جۇڭگو تارىخى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، چاڭجىياڭ (قىزىل) ۋە خۇاڭخې (سېرىق ئۆزەن) دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان خەلقلەر ۋە قوشنا خەلقلەرنىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تارىخى بويىچە بۇگۈنكى جۇڭگو توپراقلىرىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەر

ئەگەر خىتاينىڭ يېزىق تارىخىنى چىقىش قىلغاندا، تۇنجى قېتىم سېستىمىلاشقان چىغناق-تاغاق يېزىقىدا تىلغا ئېلىنغان شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 3,300 يىللىق (مىلادىدىن بۇرۇنقى 1300 - يىللاردىن تارتىپ)؛

ئارخىئولوگىيلىك تېپىلمىلارنى چىقىش قىلغاندا، تۇنجى ئولتۇراق ھايات خاراكتېرىدىكى ئېرلىتۇ مەدەنىيەت خارابىسىدىن ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 3,700 يىللىق؛

غەربىي جۇ سۇلالىسى يازما يادىكارلىقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىيا سۇلالىسىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 4,100 يىللىق (مىلادىدىن بۇرۇنقى 2070 - يىللار)؛

كۇڭزى تىلغا ئالغان ئۈچ پادىشاھ بەش خاقان ئەپسانىلىرىدىن ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 4,700 يىللىق (مىلادىدىن بۇرۇنقى 2698 - يىللار)؛

ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى لاڭجۇ مەدەنىيەت خارابىسىنى چىقىش قىلىغاندا تەخمىنەن 5,300 يىللىق؛

ئەگەر تەڭرىقاغان، پەنگۇ، نۈۋا قاتارلىق جەزىملەشمىگەن ئىلاھ ۋە ئىلاھەلەر دەۋرىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن «بەشمىڭ يىل»لىق (خەلق ئارىسىدا بەشمىڭ يىل دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ)؛

يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت زىشەن مەدەنىيىتى چىقىش قىلىنغاندا تەخمىنەن 10 مىڭ يىللىق؛

كونا تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت بېيجىڭ ئادىمى ۋە لەنتىيەن ئادىمى دەۋرىدىن ھېسابلىغاندا 680 مىڭ — 1,000,000 (بىر مىليون) يىللىق تارىخىي جەرياندۇر.

خىتاي قەدىمىي ئەپسانلىرىدىكى فۇشىنىڭ رەمنىڭ سەككىز سىمۋۇللۇق بەلگىسىنى ئىجاد قىلىشى، خۇاڭدى زامانىدىكى ساڭجىنىڭ يېزىق ئىجاد قىلىشى؛ يېقىنقى زامان ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلىملاردىن 3,300 يىللىق چىغناق-تاغاق يېزىقى (م.ب 1300 - يىللار)، 4,500 يىللىق ساپال يېزىقى، 5,000 يىلدىن 8,000 يىلغىچە تارىخقا ئىگە تاشپاقا قېپىغا ئۇيۇلغان ئىشارەتلەر قاتارلىقلارمۇ خىتاي تارىخىنىڭ بىر قىسىمدۇر.

خىتاي تارىخى
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شيا سۇلالىسى|شاڭ سۇلالىسى|جۇ سۇلالىسى|چىن سۇلالىسى|غەربىي خەن سۇلالىسى
م. 0-499: شىن سۇلالىسى|شەرقىي خەن سۇلالىسى|ئۈچ پادىشاھلىق|جىن سۇلالىسى|ۋېي سۇلالىسى
م. 500-999: سۈي سۇلالىسى | تاڭ سۇلالىسى|شىمالىي سوڭ سۇلالىسى
م. 1000-1499: ئالتۇن سۇلالىسى|تاڭغۇت سۇلالىسى | جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى
موڭغۇل ئىمپېرىيىسى |يۈەن سۇلالىسى| مىڭ سۇلالىسى
م. 1500-1999: چىڭ سۇلالىسى|جۇڭخۇا مىنگو
باشقىلار: چىڭگىزخان-تارىخى فىلم