تاتلىق ياڭيۇ «بۆلۈنۈشكە ماھىر». سىز تاتلىق ياڭيۇ تۈپىدىن ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنى، ياڭيۇنىڭ بىر پارچىسىنى، پېلىكىنىڭ بىر بۆلىكىنى، ھەتتا ياڭيۇ پارچىسىنى قەلەمچە قىلىپ ياكى يالپاقلاپ توغراپ ئۇنىڭغا يېتەرلىك سۇ ۋە مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا بەرسىڭىزلا ئۇ ئۆسۈپ يېڭى مايسا ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ جىنسسىز كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

تاتلىقياڭيۇنىڭ ئېلىمىزگە تارقىلىشى ئۇنىڭ بۆلۈنۈش ھىممىتىدىن بولغان. مىڭ سۇلالىسىدە فۇجيەننىڭ چاڭلې دېگەن جايىدا چېن جېنلۇڭ دەيدىغان تىجارەتچى بار بولۇپ، فىلىپپىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۇ شۇ جايدا ئۆستۈرۈلىدىغان تاتلىقياڭيۇنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشكە بەل باغلىغان. بىراق، ئەينى چاغدا فىلىپپىن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا، تاتلىقياڭيۇنى سىرتقا يۆتكەش مەنئى قىلىنغانىدى. كېيىن، چېن جېنلۇڭ تاتلىقياڭيۇنىڭ بۆلۈنۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تاتلىقياڭيۇ قەلەمچىسىنى مەخپىي ھالدا كېمىنىڭ ئارغامچىسىغا باغلاپ، سىرتىغا لاي سۈركەپ تەكشۈرۈشتىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، دېڭىز ئارقىلىق فۇجيەنگە كېلىپ، ئۇنى ۋەتەن دىيارىدا ئۆستۈرۈپ چېچەكلەتكەن.

تاتلىقياڭيۇ خەنزۇچىدا يەنە خۇڭشۇ، بەيشۇ، دىگۇا، فەنشۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇنىڭ يوغان تۈگۈنەك يىلتىزى تەملىك، يېيىشلىك كېلىدۇ. مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا، مۇنبەتسىز تۇپراققا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدە كەڭ دائىرىدە تېرىلىدۇ.

تاتلىقياڭيۇنى ئەتىيازدىمۇ، يازدىمۇ تېرىشقا بولىدۇ. ئەتىيازدا تېرىلغىنى ئەتىيازلىق تاتلىقياڭيۇ، يازدا تېرىلغىنى يازلىق تاتلىقياڭيۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر يازدا تېرىلسا مايسا ئۆستۈرۈش جەريانى قىسقارتىلىپ، بىۋاسىتە ئەتىيازلىق پېلەكتىن قەلەمچە ئېلىنىپ يەرگە تىكىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەھمىيەتلىكى شۇكى، تاتلىقاڭيۇ تۈگۈنەك يىلتىزىنىڭ روشەن پىشىش مەزگىلى بولمايدۇ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا بولسىلا ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ، شۇڭا ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزارغانسېرى مەھسۇلاتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنى تېرىش ۋە يىغىۋېلىشنىڭمۇ ئىنچىكە پەسىل تەلىپى يوق، قۇر ئارىسىغا تېرىشقا، كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا باب كېلىدۇ. پەسىل تاللاپ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.

تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە كراخمال، شېكەر ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، ئاقسىلنىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر كۆپ. ئادەتتە دانلىق زىرائەتلەردە بولمايدىغان ئاسكوربىك كىسلاتا يېڭى تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. ئۇ كراخمال، ئىسپىرت، ئاتسېتون، گلۇكوزا قاتارلىقلارنى ئىشلەيدىغان مۇھىم سانائەت خام ماتېرىيالى بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇسسۇلۇق گاز سۈيىدىكى لىمون كىسلاتاسى، تاماق تەمىنى تەڭشەشتىكى ھاراق ۋە تېتىتقۇ، ھەتتا رەڭلىك سىنئالغۇ لېنتىسى ئىشلەشتىمۇ تاتلىقياڭيۇنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بار!