خېنە گۈلى ئۇرۇقى


خېنە گۈلى ئۇرۇقى تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش، يەل ھەيدەش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش،سۆڭەك ئاغرىقىنى توختىتىش، راك ھۆجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :خېنە گۈلى ئۇرۇقى


ئەرەبچە نامى :بەزىرۇلخىنا

پارسچە نامى :تۇخۇمى خىنا

ئىنگلىزچە :Seed of Garden Balsam

ئوردۇچە نامى :سەمەندىكى بىيىج

تەمى :تەمى بىر ئاز ئاچچىق، پۇرۇقى سۇس بولىدۇ.

چىقىش ئورنى :جۇڭگو

ۋاقتى :كۈز

تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

تونۇش تەھرىرلەش

ئۆسۈملۈك خېنە گۈلى(Impatiens balsamina L.)نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، خېنە گۈلى ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى تەھرىرلەش

خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق تىك ئۆسۈدىغان،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇش
  • ئائىلىسى
  • دورىلىق ئورنى
  • ئۈنۈملۈك تەركىبى
  • شەكلى
  • كېسەللىك مىسالى
  • فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
  • خاس تەسىرى
  • ئورۇنباسارى
  • ئەكىس تەسىرى
  • تۈزەتكۈچىسى
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • يىغىش
  • ساقلاش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئائىلىسى تەھرىرلەش

خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق تىك ئۆسۈدىغان،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

دورىلىق ئورنى تەھرىرلەش

ئۇرۇقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى تەھرىرلەش

بۇنـىڭ تـەركىـۋىـدە بالـزامـىناسـتېـرول (Balsaminastreol)، ئاتـسىـدوم، پارىنـارىـكـوم كىسلاتاسى(ParinaricAcid)، ساپونـىن، مـاي، قەنـت، ئاقسىـل، ئامىنو كىسلاتاسى، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى تەھرىرلەش

بۇنـىڭ تـەركىـۋىـدە بالـزامـىناسـتېـرول (Balsaminastreol)، ئاتـسىـدوم، پارىنـارىـكـوم كىسلاتاسى(ParinaricAcid)، ساپونـىن، مـاي، قەنـت، ئاقسىـل، ئامىنو كىسلاتاسى، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.

شەكلى تەھرىرلەش

قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياپىلاق شەكىللىك ياكى ياپىلاق تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ. ئورۇق، پوستى قوڭۇرياكى خومىرەڭلىك.

كېسەللىك مىسالى تەھرىرلەش

بەرەس، بەھەق، زەخىمە بوغۇم ئاغرىقلىرى، بەل-پۇت ئاغرىقى،ھەيز تۇتۇلۇش،قىيىن تۇغۇت، لىمفا سىل كېسەللىكى، بالىلار پارالىچى، قىزىلئۆڭگەچ ۋە سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى تەھرىرلەش

1.بالىياتقۇ بوينىنى قوزغىتىدۇ. 2.ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3.باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.

خاس تەسىرى تەھرىرلەش

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

چاققاق ئوت ئۇرۇقى

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

كەتىرا، ئىسپىغۇل

خاس تەسىرى تەھرىرلەش

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئورۇنباسارى تەھرىرلەش

چاققاق ئوت ئۇرۇقى

ئەكىس تەسىرى تەھرىرلەش

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ

تۈزەتكۈچىسى تەھرىرلەش

كەتىرا، ئىسپىغۇل

ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

1. خېنە گۈلى ئۇرقىدىن 3 گرام، قىچا 10 گرام، سامساقتىن 7 گرام، سىياداندىن 10 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا بەرەس، بەھەق كىسەللىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.

2. خېنە گۈل ئۇرقىدىن 3 گرام، زىرە، يالپۇز، سوزاپ ئۇرۇقىدىن 10 گرامدىن، قەردىمانەدىن 5 گرام ئېلىپ  تالقان قىلىپ يېسە ئاشقازان، ئۈچەي كىسەللىكلىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.

يىغىش تەھرىرلەش

كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئارىلاشمىلىرىنى ئېلىۋىتىپ  يىغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش تەھرىرلەش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ئۇرۇقى

يىغىش تەھرىرلەش

كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئارىلاشمىلىرىنى ئېلىۋىتىپ  يىغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش تەھرىرلەش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ئۇرۇقى

قام