سۈنەنۇ نەسائىي (السنن الصغرى / المُجتبى من السنن)، ئاتاقلىق مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئىبنى سىنان ئەننەسائىي (ھ. 215 – 303 / م. 830 – 915) تەرىپىدىن توپلانغان، 11949 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ھەجىمدىكى كىتابى «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»نىڭ سۈزمىسىدۇر.

ئەھكامغا دائىر 5774 ھەدىسنى فىقھىي تەرتىپ بويىچە 58 بۆلۈم ۋە ۋە ھەربىر بۆلۈمنى بابلارغا ئايرىپ، ھەدىس بىلەن فىقھىنى جەملەپ تۈزگەن ئەسەر بولۇپ، «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن»نىڭ بىرىدۇر.

سۈزۈپ ئالغان ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن قاتتىق شەرتلەرنى قويغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇنى «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) نىڭ ئۈچىنچىسى دەپ قارايدۇ. ئىمام نەسائىي ھەدىسلەرگە باھا بەرگەن بولۇپ، بىر ھەدىسنىڭ تۈرلۈك سەنەدلىرىنى بىر يەرگە جەملىگەن. ئۇنىڭدىكى «مەرفۇﺋ» ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى (%91.6) «سەھىھ» بولۇپ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى (%8.4) «زەئىف»تۇر. ئۇنىڭدا سەنەد ۋە ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى پەرقلەرگە، شۇنداقلا بابلىرىدىكى فىقھ تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. 2012 - يىلى قاتار ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئەڭ مۇكەممەل نەشر قىلىنغان.