جۇڭگو سول قانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقى

جۇڭگو سول قانات يازغۇچىلار ئىتتىپاقى (خەنچە: 中国左翼作家联盟) قىسقىچە: سول ئىتتىپاق (خەنچە: 左联) بولسا 1930 — 1935- يىللىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى سول قانات يازغۇچىلارنىڭ ئوچۇق ئاشكارە بولماغان يەر ئاستى تەشكىلاتتۇر. ج ك پ نىڭ بۇ ئەدەبىيات تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىن مەقسەدى، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن تەشۋىقات ساھەسى تالىشىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى جەلب ئەتمەك ئىدى. سول ئىتتىپاقنىڭ بايراقدار كىشىسى ﻟﯘﺷﯜﻥ ئىدى.

سول ئىتتىڧاق 1930- يىلى 10- ئايدا شاڭخەيدە رەسمىي قۇرۇلغان جۇڭگو سول قانات مەدەنىيەت ساھەسى باش ئىتتىپاقى ("باش ئەدەبىي ئىتتىڧاق"\“文总") نىڭ تەشكىلىي ئەزالىرى، ئىلگىرى ئاخىرى ئەدەبىي ئىتتىپاققا يەنە: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئىتتىپاقى("ئىجتىمائىي ئىتتىپاق\“社盟")، جۇڭگو سول قانات تىياتىرچىلار ئىتتىپاقى("تىياتىر ئىتتىپاقى\“剧盟")، جۇڭگو سول قانات خەبەر مۇخابىرلەرى ئىتتىپاقى("مۇخبىرلەر ئىتتىپاقى"\“记联”) شۇنداقلا جۇڭگو سول قانات مائارىپچىلار ئىتتىپاقى ("مائارىڧچىلار ئىتتىڧاقى"\“教联”)، جۇڭگو سول قانات سەنئەتكارلار ئىتتىپاقى ("سەنەتكارلار ئىتتىپاقى"\“美联”)، مۇسىقە كىچىك ئەترىتى، جۇڭگو كىنو مەدەنىيىتى ئۇيۇشمىسى (يەئنى، ج ك پ كىنو كىچىك ئەترىتى)، جۇڭگو پولو دۇنيا تىلچىلىرى ئىتتىپاقى (دۇنيا تىلى كىچىك ئەترىتى) قاتارلىق 8 تەشكىلىي ئەزا قوشۇلغان.

ئاساسىي ئەزالىرى تەھرىرلەش

  • ﻟﯘﺷﯜﻥ
  • ماۋدۇن
  • گومورۇ
  • ئا يىڭ
  • تىيەن خەن
  • جېڭ بوچى
  • خوڭ لىڭڧېي
  • دەي پىڭڧەن
  • جياڭ گۇاڭزى
  • ئەي ۋۇ
  • ۋاڭ رېنشۇ
  • چېن خۇاڭمېي