سالىھ ئەلەيھىسسالام

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


سالىھ ئەلەيھىسسالام

ھ. سالىھ ھىنفان تۆگىنى تونۇشتۇرماقتا، قىسسەسۇل ئەنبىيا

ھەزرىتى سالىھ (ئەرەبچە:صالح) قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرىدۇر. پەلەك چارقى ئايلىنىپ، ئاد مىللىتىنىڭ سەلتەنىتى ۋە ئەھقاف شەھىرى يەر يۈزىدىن ئۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ھىجىر شەھىرى تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. ھىجىر شەھىرى شام بىلەن ھىجاز رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان شەھەر ئىدى. زامانىمىزدا بۇ يەر، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى «مەدائىنى سالىھ» دەپ ئاتىلىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. بۇ جايدا ياشايدىغان قەۋمنىڭ ئىسمى سەمۇد ئىدى. سەمۇد جاسىر ئىبنى ئىرەمنىڭ ئوغلى سەمۇدنىڭ نەسلىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇلار «سەمۇد قەۋمى» دەپ ئاتالغان. بۇلار بەزى تارىخ مەنبەلىرىدە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىنغان ئاد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ. ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئىككىنچى ئاد نەسلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەمۇد قەۋمى ھەققىدە ھەم ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئەرەب ئەدەبىياتى مەنبەلىرىدە ھەمدە قەدىمقى يۇنان پۈتۈكلىرىدە بەزى مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بولسا، 21 - سۈرىدە سەمۇد قەۋمى ۋە ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن سالىھ پەيغەمبەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. سەمۇد مىللىتىمۇ ئاتىلىرى ئاد قەۋمىدىن قالغان ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ قورام تاشلارنى ئويۇپ ئېگىز تۆپىلىكلەرگە ھەشەمەتلىك سارايلار بىنا قىلدى. تۈزلەڭلىكلەرگە چۈشۈپ ئايۋان-سارايلار سالدى، باغ-بوستانلىقلار بەرپا قىلدى. تاش ئويما ھۈنەرۋەنچىلىكى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل كەسپكە ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن تاش ئويمىچىلىق سەنئىتى سەمۇد قەۋمى ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىنالار ۋە قىيا تاشلارغا ئويۇلغان زىننەتلەر شۇنداقلا تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى زىيارەتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قەۋم دەسلەپتە بىر ئىلاھلىق توغرا ئەقىدە بويىچە ياشىغان خەلق بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن چەتنەپ بۇتقا چوقۇنىدىغان بولۇپ كەتكەن. ئۆزلىرى تەڭرىلەرنى ئىجاد قىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنۇشقا باشلىغان. قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىچە، سالىھ پەيغەمبەر قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئۇ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتتى. سىلەرنى زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرغۇچىلاردىن قىلدى» دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. لېكىن، قەۋمى ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. ھەتتا سالىھ ئەلەيھسسالامغا قارشى چىقىپ: «ئەي سالىھ! بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ئارىمىزدا ئۈلگىلىك كىشى ئىدىڭ. ئەمدىلىكتە بىزنى ئاتا – بوۋىلىرىمز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا قۇللۇق قىلىشتىن توسامسەن؟ بىز ھەقىقەتەن سەن دەۋەت قىلغان ئىشتىن قاتتىق گۇمانلىنىۋاتىمىز» دېيىشتى.

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ئەسلىدە سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئىشەنچىلىك، ئاجىزلارغا خەيرى - ساخاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، كېسەللەرنى يوقلايدىغان، يوقسۇللارغا يار – يۆلەكتە بولىدىغان ۋە تۇرمۇشىنى ھەر دائىم خەيرلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدى. بۇ خىل خىسلەتلىرى بىلەن قەۋمى ئىچىدە شۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەنكى، خەلقى ئۇنىڭدىن كەلگۈسىدە مۇھىم ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈشەتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ بارلىق بېسىملىرىغا قارشى چىدامچانلىق بىلەن ئىلاھىي دەۋەتنى داۋاملاشتۇردى. ھەتتا قەۋمىگە بەك كۆيۈنۈش ھېسسىياتىدا بولدى. بۇ مەقسەت بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولۇپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟» دەپ، ئۇلارنى ھەق يولغا چاقىردى.
ئۇ تەرسا مىللەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇلارغا مۆجىزە سۈپىتىدە تاشنى يېرىپ تۆگە چىقىرىپ بېرىدۇ. مۆجىزىلەر ئەسلىدە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئىنسانلارنى خەيرىلىك ئىشلارغا ۋە بەخت – سائادەتكە چاقىرىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھادىسە. مۆجىزە ئارقىلىق كىشى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىر ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئشىلتىدۇ. سەمۇد مىللىتى، تاش ئويمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۆگە ئارقىلىق بولىدىغان قەۋم بولغاچقا، سالىھ ئەلەيھسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى بىر قىيا تاشنى يېرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ھىنگان تۆگە چىقىرىش بولغان. ئىلاھىي دەۋەتنىڭ بۇ باسقۇچى، سۆز بىلەن بولىدىغان دەۋەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلار يا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ توغرا يولدا ماڭاتتى ياكى بولمىسا، ھالاكەتكە دۇچار بولاتتى. بۇ ئەھۋال بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت جەريانىنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سالىھ ئەلەيھسسالام مۆجىزە سۈپىتىدىكى بۇ تۆگە ھەققىدە قەۋمىگە: «ئۇ مۇئەييەن بىر كۈندە سۇ ئىچسۇن، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈندە سۇ ئىچىڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات يېقىندا كېلىدىغان ئازاپ ھالاك قىلىۋېتىدۇ» دەپ نىدا قىلىدۇ. لېكىن، يامانلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ مىللەت ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. تۆگىنى بوغۇزلاشتى. ھەتتا قەۋمى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئەگەشكۈچىلىرىنى بىر كېچىدىلا مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلاشنى پىلانلىغان ئىدى. قۇدرەتلىك ئاللاھ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى ئۇلارغا تۇيدۇرمايلا بىتچىت قىلىۋەتتى. قەۋمنى خاتا يولدىن قايتۇرۇپ، ھەقىقەتكە باشلاش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق چارە - ئاماللار ئەسقاتمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سالىھ ئەلەيھسسالام بۇ ئازغۇن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈندىن كېيىن ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. چۈنكى ئۇلار بۇ بالايى ئاپەتنى ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ: «ئى سالىھ! ئەگەر پەيغەمبەرلىكىڭ راست بولسا، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق، قېنى» دېگەن ئىدى .

بۇ تەلەپ نەتىجىسىدە زالىم قەۋمگە قورقۇنچلىق چاقماق چېقىپ، سەھەر ۋاقتى قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى – دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى. ئۆيلىرى خۇددىي ئۇلار ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. باغ-بوستانلىقلار، ھەشەمەتلىك سارايلار ئادىمىزاتسىز قالدى. خاتىرجەم ياشايمىز دەپ تاغلارنى يېرىپ ياسىغان قەلئەلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمىدى.
ئاللاھ تائالا سەمۇد قەۋمىنى مانا مۇشۇنداق ھالاك قىلدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى رەھىم قىلىپ قۇتقۇزۇپ قالدى. بەزى مەنبەلەردە ھالاكەتتىن قۇتۇلغانلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تائىف شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى، ھەتتا ئۇ يەردە ياشايدىغان سەقىف قەبىلىسىنىڭ، ئەنە شۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇنداق مەرھەمەتلىك ۋە قۇدرەتلىك زاتتۇر. ھەقىقىي مەنىدە ئىمان ئېيتىقانلارنى مېھرى - شەپقىتى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىدۇ. زالىملارنى ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە رەسۋا قىلىدۇ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. مانا مۇشۇ تارىخىي ھادىسىدە بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەتلىك ھەقىقەتلەر بار.