شىخۇ شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، غەربى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربىكىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.

شىخۇ شەھىرى

乌苏市.Shihu City

شىخۇ شەھىرىنىڭ(قىزىل) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت تارباغاتاي ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
بازارلىق سانى 10 دانە
يېزا سانى 7 دانە
كوچا ئىش باشقارمىسى سانى 5 دانە
نوپۇس 210 مىڭ

مەمۇرىي رايونلىرى تەھرىرلەش

ئۇنىڭغا 7 بازار، 11 يېزا، 178 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7-شىسىنىڭ 9 تۇەن-مەيدانى بار، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 267 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 336 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار % 6.30 نى، ئۇيغۇرلار 5.17% نى، خەنزۇلار % 79.29 نى، باشقا مىللەتلەر% 9.24 نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقىي جەنۇبىدىن غەربىي شىمالغا قىيسىق، تاغلىق رايون % 43.6 نى، تۈزلەڭلىك %44.6 نى، قۇملۇق % 11.8 نى ئىگىلەيدۇ. 17 چوڭ-كىچىك دەرياسى بار.

بايلىقى تەھرىرلەش

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 920 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 486 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شەمشاد، توغراق، قىيىن، قارلەيلىسى، سۇغىگۈل، قانتېپەر، چۆچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نېفىت، سىڭىر تاش، گىلائۇبېر تۇزى، ھاك تاش، گرانىت، بېنتونىت قاتارلىقلار بار.

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى