ساشىمى (ئېنگلىزچە: Sashimi؛ ياپونچە: 刺身) جۇڭگونىڭ ئەڭ قەدىمىي يېمەكلىكلىرىدىن بىرى ئىدى: بۇ بىر خىل خام بېلىق گۆشىدىن تەييارلانغان يېمەكلىك بولۇپ، چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە جۇڭگودا بىر قەدەر دەۋر سۈرگەن بۇ يېمەكلىك، كېيىن ياپونىيە ۋە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، بولۇپمۇ ياپونىيەدە بەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.

ساشىمى تامىقى
ساشىمى تامىقى

ساشىمى جۇڭگونىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ تەشكىلىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تاڭ، سوڭ سۇلالىلىرىدە گۈللەپ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە يوقۇلۇشقا باشلىغان. ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ مۇھىم يېمەكلىكلىرى قاتارىدىن چىقىپ كەتكەن.