جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى

گومىنداڭ، ياكى جۇڭگو گومىنداڭ (خەنچە: 中国国民党 ، ئىنگ: Kuomintang of China، قىسقارتما: KMT) تۈز تەرجىمىسى خىتاي مىللەتچى پارتىسى (“Chinese Nationalist Party”) دېگەنلىكتۇر. گومىنداڭ پارتىيىسى سۇن جوڭشەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇڭگونىڭ بىر سىياسىي پارتىيىسى. جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى بۇرژۇئازىيەلىك سىياسىي پارتىيىدۇر، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىنگو ۋە ئاسىيا قىتئەسىدە ئەڭ پېشقەدەم پارتىىيلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ تارىخىنى ئەڭ دەسلەپتە 1894- يىلى 24- ئوغلاق كۈنى قۇرۇلغان جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى دېيىشكە بولىدۇ، كېيىنچە بۇ جەمئىيەت نەۋبەت بىلەن جۇڭگو ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتچى پىرقىسى ۋە جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پىرقىسىى، قاتارلىق ناملارنى ئالدى، 1910- يىلى 10- ئوغۇز كۈنى سۇن جوڭشەن تەشكىلاتنى قايتا تەرتىپلەپ، نامىنى رەسمىي جۇڭگو گومىنداڭ پىرقىسى (جۇڭگو مىللەتچى پىرقىسى) دەپ بېركىتتى. جۇڭگو گومىنداڭ پىرقىسى 1928- يىلى شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ غالىب كېلىپ، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى، 1948- يىلى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قايتا تەشكىللەندى. 1949- يىلى گومىنداڭ- كۇمپارتىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن سوڭرە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىن تەيۋەنگە چېكىندى. ھازىر تەيۋەننىڭ سىياسىي پارتىيىسىدۇر.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى – گۇرۇھلارنىڭ بىرى، سابىق جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتچىلىرى ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات زاتلار قۇرغان، سىياسىي ئىتتىپاقداش خاراكتېرگە ئىگە، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە.

تەرەققىيات مۇساپىسى تەھرىرلەش

سۇن جۇڭشەن1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغان. 1924-يىلى سۇن جۇڭشەن روسىيە بىلەن، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلار ۋە ئىشچىلارغا يار-يۆلەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىياسەتنى تۈزۈپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ 1-قېتىملىق ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سۇن جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو گومىنداڭى ئىچىدىكى دېموكراتلار ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر دېموكرات زاتلار سۇن جۇڭشەننىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنقىلاب قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابقا داۋاملىق قاتنىشىش ھەمدە گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيىنىڭ2-قېتىملىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە رولىنى پائال جارى قىلدۇرغان. 1943-يىلى گومىنداڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتلار ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش ئۈستىدە، يەنە بىر قىسمى جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دېموكراتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. 1945-يىلى كۈزدىن 1946-يىلى ئەتىيازغىچە ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ چۇڭچىڭ ۋە گۇاڭجۇدا قۇرۇلدى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە ھاكىممۇتلەقلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

1947-يىلى ئۈچ مەسلەكچىلەر بىرلەشمىسى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق گومىنداڭ دېموكراتىيىچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بەزى ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتلار ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شياڭگاڭغا يېتىپ باردى. 11-ئايدا جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيىچىلىرىنىڭ 1-قېتىملىق بىرلەشمە ۋەكىللىرى يىغىنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. 1948-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يىغىن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، سۇڭ چىڭلىڭنى پەخرىي رەئىسلىككە، لى جىشېننى رەئىسلىككە سايلىدى. 1948-يىلى 5-ئايدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېڭى سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى ھەمدە كېيىنكى يىلى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، «ئورتاق پروگرامما» نى تۈزۈشكە، شۇنىڭدەك مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامزاتىنى مەسلىھەتلىشىش، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەم دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلار ئالاقىلىشىدىغان زاتلارنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزم قۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېلىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرى40 مىڭدىن ئاشىدۇ، 3000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى شەھەردىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق رەئىسلىرى: لى جىشېن، خې شياڭنىڭ، جۇ يۈنشەن، ۋاڭ كۇنلۇن، چۈ ۋۇ، جۇ شۆفەن، لى پېيياۋ، خې لۇلى.

ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تەھرىرلەش

جڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات : مەركىزىي تەشكىلات. يەرلىك تەشكىلاتلار ئۆلكە دەرىجىلىك، ئۆلكىگە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك كومىتېت تەسىس قىلىنغان. ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلات ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم, بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى؛ ئۆلكىگە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئۆلكىگە قاراشلىق شەھەر ( ئاپتونوم ئوبلاست، ئايماق)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى رايونلۇق كومىتېتى؛ ناھىيە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيە ( خۇشۇن )، ئۆلكىگە قاراشلىق شەھەر، رايونلۇق كومىتېت. ئاساسىي قاتلام ياچېيكىسى، پارتىيە باش ياچېيكىسى.

رەھبەرلىك تۈزىمى تەھرىرلەش

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈمى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى. دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە بىرلەشتۈرۈلگەن پىرىنسىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ شەخس تەشكىلگە بويسۇنۇش، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنماق، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ , پۈتۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشى لازىم؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن سايلاش كېرەك.

مەركىزى ئورگان تەھرىرلەش

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەنگۇڭتىڭى، تەتقىقات ئىشخانىسى، تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، ئالاقىلىشىش بۆلۈمى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق ئالتە فۇنكسىيىلىك بۆلۈم ئۆيى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت يەنە دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلغان گېزىت چىقىرىشقا رەھبەرلىك «ئىتتىپاق گېزىتى» ۋە ئىچكى ژورنىلى بولغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى، ھەمدە «ئىتتىپاقلىق نەشرىياتى»، «جۇڭگوشۇناس ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى» قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىنغان.