شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى

مىللى ئارمىيە

民族军

ئۇچۇرلىرى
قۇرۇلغان 1945-يىلى 8-ئاپرىل

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Milli Armiyisi) بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نىڭ..

تارىخ تەھرىرلەش

شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ76 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. 1945-يىلى، 8-ئاپرىلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى، 12-ئايدا ئەمەلدىن قېلىپ، « ئاتالمىش جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى»غا ئايلاندۇرۇلدى ۋە 1962 - يىلىدىن كېيىن تارقىتىۋېتىلدى) .

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى.مىللىي ئارمىينىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئارمىيسىنڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈردى ،ئارمىيەنىڭ پا گون ،كاكار ،بايراقلىرىنى بىكىتىپ چىقتى ،مىدال ۋە ئوردىنلارنى تارقاتتى .

بۆلۈملەر تەھرىرلەش

مىللي ئارمىيە باش شىتاۋى قارمىقىدا ،ھەربى تەمىنات باشقارمىسى ،سىياسى باشقارما،ئىجرائىيە باشقارمىسى ،ھەربى سوت ،ئۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسى ،قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلندى .پا لنوف باش قوماندانلىققا ،زۇنۇن تىيپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا ،موتىگوروف باش شىتاب باشلىقلىقىغا ،غېنى ھەربى سوتنىڭ باش سودىيەلىكىگە ،ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى ،ئومۇمىي ئەسكىرى كۈچى 40000دىن ئاشتى ھەمدە پۈتۈن ئارمىيە تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلۈندى :

  • ئۇلاستاي ئاتلىق1- پولىكى.
  • ئۇلاستاي ئاتلىق 2- پولىكى.
  • سۈيدۆڭ ئاتلىق 3- پولكى.
  • مۇڭغۇل ئاتلىق باتالىيونى.
  • لوبا ئاتلىق روتىسى.
  • ئاتلىق زاپاس پولىك
  • تۇڭگان ئاتلىق باتالىيونى.
  • سۈيدۆڭ ئاتقۇچى پىيادە 1-پولىكى.
  • غۇلجا ئاتقۇچى پىيادە 2- پولكى.
  • غۇلجا ۋاقىتلىق پىيادە 4- پولكى.
  • قوماندانلىق شتابقا بىۋاستە قاراشلق قىسىملار :
  • توپچىلار باتالىيونى.
  • مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى قاتارلىقلار .

پىيادە قىسىملار :ھەربىر پولىك 2 باتالىيون ،بىر باتالىيون 3روتا ،بىر روتا 3ئىزىۋوت ،بىر ئىزىۋوت 4ئۇدۇلىنىيە بولۇ پ، تەخمىنە ن 2500جەڭچىدىن تەركىب تاپقان .

ئاتلىق قىسىملار : ھەربىر پولىك 4ئاتلىق روتا ۋە بىر پىىلىموتچىلار روتىسدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1000نەپەر جەڭچىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .

ھەربىر پولىك قارمىقىدا :ئارقاسەپ باشقارمىسى ، سىياسى باشقارمسى تەھسس قىلىنغان بولۇپ ،پولك كوماندىرى ،ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولك كوماندىر ، ئارقاسەپ تەمىناتىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر ۋە دىننى ئىشلار غا مەسئۇل مۇئاۋىن پولىك كوماندىر تەئىنلەنگەن . مىللي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كىيىن دەرھال شىمال ،جەنۇپ ،شەرىق قاتارلىق ئۈچ يۆلىنىش جەڭ پىلانى تۇزۈپ چىقتى .

يۆنىلىشلەر تەھرىرلەش

  • شىمالىي سەپ : ئالتاي ۋە چۆچەكلەرنى ئازاد قىلىش.
  • شەرقى سەپ : شەرققە يۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئازاد قىلىپ ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش.
  • جەنۇبىي سەپ : مۇزارت داۋىندىن ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ،ئاندىن تاشقورغان پارتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ پۈتكۈل جەنۇبى ئۇيغۇرىستاننى ئازاد قىلىش.1945-يىلنىڭ ئاخىردا بايراقنى ئارا يۇلتۇزغا ( شىڭ شىڭ شا غا ) قاداپ بولۇش.
  • شىمالى سەپتە : 1945-يىلى 9-ئا ينىڭ 9-كۈنى مىللي ئارمىيەئالتايدا گومىنداڭ ئارمىيسىنىڭ 1130نەپەر ئەسكىرنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ شىمالىي سەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلبىلىك تاماملىدى .
  • شەرقى سەپتە :مىللي ئارمىيە 4-ئايىدىن باشلاپ داۋاملىق شەرىققەيۈرۈش قىلىپ ،جىڭ ،شىخولارنى ئاراد قىلىپ ،9-ئايدا ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر كىلدىغان ماناس دەرياسى بويغا كەلدى .ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدە پەقەت 3000ئەسكەرگە يەتمەيدىغان 6باتالىيون ئەسكىرى قالغان بولۇپ شەرقى سەپنىڭ جەڭ ۋەزىپىسمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئوروندىلىپ بولغاندى .
  • جەنۇبىي سەپتە :سوپاخۇن پولكوۋنىك ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ بولغان بولۇپ، تاشقورغان پارتىزانلىرىمۇ ،كۇچا ،يېڭسار ،قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ ھەتتا قەشقەرنىمۇ بىر مەزگىلك ئىگەللىگەندى .

1946-يىلى جاڭ كەيشى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى مۇڭغۇلىيىنى ئېتراپ قىلش، لۈشۈن ،دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بىرىش ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش ،شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقوقىنى بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازنى بىرىش ئارقىلىق، سىتالىنىڭ مىللي ئىنقىلابقا بولغان پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتتى، سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ھەمدە مىللى ھۆكۈمەتتىن گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى . 1946-يىلى 4-ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، ئۇيغۇرىستان قىسقا مۇددەتلىك تىنىچلىقنى كۈتىۋالدى ،بۇۋاقىتتا مىللي ئارمىينىڭ سانى 30مىڭغا يەتكەن بولۇپ ،جەمى 17پولىك ،ئككى مۇستەققىل دىۋىزىيە ،بەش بېرگادا تەشكىلەنگەن بولۇپ ،13 ئاتلىق پولىك بارئىدى .

قىسىملار تۆۋەنىدىكىچە : باش شىتابقا قاراشلىق قىسملار (غۇلجىدا تۇرىدۇ )

  • 1.ئاتلىق ئەسكەرلەر باتالىيونى ، 700ئەسكەر.
  • 2.مۇھاپىزەتچىلەر ئىسكانىدىرونى ، 500ئەسكەر.
  • 3.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 1-پولكى ،1500ئەسكەر .
  • 4.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 2-پولكى،1500ئەسكەر .
  • 5.غۇلجا مۇھاپىزەتچىلەر 4-پولكى، سانى ئىنىق ئەمەس.
  • 6. ئاتلىق 3- پولىك (كوماندىرى لېسكىن)

ئوتتۇرا يۆلىنىش قىسىملار (باش قوماندان پالىنوف قوشۇمچە ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيسىنىڭ قوماندنلىقىنى ئۈستىگەئالغان)

  • 1. پىيادە ئەسكەرلەر 1- بېرگادىسى .
  • 2. پىيادە ئەسكەرلەر 2- بېرگادىسى.
  • 3.مىنامىيوتچىلار باتالىيونى .
  • 4. تاشقورغان ئاتلىق 6- پولكى.
  • 5. نىلقا ئاتلىق 5- پولكى.
  • 6. نىلقا ئاتلىق7- پولكى،1200ئەسكەر.
  • 7.ئاتلىق ئەسكەر لەر مۇستەققىل بېرىگادىسى.
  • 8. تۇڭگان ئاتلىق 10- پولىك ، 600ئەسكەر (شىخەنزە)
  • 9.مۇڭغۇل ئاتلىق 8- پولكى، 870 ئەسكەر.
  • 10.پىيادە ئەسكەرلەر 4- پولكى.
  • 11. ئالاقىچىلا روتىسى (شىخەنزە )
  • 12. لوبا ئاتلىق ئىسكاندىرونى.

جەنۇبىي يۆلىنىش قىسملار (مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسساقبك جەنۇبى يۆلىنىش قىسملار نىڭ باش قومادانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان).

  • 1.ئاتلىق ئەسكەر لەر 1- بېر ىگادىسى.
  • 2.ئاتلىق ئەسكەر لەر 2- بېر ىگادىسى .
  • 3.تىكەس ئاتلىق 1- پولىك .
  • 4.تىكەس ئاتلىق 2- پولىك .
  • 5.تىكەس ئاتلىق 3- پولىك .

ئالتاي رايونىدىكى قىسىملار تەھرىرلەش

ئاتلىق ئەسكەر مۇستەقىل پولكى (دەلىلقان سۇگۇربايىف)

ئەينى ۋاقىتتىكى مىللي ئارمىيە كادىرلا باشقارمىسنىڭ باشلىقى يۈسۈپخاننىڭ خاتىرسىگە ئاساسلانغاندا << پۈتۈن ئارمىيەدە جەمئى 29856نەپەر جەڭچى بار >> بولۇ پ مىللي ئارمىيە ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتقا قەدەم قويغان .

بىتىم ئىمزالانغاندىن كىيىن مىللي ھوكۈمەت مىللي ئارمينى قىسقارتىپ،6پولىك قىلىپ تەشكىللدى. لىكىن گومىنداڭ بىتىمگە ئارقا-ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، مىللي ھۆكۈمەت 1947-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭنىڭ چەكلىمسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللي ئارمىيەنى كېڭەيتىپ ،5ئاتلىق پولىك ، 3پىيادە پولىك ۋە بىر مۇستەققل ئاتلىق باتالىيون قىلىپ تەشكىللدى ،بۇ ۋاقىتتا مىللي ئارمىيەنىڭ ئومومى ئەسكەر سانى 14200دىن ئاشقان بولۇپ، قورال- ياراق ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :

ھەر-خىل مىلتىق 9088 دانە ، تاپانچا 184 دانە ، يىنىك پىلموت 405 دانە ، ئېغىر پىلىموت 68 دانە ، مىنامىيۇت 66 دانە ،زنىت توپ 7 دانە،گىرانامىيوت 55 دانە ، گىرانات 14480 دانە ،زەمبىرەك 12دانە ، جەڭ ئېتى 5522 دانە ، تىرانسپورىتا ئىشلتىلدىغان ئات 521دانە ، ئات ھارۋىسى 311 دانە ،تانكا 2 دانە، بىروۋنىۋىك1دانە،ئايروپىلان 49 دانە ( ئىشىلتىشكە بولدىغنى 14 دانە بولۇ پ ،قىرغۇچى ئايروپىلان 8 دانە ، بومبار دىمانچى ئايروپىلان 6 دانە ) ، ھەربى ئىشلاردا ئىشىلتىلدىغان ماشىنا 30 دانە . مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئىسساقبك مونونوۋ ئۆز ئۈستىگە ئالغان .

1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى . 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تىلىگرامما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلدى . 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭ غا تىلگىرامما يوللاپ ،تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،8- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدىكېرىم ئابباسوف ، ئىسسابىك مونونوف ، دەلىلقان سۇگۇربايىف ، لوجى قاتارلىقلارئالتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن مەخپى ھالدا غۇلجىدىن يولغا چىقىپ،ئالمۇتاغا بىرىپ ئايروپىلان ئارقىلىق بىيجىڭغا قاراپ ئۇچتى ،8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئايروپىلان،ئىېرتىكۇستى دىگەن جايغا بارغاندا تاققا سوقۇلۇپ كىتىپ ئۇلار بەخىتكە قارشى قۇربان بولدى ( ئەخمەتجان قاسىمى تېخى ئەمىدىلا 34 ياش ئىدى ،ئابدىكېرىم ئابباسوف بولسا تېخى ئەمدىلا 28 ياشتا ئىدى ) .

1949-يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇرىستان ئىشغال قىلىنىپ بولدى.1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مىللي ئارمىيە 5- كورپۇس قىلپ ئۆزگەرتىلىپ، جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ شىتاتىغا قوشۇۋىتىلدى .

5- كورپۇسنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى : 13-14- دىۋىزىيەلەر

كورپۇس كومانىدىرى لېسكىن .

