دىۋانى خەت نۇسخىسى

”دىۋان“سۆزى ”مەمۇرىي ئورگان“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا بەزىلەر ”دىۋانى خەت نۇسخىسى“نى ”ھۆججەت نۇسخىسى“دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.

دىۋانى خەت

تارىخى تەھرىرلەش

دىۋانى خەت نۇسخىسى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوردىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ خەت-چەكلىرىنى يېزىشقىلا ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، مەزكۇر نام بىلەن ئاتالغان. ھىجرىيە 856-يىلى (مىلادىيە 1453-يىلى) سۇلتان مۇھەممەد Ⅱ نىڭ كاتىپى، خەتتات ئىبراھىم مۇنىف تۇنجى بولۇپ بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بېكىتىپ چىققان.  شۇ يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بۇ خەت نۇسخىسىنى رەسمىي مۇقىملاشتۇرغان. ھىجرىيە 1132-يىلى (مىلادىيە 1720-يىلى) سۇلتان ئەھمەد Ⅲ نىڭ زامانىدا ۋەزىر، داڭلىق خەتتات شاھلان پاشا بۇ خەت نۇسخىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرگەن.

ئوسمان ئىمپېرىيەسى سۇلتانلىق مەكتىپى ھىجرىيە 1318-يىلى (مىلادىيە 1900-يىلى) مەشھۇر خەتتات مۇھەممەد ئازىتقا ”دىۋانى خەت نۇسخىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇستازى“دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن.

دىۋانى خەت نۇسخىسىدا تۈز سىزىق ئاز، ئەگرى سىزىق كۆپ، ھەرپلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ گىرەلەشتۈرۈلۈپ يېزىلىدۇ، ئۇزۇن-قىسقىلىقى ماسلاشقان، ھەرپلەرنىڭ ئارىلىقى ھەم ئېنىق، ھەم كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، نەپس، گۈزەل ھەم ئەركىن يېزىلىدۇ؛ ھەرپلەردىن ئاجايىپ شەكىللەرنى چىقىرىش ئاسان، لېكىن خەتلەرنى ئوقۇماق تەس. دىۋانى خەت نۇسخىسى تېز يازما دىۋانى، زامانىۋى دىۋانى، بېزەك دىۋانى، ئايلانما دىۋانى دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ھىجرىيە 1132-يىلى (مىلادىيە 1720-يىلى) ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەزىرى، داڭلىق خەتتات شاھلان پاشا يەنە جەللى دىۋانى خەت نۇسخىسىنى ئىجاد قىلغان. ”جەللى“دېگەن سۆز ئەرەبچىدە ”ئېنىق، روشەن“دېگەن مەنىدە. جەللى دىۋانى سەنئەت تۈسى ناھايىتى قويۇق خەت نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەسلىدىكى دىۋانى خەت نۇسخىسى ئاساسىدا ”أ“، ”ل“ھەرپلىرىنىڭ بېشىغا شەكىل چىقىرىلىپ، جۈملە ئوتتۇرىسىغا زىننەت تۈسىنى بېرىدىغان بىر قانچە يۇمىلاق چېكىت ۋە ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرى قويۇلۇپ، خەتلەرتېخىمۇ ئۇزلاشتۇرۇلىدۇ. بەزىلەر بۇ خەت نۇسخىسىنى جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەن دېيىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى مۇسۇلمان خەتتاتلار مۇشۇ خەت نۇسخىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسلۇب بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ”جۇڭگوچە خەت نۇسخىسى“دەيدىغان ئەرەبچە خەت نۇسخىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئەسلىدە ئوردىدا مەخپىي قوللىنىلغان بۇ خەت نۇسخىسى تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، كىشىلەر كىنىشكا، ئاتكىرېتكا، كىتاب ئىسمى قاتارلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان خەت نۇسخىسىغا ئايلاندى. مىسىرلىق خەتتات ئوسمان مۇھەممەد تۇن 1996-يىلى بۇ خەت نۇسخىسىدا قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ چىقتى.

مەنبە تەھرىرلەش

  • مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.