بەنۇ قۇرەيزە، ياكى بەنى قۇرەيزە، ئىسلامنىڭ دەستلەپكى چاغلىرىدا مەدىنەدە مەۋجۇد ئۈچ يەھۇدىي قەبىلەسىدىن بىرىدۇر. ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە بىلەن بولغان قارشلىشىشلار بىلەن مەشھۇر بولغان. 627- يىل بەنۇ قۇرەيزە قەبىلەسىنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەر بىلەن بولغان كېلىشىمىنىڭ بوزۇلىشىدىن سوڭرە مەيدانغا كەلگەن ۋاقىئەدە ئىسلامى مەنبەلەرگە كۆرە كېلىشىم تەقەززاسى بىلەن خەندەك ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدىنەنى قوغدىشى كېرەك تۇرۇپ، ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن بولغان كېلىشىمنى بوزغان ۋە كېيىنچە دۈشمەن بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىشقا باشلاغان. ئەلقىسسە، ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەنى قۇرەيزە ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشىنى بۇيۇردى. بۇنىڭ ئۈستىگە قورشالغان قەلئەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، رەسۇلۇللاھ س.ئە بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلەرىنى ئىسلامغا چاقىردى.[1] بولۇشسىز جاۋاب بەرگەن بەنۇ قۇرەيزەگە تەسلىم بولۇش تەكلىڧ قىلىندى. رەدد قىلىنىشى بىلەن توقۇنۇش باشلىدى. قارىمۇ-قارشى ئۆزئارا ئوق ۋە تاش ئېتىشلار بىلەن 1 ئايغا ياقىن سۈرگەن قورشاۋنىڭ نىھايەتىدە بەنۇ قۇرەيزە تەسلىم بولدى. ئېلىنغان قارار بويىچە بەنى قۇرەيزەنىڭ ئەرلىرى ئۆلتۈرىلىدۇ، ئايال ۋە بالىلار ئەسر مۇئامىلىسى كۆرىدۇ. ماللار مۇسۇلمانلار ئاراسىندا ئۆلۈشىلەتتى.[2] ھەزرىتى مۇھەممەد بولسا ئەسىرلەردىن ئۆز پايىغا تۈشكەن رەيھانە بىنت زەيدنى ئالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنەنىڭ بازار يېرىدە خەندەكلەر قازدۇردى ۋە 600دىن كۆپرەك بەنۇ قۇرەيزە ئەرلىرى ئېلىپ كېلىنىپ بۇ خەندەكلەرنىڭ ئىچىدە باشلارى كېسىلىپ ئۆلتۈرۈلدى.[3]

قاراڭ تەھرىرلەش

بەنۇ قۇرەيزە غەزۋەسى

Kaynaklar تەھرىرلەش

  1. Taberi II, s. 491
  2. Diyanet İslam Ansiklopedisi, cilt: 26; sayfa 432
  3. Taberi II, s. 500