سىياسى كومىسارى دۈۋەن شىڭ يۈن.


13- دىۋىزىيە قەشقەردە تۇرىدۇ . قارمىقىدا :

  • 37- پولك ئاقسۇدا
  • 38- پولك قەشقەردە
  • 39- پولك خوتەندە
  • 14- دىۋىزىيە دىۋىزىيە كوماندىرى ئىبراھىم باي. قارمىقىدا :
  • 40-پولك ئۈرۈمچىدە
  • 41-پولك
  • 42-پولك غۇلجىدا

كورپۇس شىتاۋىغا قاراشلىق قىسملار:

  • 43-پولىك پولىك كوماندىر بەدەرخان سۇگۈربايىف
  • 44-پولىك. پولىك كومانىدىر سوپاخۇن

ئومۇمى ئەسكەر سانى 14840 نەپەر.

50 - يىللاردا ،5- كورپۇسنىڭ 13- دىۋىزىينىڭ 38–پولكى، 14- دىۋىزىنىڭ 40- پولكى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا قالغان قىسىملىرى ئۆز ئورنىدا كەسىپ ئۆزگەرتتى ، ساقلاپ قېلىنغان ئىككى پولىكمۇ 1969-يىلى يەنە شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قوشۇۋىتىلدى،ئازادلىق ئارمىيە كەڭ كۆلەمدە قىسقار تىلغاندىن كىيىن بۇ ئىككى پولىك ھازىر بار-يوقلىقى نامەلۇم .

شۇنداق قىلپ مىللتىمزنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭىدىكى ئېزىلگۈچى مىلللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بۇ ئىنقىلاب ، بۇ ئارمىيە ئاخىرقى ھېساپتا پۈتۈن جوڭگۇ ئىنقىلابى بىلەن بىرلىكتە غەلبە قىلغان بولدى .

قوشۇمچە تەھرىرلەش

قوشۇمچە : 1955- ئازادلىق ئارمىيە ئۇنۋان بېرىش مۇراسمى ئۆتكۈزدى ،مىللي ئارمىيدىن 5 نەپەر كىشى گېنراللق ئۇنۋانىغا ئىېرشتى . ئۇلار :

  • 1.سەيپىدىىن ئەزىزى- مىللي ئىنقىلاپ مەزگىلدە ھەربى سوتنىڭ كاتىۋى ، ئۆلكىلك بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ مائارىپ نازىرى ، ئالغا گېزىتىنىڭ باش مۇھەرىرى ، دىمكۇراتتىيە ۋە خەلق چىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955-يىلى گېنىرال لېتىناتلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن.
  • 2.مارگوف ئىسساقوف- شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ،1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . جوڭگو ، سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ، 1962- يىلى سوۋىت ئىتتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .
  • 3.مەمىتىمىن ئىمىنوف- مىللي ئارمىيدە ئىزۋوت كوماندىرى ، مىللي ئارمىيە قوماندانلىق شىتا ۋىدا بۆلۈم باشلىقى ، ئاتلىق پولكنىڭ كوماندىر بولغان ، دۆلەت قۇرلغاندى كىيىن دىۋىزىيە كوماندىر قوشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىىن قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ، 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
  • 4.زۇنۇن تىيپوف- مىللي ئارمىينىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن باش شىتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرشكەن. جوڭگو- سوۋىت قوش دۆلەت تەۋەلىكگە ئىگە،.1962-يىلى سوۋىت ئىتپاقىغا چىقىپ كەتكەن .
  • 5.ساۋدانوف زايىر- مىللي ئارمىيدە ئاتلىق باتالىيونىڭ شىتاب باشلىقى ، پىيادە 4- پولىكنىڭ شىتاب باشلىقى ، مىللي ئارمىيە سىياسى بۆلمىنىڭ مۇدىر بولغان ،دۆلەت قۇرلغانىدىن كىيىن 5-كورپۇسنىڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى،ھەربى رايون سياسى بۆلمىنىڭ ئىككنچى مۇئاۋىن مۇدىر ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومىسارى ، ئۈرۈمچى ھەربى رايونىنڭ مۇئاۋىن سىياسى كومسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1955- يىلى گېنىرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

باشقىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش