سالمانخان (ھىندىستانلىق ئارتىس)

سالمانخان 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئەر ئاكتىيورى، فىلىم ئىشلىگۈچى، پىروگىرامما رىياسەتچىسى، بوللىۋودتىكى ‹ئۈچ خان› نىڭ بىرى. ھىندىستان كىنو ساھەسىنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىنىڭ بىرى. 1989-يىلى‹ھەقىقى مۇھەببەت يۈرىكىمدە› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ نام چىقارغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن رول ئالغان فىلىملىرى غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان، ئۇنىڭ ھازىرغىچە رول ئالغان فىلىم جەمئىي 80 دىن ئاشىدۇ.

قىسقىچە ئۇچۇرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە ئىسمى سالمانخان
باشقا نامى Salman Khan
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨尔曼·汗
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىسىتان
كەسپى ئاكتىيورى، فىلىم ئىشلىگۈچى، پىروگىرامما رىياسەتچىسى
 
سالمانخان پائالىيەتتە

ھەققىدە تەھرىرلەش

سالمانخان 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئەر ئاكتىيورى، فىلىم ئىشلىگۈچى، پىروگىرامما رىياسەتچىسى، بوللىۋودتىكى ‹ ئۈچ خان ›نىڭ بىرى. ھىندىستان كىنو ساھەسىنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىنىڭ بىرى. سالمانخان ناھايتى تۈز، راستچىل، قورقماس، ئەزەلدىن سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى خارەكتىرىنى يۇشۇرمايدۇ. باشقىلارغا ياخشىچاق بۇلۇشتەك خارەكتىرى يوق، داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ گەپ قىلىدۇ. ئۇ پەردە ئارقا ئالدىدىكى نۇرغۇن يالارغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ ئاندىن مىڭ تەسلىكتە بوللىۋودتا نام چىقارغان. ئۇ ئۆز نامىدا نۇرغۇنخەيرى ساخاۋەت ئورنىنى ئاچقان. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاستىللىرى ئېلان قىلغاندەك ئۇنداق ئەسكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن.

سالمانخان. بوللىۋودتىكى ‹ئۈچ خان› نىڭ بىرى، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە نام چىقارغان سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىدى، ھەمدە ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە ۋەكىلى ئىدى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تولىمۇ قىزىققان. ھەر كۈنى سائەت ھېسابلاپ بەدەن چېنىقتۇرغان، بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ بەدەن چېنىڭتۇرشىدىكى ئۈلگە بولغان. 2007-يىلى ئۇ ‹ھەمرا› ناملىق فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا كۈچلۈك نېرىۋا. ئاغرىش كېسىلىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىغان، 2011-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئامرىكىغا بېرىپ داۋالانغان، كېيىن يەنە باش قىسىمىدا ئارتىرىيە ئۆسمىسى بارلىقى ئېنىقلىنىپ، شۇنىڭدى كېيىن قايتا ئىلگىركىدەك كۆپ مىقتاردا تەنتەربىيە ھەرىكىتى قىلماس بولغان. بىراق ئۇ يەنىلە بەدەن شەكلى ئەڭ كېلىشكەن بوللىۋود ئەر چولپىنى. دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا ھەدىدىن زىيادە ئىسراپچىلىققا قارشى، خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا ئۇ داۋاملىق دادىسى سوۋغا قىلغان تۈركىيە تېشىنى قولىدىن ئايرىمايدۇ، ھەتتا بۇ تۈركىيە كۆك تېشىنى نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

2018 يىلىنىڭ بىشىدا ئۇ 12 يىلى بۇرۇنقى قانۇنسىز ھالدا قوغدىلدىغان ھايۋانلارنى ئوۋىلىغانلىقى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغان ھۈكۈم قىلىندى. لىكىن ئۇ نارازىلىق ئەرىزى سۇنۇپ، قايتا كسىم كەسكۈچە كىپىللىككە بىرىلىدى. ئۇنىڭ شۇ مەزگىلدىكى قاماخانىدىكى ھاياتي نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ قەلبىنى پۇش قىلىدى.

 
كاتىرىنا كايىڧ ۋە سالمانخان

شەخسى تۇرمۇشى تەھرىرلەش

سالمانخان ئالدى كەينى بۇلۇپ، شاھېن جەفرى، ئايالچولپان سانجىتا جىلپانى، ئاشۋارىيا راي، كەترىنا كەئىف بىلەن مۇھەببەتلەشكەن . سالمانخان ھازىرغىچە بوللىۋودتىكى بويتاق ئەرلەرنىڭ بىرى.

 
سالمانخان ۋە ئامىرخان

شان شەرەپلىرى تەھرىرلەش

ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنبولسىمۇ، ئۆز قولى بىلەن قۇبۇل قىلغانلىرى تولىمۇ ئاز، 1990-يىلىدىكى ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتى دەپ نام ئالغان ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى شەخىس مۇكاپاتى، 1990-يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوبراز مۇكاپاتى، 2007-يىلىدىكى 10-قېتىملىق گەندى مۇكاپات تۈرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئەر ئاكتىيور مۇكاپاتى، 2010-يىلىدىكى ھىندىستان خەلىقئارا كىنو ئىنىستوتىنىڭ مۇكاپاتى، 2013-يىلىدىكى خەلىقئارالىق ئېلان ئىشلەشمۇكاپات تۈرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئوبرا ۋەكىلى مۇكاپاتىدىن باشقا مۇكاپاتلارنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن قۇبۇل قىلمىغان ياكى رەت قىلىپ ئالمىغان.

2004-يىلى ئامرىكا زامانداشلار ژورنىلى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى 7- دەرىجىلىك كېلىشكەن ئەر دەپ نام بەرگەن. 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۈچ يىل ئۇدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ كېلىشكەن ئەر ئارتىسى بولغان. 2008-يىلى ئەنگىلىيە دۇشا خانىم شام ھەيكەل كۆرگەزمەخانىسىغا ئۇنىڭ شام ھەيكىلى قۇيۇلغان. 2012-يىلى ئۇنىڭ ھەيكىلى نىيۇرۇك كۆرگەزمەخانىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.

1998-يىلى سالمانخان ،سەئىف ئەلىخان قاتارلىق بىرنەچچە ئارتىسلار بىلەن بىرلىكىتە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش جىنايىتى ۋە 2002-يىلىدىكى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىنغان، بۇ ئىش ئاخباراتۋاستىللىرى تەرىپىدىن ئاشكارلىنىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئوبرازىغا نۇرغۇن تەسىر يەتكۈزگەن.

سالمان خان 15 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا فىلىملەر مۇكاپاتى بىر.

2004-يىلى «شەخىس» ژۇرنىلى سالمان خاننى دۇنيادىكى يەتتىنچى كېلىشكەن ئەر دەپ باھالىغان.

2008-يىلى كوندون تۇسادس مۇزىيىدا ھەيكىلى قاتۇرۇلغان.

2010-يىلى ھىندىستان «شەخىس» ژۇرنىلى ئەڭ جەلىپكار ئەر دەپ باھالىغان.

2012-يىلى  بېلەت تاشلاشتا ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى ئۇلۇغ ئارتىس بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى ھىندىستاندىكى توردا ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن چولپان بولۇپ قالغان.

سالمان خاننىڭ «Being Human» خەير- ساخاۋەت فوندىنىڭ ئەمگەكلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. بۇ فوند تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ مائارىپ ۋە ساغلاملىقنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان. سالمان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نامراتلارغا، ئاپەتتە قالغانلارغا كۆپ قېتىم زور سوممىدىكى پۇل ئىئانە قىلغان. ئامىر خان جەمئىيەت ئۆزگەرتىش پاراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ. ئۇ بىر قانچە قېتىم ھەرخىل نامايىشلارغا قاتناشقان. ئۇ ب د ت بالىلار پاراۋانلىق مەھكىمىسنىڭ بالىلار ئوزۇقلىنىش مەسىلىسىدىكى ئوبراز ئەلچىسى، ئۇنىڭ سۆھبەت پروگرامىسى «Satyamev Jayate »(2012-يىلى 5-ئايدىن، 2014-يىلى 11-ئايغىچە، ئۈچ پەسىل) يۈكسەك يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، جەمئىيەتتە ناھايىتى ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلغان.

كەسپى ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

سالمانخان كىنو ھاھەسىگە كىرىشنى مودىللىقتىن باشلىغان، 1988-يىلى ئۇ تۇنجى رول ئالغان فىلىم ‹ئاپا بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتتىڭ› ‹ مۇھەببەت يۈرىكىمدە › بىلەن بىراقلا نام چىقىرىپ كەتكەن. ئۇ رول ئالغان بۇ فىلىملەر بىرلا قېتىمدا كۆپ خىل فىلىملەر تۈرى بويىچە سېتىلىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ رىكوت ياراتقان. 25يىللىق كىنو ئىشلەش ھاياتىدا، ئۇ 90 غا يېقىن كىنودا رول ئالغان بۇلۇپ، ھەرخىل تىپتىكى روللارنى سىناپ باققان، ئەممە يەنىلا كۆپىنچىسى رومانتىك مۇھەببەت ۋە ئاقكۆڭۈل ئوبرازلار.

ۋاقتى فىلىىم نامى رولى ئەسكەرتىش
1988 Biwi Ho To Aisi Vicky Bhandari
1989 Maine Pyar Kiya Prem Choudhary
1990 Baaghi:A Rebel for Love Saajan Sood
1991 سەنەم بىۋاپا سالمانخان
1991 Patthar Ke Phool سۈرەج
1991 قۇربان Akash Singh
1991 Love Prithvi
1991 Saajan Akash Varma
1992 Suryavanshi Vikram Singh
1993 Chandra Mukhi Raja Rai
1994 Andaaz Apna Apna Prem Bhopali
1995 كەررەن ۋە ئاجۇن كەررەن
1996 Majhdhaar Gopal
1997 Auzaar Suraj Prakash e
1998 Pyar Kiya To Darna Kya Suraj Khanna
1999 Hum Dil De Chuke Sanam Sameer Rafillini
2001 Chori Chori Chupke Chupke Raj Malhotra
2002 Hum Tumhare Hain Sanam Suraj
2003 Tere Naam Radhe Mohan
2004 Dil Ne Jise Apna Kahaa Rishabh
2005 Kyon Ki Anand
2006 Baabul Avinash Kapoor
2007 Partner Prem
2008 Heroes
2009 London Dreams Mannu
2010 قورۇقماس سالمانخان
2010 ئەزىمەت ۋېر ۋېر ئۆزى سىنارىيە يازغان
2011 قوغدىغۇچى
2012 يولۋاس ھەركىتى يولۋاس 7 قېتىم مۇكاپاتلانغان
2015 قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى پاۋان
2015 مۇھەببەت خەزىنىسى پۇلىم

مەنبە تەھرىرلەش

ئىزدە قامۇسى https://web.archive.org/web/20210301191938/http://wiki.izda.com/?a=show&id=8263