۇ؛ ئاساسىي غولى بولماستىن، پەقەت قاتمۇقات بېسىلغان كاھىشسىمان يوپۇرماق غىلاپلىرىنىڭ ئۈستى-ئۈستىلەپ دەستىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان «يالغان غولى» لا بولۇپ، تېرەپ تۇرۇش ۋە ماددىلارنى توشۇش رولىنى ئوينايدۇ. باناننىڭ گۈلى مۇكەممەل گۈل بولۇپ، مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتىگە رەتلىك تىزىلىپ ئۆسىدۇ. كۆپىنچە گۈل ئوقىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى گۈللىرى بالدۇر يېتىلىپ مېۋىلەپ تۇرىدۇ، ئۇچى قىسمىدىكى گۈللىرى بولسا ئارقا-ئارقىدىن داۋاملىق يېتىلىپ مېۋىلەيدۇ. باناننىڭ مېۋە باشىقى 6 ~12 گىچە مېۋە بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ، ھەربىر مېۋە بۆلىكىدە5 ~20 گىچە مېۋە بولىدۇ. بىر چوڭ بانان ساپىقىدا تەخمىنەن 200 تالغىچە بانان بولۇپ، ئېغىرلىقى 40 −50 كىلوگرام كېلىدۇ. تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بانانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر جىنسلىق مېۋىلەيدىغان بولغاچقا ئۇرۇقى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ كۆپىنچە شورالما بىخ ۋە يەر ئاستى شارسىمان غوللىرى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.

تۈرى ۋە تىپى تەھرىرلەش

  باناننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ. پۈتۈن دۇنيادا باناننىڭ  50 تىن ئارتۇق تۈرى، 300 دىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرى بار. بانان ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچىسى، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان بانانلار. مەسىلەن، قوناقگۈللۈك بانان، قىزىلگۈللۈك بانان ۋە يۇكيۇ بانانى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچىسى، مېۋە كۆكتات خىلىدىكى بانانلار بولۇپ، ئادەتتىكى بانان ۋە تاتلىق بانان دەپ بۆلۈنىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر باناننى ئاشلىق ياكى كۆكتات ئورنىدا يېمەكلىك قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، تالا خىلىدىكى بانانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى بانانلارنىڭ غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تالالىرى ئېلاستىكلىق بولغاچقا، كاناپ توقۇلمىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل بانان «كەندىر بانان» دەپمۇ ئاتىلىپ، كۆپىنچە فىلىپپىندىن چىقىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتى تەھرىرلەش

 
دۇكاندىكى بانانلار (تېكساس شىتاتى)
 
بانان دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى

باناننىڭ تەركىبىدىن قارىغاندا، ئۇنى مېۋىلەر پادىشاھلىقىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى قۇرۇق ماددا مىقدارىلا %90 تىن ئارتۇق بولۇپ، %4.4 ئاقسىل بولىدۇ. تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭكىدىن تۆت ھەسسە، ۋىتامىن 2 B نىڭ مىقدارى ئالما، ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە، نىكوتىنىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئالما، ئاپېلسىنلارنىڭكىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئەنگلىيىلىك ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بانان(بولۇپمۇ كۆك بانان) تەركىبىدە ئاشقازان شىللىق پەردىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماددىلار بولۇپ، ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار ئىكەن.

تىببى قىممىتى تەھرىرلەش

بىئاراملىقنى ياخشىلايدۇ: بانان تەركىبىدىكى ترىپتوفان ئادەم بەدىنىدە سېروتونىنغا ئايلانغاندىن كېيىن ، سېروتونىن بەدەننى راھەتلەندۈرۈپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بىئاراملىقنى پەسەيتىدۇ.

قان بېسىمىنى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ: بانان يۇقىرى كالىيلىق تۆۋەن ناترىيلىق بولۇپ، قان بېسىمىنى ناھايىتى ياخشى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.

مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ:

قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: بانان تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالالىرى ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشكە ياردەم بىرىدىكەن.

ھاراق چىشلىۋېلىشنى پەسەيتىدۇ: ھاراق چىشلىۋېلىشنى پەسەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىرىنىڭ بىرى- ھەسەل قوشۇلغان بىر ئىستاكان بانان سۈتى ئىچىشتىن ئىبارەت.بانان ئاشقازاننى ئاسراش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەسەل قاندىكى شېكەرنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، كالا سۈتى ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىنكى سۇسىزلىنىشنى پەسەيتىشكە ياردەم بىرىدۇ.

مەيدە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: زەردىسى قاينىسا ئاسانلا مەيدە ئېچىشىدۇ، بىر تال بانان ئىستېمال قىلغاندا كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

 
ماتلاب، چاندىپۇردىكى بانان سانائىتى

ھامىلدار ئاياللارنىڭ ياندۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: ھامىلىدار ئاياللار ئىككى ۋاقلىق تاماق ئارلىقىدا بىر تال بانان ئىستېمال قىلغاندا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ياندۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

جىددىي كەيپىياتنى تىنىچلاندۇرىدۇ: بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار نېرۋا سېستىمىسىنى تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

 
ھدىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىل نادۇدا كىشلەر بانان يوپۇرمىقىنى تاماق قاچىسى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. بۇر بىر خىل مۇھىت ئاسىرايدىغان ياخشى ئۇسۇل.

ئاشقازان يارىسى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: بانان يۇمران بولۇپ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەسەيتىشكە ياردەم بىرىدۇ. بانان يەنە زىيادە كۆپ ئاشقازان كېسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئاسرايدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى