سۇرە ئال ئىمران

ئال ئىمران سۈرىسى

سورة آل عمران

تۈرى مەدەنىي
مەنىسى ئىمران ئائىلىسى
سانلىق مەئلۇماتلار
بەتلەر 50-76
پارە\جۈز 3-4
سۇرە نومۇرى 3
ئايەت سانى 200
كەلىمە سانى 3503
ھەرف سانى 14605

ئال ئىمران سۈرىسى (ئەرەبچە:سورة آل عمران) قۇرئاننىڭ 3. سۇرىسىدۇر. مەدىنەدە نازىل بولغان دەپ قارىلىدىغان 200 ئايەتتىن تەركىب تاپىدۇ. 33. ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان ئىمران ئائىلىسى، سۇرىنىڭ ئىسمى بولغان. ئىمران ئائىلىسى، قۇرئاندا بايان قىلىنىشىچە مەريەمنىڭ ئاتىسى بولۇپ پەيغەمبەرلەردىن ۋە ھىكمەت دەرگاھلىرىدىن بولمىش بىر ئائىلىدۇر.

ئىمراننىڭ كىملىكى تەھرىرلەش

ئىمران (ئامران) دىنلەر تارىخىدە بىر ۋاقىتتا قېرىنداشلىرى بولمىش مىريام، مۇسا ۋە ھارۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتاسى دەپ بايان قىلىنماقتا. قۇرئاندا بولسا بۇ ئىسىم ھەزرىتى مەريەم بىلەن باغلىنىشلىق دېيىلمەكتە. ئال ئىمران ۋە مەريەم سۈرىلىرى بىللە قولغا ئېلىنغىنىدا قۇرئان مەريەمنىڭ ئانىسنى تىلغا ئالماقتا، ئاتىسىنى ئىمران، قېرىندىشىنى ھارۇن دەپ بايان قىلماقتا. خرىستىيان مەنبئەلىرىدە بولسا مەريەمنىڭ ئاتاسى يواكىم (Joachim)، ئاناسى ھاننادۇر. خرىستىيان مەنبئەلەر بۇ ھەقتە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسانىڭ ئانىسى مەريەم بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاچىسى بولمىش ئىمران قىزى مەريەمنى بىر بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

سۇرەدە تىلغا ئېلىنغان مەۋزۇلار تەھرىرلەش

بۇ سۇرىدىكى باش تېما بۇ ئائىلە تەمسىل قىلماقتا بولغان پەيغەمبەرلىك، ئىسا، مەريەم ۋە خرىستىيانلىق قاتارلىقلار. تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننىڭ بىر ئىلاھىي مەنبئەدىن كەلگەنلىكى، بۇ كىتابلارنىڭ ئوخشاشقان ئايەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، لېكىن بۇلارنىڭ دىننىڭ ئاساسلىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان تەرزدە تەڧسىر قىلىنشى كېرەكلىكى ئۇرغۇلىنىدۇ. 61. ئايەت مۇباھەلە ئىسمى بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ ئايەتكە كۆرە خرىستىيانلار ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ كېلىش خەبەرىنى بەرگەن بەئزى ئىنجىل ئايەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئايەتلەردە نۇبۇۋۋەتنىڭ ئاساسىنىڭ تەۋھىد (بىرلىك) ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاساس ئۈزرە دىنلارنىڭ شىرك (ئورتاق قوشۇش) ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرىلىدۇ. ئەھلىك كىتاب دىئالوگقا ۋە ھەققە چاقىرىلىدۇ. كېيىنچە جىھادتىن ۋە ئۇھۇد غازاتىدىن سۆز قىلىنىدۇ.

تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

سۇرە ئال ئىمران {{|url=https://web.archive.org/web/20160125113327/http://ayet.info/sure.php?id=3 |date=2016-01-25 }}

ئالدىدا نازىل بولغا سۈرە:
سۇرە بەقەرە
  سۇرە ئال ئىمراننىڭ پۈتۈن مەتنى كېيىن نازىل بولغان سۈرە:
سۇرە نىسا
مۇسھەف تەرتىپىگە كۆرە سۈرىلەر
1 · 2 · 3 · 4 · 5 · 6 · 7 · 8 · 9 · 10 · 11 · 12 · 13 · 14 · 15 · 16 · 17 · 18 · 19 · 20 · 21 · 22 · 23 · 24 · 25 · 26 · 27 · 28 · 29 · 30 · 31

32 · 33 · 34 · 35 · 36 · 37 · 38 · 39 · 40 · 41 · 42 · 43 · 44 · 4546 · 47 · 48 · 49 · 50 · 51 · 52 · 53 · 54 · 55 · 56 · 57 · 58 · 59 · 60 · 61
62 ·
63 · 64 · 65 · 66 · 67 · 68 · 69 · 70 · 71 · 72 · 73 · 74 · 75 · 76 · 77 · 78 · 79 · 8081 · 82 · 83 · 84 · 85 · 86 · 87 · 88 · 89 · 90 · 91
92 ·
93 · 94 · 95 · 96 · 97 · 98 · 99 · 100 · 101 · 102 · 103 · 104 · 105 · 106 · 107 · 108 · 109 · 110 · 111 · 112 · 113 · 114