غازى ئۇنىۋېرسىتېتى

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىسقىچە نەزەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان غازى ئۇنىۋېرستېتى، قۇرۇلۇش تارىخى ئېتىبارى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدىغان داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردىن بىرى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن قۇرۇلغان غازى ئۇنىۋېرستېتى، 1926 – يىلى «ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار تەلىم – تەربىيە ئىنىستىتوتى» دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. ئاتاتۈركنىڭ «غازى» لىق ئۇنۋانىغا بېغىشلىنىپ ، 1926 – يىلى قۇرۇلغان بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئىسمى ؛ 1929 – يىلى «غازى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپى ۋە تەلىم – تەربىيە ئىنىستىتۇتى» غا ئۆزگەرتىلگەن بولسا، 1976 – يىلى «غازى تەلىم – تەربىيە ئىنىستىتۇتى» غا ئۆزگەرتىلدى. 1935 – يىلى قۇرۇلغان ئەنقەرە ئالىي تېخنىكومى ۋە ئەنقەرە قىزلار تېخنىكومى قاتارلىق مەكتەپلەر ھەمدە ئەنقەرە ئىقتىسادىي ۋە سودا پەنلىرى ئاكادېمىيىسى قاتارلىقلار «غازى ئۇنىۋېرستېتى » ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. تۈركىيە خەلقى، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردىمۇ تەرەققىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى قانات يايدۇردى. دېمەك، بۇ خىل تەرەققىياتلاردا غازى ئۇنىۋېرستېتىغا ئوخشاشلا باشقا تۈرك ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىمۇ چوڭ رول ئوينىدى. 2009 – يىلىغا كەلگەندە، غازى ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، 5 ئالىي تېخنىكوم، 9 كەسپىي مەكتەپ، 35 تەتقىقات مەركىزى ۋە 5 ئىنىستىتۇت بارلىققا كەلدى. غازى ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق يەنە مىدىتسىنا، پېداگوگىكا، دورىگەرلىك، ئېغىز بوشلۇقى، ئىنژىنىرلىق، مېمارچىلىق، ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش، خەۋەرلىشىش، تىل – ئەدەببىيات، قانۇنشۇناسلىق، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق ھەر قايسى فاكولتېتلارمۇ تۈركىيە مائارىپىغا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. غازى ئۇنىۋېرستېتى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ۋە چەتئەلدىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن 2009 – يىلى ئەڭ كۆپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئۇنىۋېرستېت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2009 – يىلى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، جەمئىي 5000 دىن كۆپرەك ماگىستىرلار بىلەن دوكتۇرلارنى يېتىشتۈرۈۋاتقان ئالىي مائارىپ ئورگىنى «غازى ئۇنىۋېرستېتى» نىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى ۋە 3 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىسى بار. ھازىرقى كۈندە، تۈركىيىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرستېتى، ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ تەرققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش يولىدا توختىماي ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرمەكتە. ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن سىرت غازى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىكى، پېداگوگىكا فاكولتېتى جەھەتتىن تۈركىيىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرستېت بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىدۇر. غازى ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق سانائەت، غازى مائارىپ ، كەسپىي مائارىپ، پەن – تېخنىكا، سودا – سانائەت ۋە ساياھەت قاتارلىق فاكولتېتلارمۇ بار. غازى ئۇنىۋېرستېتى، مىدىتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى، دورىگەرلىك، ئىنژىنىرلىق – مېمارچىلىق فاكولتېتلىرىدىن تەنتەربىيە ۋە مۇزىكا بۆلۈملىرىگىچە نۇرغۇنلىغان فاكولتېت ۋە ئالىي تېخنىكومى بار بولغان ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزىدۇر. غازى ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ بىرىدۇر. تەتقىقاتچى، ئىلىم – پەن ۋە ئىنسانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىختىساسلىق خادېملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلار بىلەن ئىلمى تەتقىقات تورى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زامانىۋى بىر ئۇنىۋېرستېتتۇر. ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرستېتى، ئەنقەرە شەھرىنىڭ بەشئەۋلەر، ئەمەك، گۆلباشى ۋە مالتەپە قاتارلىق رايونلىرىدىكى 4 ئوقۇتۇش بىناسىدا خىزمەت بەرمەكتە. غازى ئۇنىۋېرستېتى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر سۈپىتىدە زامانىۋىي ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە ھەمدە ھەر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان بىر بىلىم مەركىزىدۇر. تۈرك سەنئەت مۇزىكىسى، تۈركشۇناسلىق، تەبىئىي ھايات مۇئەسسەسىسى، شاخمات كۇلۇبى، ناخشا – ئۇسۇل ۋە فوتو – سۈرەت كۇلۇبى، ئالەم قاتنىشى كۇلۇبى، فولكلور گۇرۇپپىسى، تارىخ تەتقىقات گۇرۇپپىسى، پەن – تېخنىكا گۇرۇپپىسى، تىياتىر ئۆمىكى ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئېچىلغان كۇلۇب قاتارلىقلاردا، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. كىنوخانىلاردىن تارتىپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەنتەربىيە تۈرلىرىگىچە ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان غازى ئۇنىۋېرستېتى، فىزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورنىدۇر. تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان غازى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۈركچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى» غازى ئۇنىۋېرستېتىغا ئائىتتۇر. تۈركىيە سىرتىدىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ۋە تۈركچە بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان غازى ئۇنىۋېرستېتى تۈركچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش مەركىزى ئارقىلىق تۈرك مەدەنىيىتىگە ۋە تۈرك تىلىغا خىزمەت قىلماقتا. تۈركىيە تۈركچىسىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن مۇھىم بىر مائارىپ ئورگىنى بولغان غازى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۈركچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش مەركىزى ھەققىدە https://web.archive.org/web/20060915013604/http://www.tomer.gazi.edu.tr/ ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. غازى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۆزلۈكسىز مائارىپ مەركىزىدە يىڭنە بىلەن داۋالاش ۋە سىياسەت كۇرسى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلىك پروگراممىلىرىدىن سىرت، تىببى پەنلەردىن سودا كەسىپلىرىگىچە بولغان تۈرلۈك پەنلەر ھەمدە ناتىقلىق، ھۆسنىخەت قاتارلىق ھەر خىل كۇرسلار ئېچلدى. غازى ئۇنىۋېرستېتى تەنتەربىيە مەركىزى بولسا، ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان شارائىتلارغا ئىگە.