قاراخانىيلار خانلىقى

قاراخانىيلارنىڭ تەمسىلىي بايرىقى
قاراخانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى (مىلادى 999 - 1212)
قاراخانىيلار ئىمپېرىيىسى، 1006 - يىللار

قاراخانىيلار خانلىقى، ھىجرى 225 - 609، مىلادى 840 - 1212 - يىللار ئارىسى بۇگۈنكى كاشغەر مەركەزلىك شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن بىر تۈرك دۆلىتىدۇر. بەزى تارىخىي مەنبەلەردە «ئىلكخانلار دۆلىتى» دەپمۇ قەيت قىلىنغان. بايقالغان تەڭگىلەردە تىپىك «الک (ئىلك، ئىلېك، ئەلىك دەپمۇ ئوقۇش مۇمكىن)» كەلىمىسى باردۇر. ئىسلام مەنبەلىرىدە « ئەل خاقەنىيە، ئەل خانىيە ياكى ئەل ئافراسىياب» دەپ تونۇلغان (تارىخى ئىبنۇلئەسر). زامانداش بەزى باشقا مەنبەلەردە بولسا ئادەتتە خانىدان نامى بىلەن آل أفراسياب (ئافراسىياب ئوغۇللىرى)، آل خاقان (خاقان ئوغۇللىرى، خاقانىيلەر)، ياكى الملك الخانيە الترك (ئەل مۈلكۇل خانىيەتۇل ئەتراك / تۈرك خانلىرىنىڭ مەملىكىتى) دېيىلگەن. ھۆكۈمدارلىرى قاراخان ياكى ئىلكخان نامى بىلەن مەشھۇردۇر.

قۇرۇلۇشى تەھرىرلەش

تۈرك قەبىلىلىرىدىن ياغمىلار 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ 13 - ئەسىرگە قەدەر بولغان 300 يىللىق ئارىلىقتا ئۇيغۇر، ياغما ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى مۇقەددەس ئانا ماكانى بولغان ارىم ۋادىسى ۋە ماۋەرائۇننەھردە قاراخانىيلار سەلتەنىتىنى قۇردى.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ راسا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى مىڭلاق ۋادىلىرى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي، چۇ دەريا ۋادىسى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋەرائۈننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇ مەزگىللەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن قوجۇ ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كۇچار بولغانىدى.

قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى دەسلەپ بالاساغۇن ( بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى توقماق رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ ) شەھىرىنى ئاندىن قەشقەر (ئوردا كەنت) نى پايتەخت قىلدى.

«قارا» دېگەن ئىسىم قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خانلىق ئۇنۋانىدا قوللانغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانى (خاقان) بۇغراخان ( بۇغرا — نار تۆگەدېگەن بولىدۇ ) ياكى قارا خان ( قارا — بۈيۈك، قۇدرەتلىك دېگەن بولىدۇ )، تاۋغاچخان ئۇنۋان سۈپەتلىرى بىلەن بىللە قوللىنىلغانىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمرانىنىڭ «بۇغراخان» (بۇغراخان ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر، ياغما ھۆكۈمدارلىرى قوللانغان ئۇنۋان) نىڭ ئۇنۋان سۈپىتىدە قوللىنىشىغا كەلسەك، ياغمىلارغا رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇرۇندىنلا بۇغراخان ئۇنۋانىنى قوللانغانلىقى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان. تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئۇنۋاننىڭ قاراخانىيلار دۆلىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشىمۇئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلار خاقانى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەننىڭ ئۇنۋانلىرى ئىچىدە بۇغراخان خاقان ئۇنۋانى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بۇ ئەسەرنى خاقانغا تەقدىم قىلغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە خانلار ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك ئۇلۇغ خاقان ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن تاۋغاچ خان دېگەن نامنىمۇ قوشۇپ قوللانغانىدى. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمكى قاراخانىيلاردىن بولغان مەشھۇر «قاراخان» (ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادىدىن دەپ قارىغانلىقى، قەدىمكى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن قاراخان دېگەن نام، بۇرۇندىنلا ئېلىمىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا، يەنىسۇڭ سۇلالىسى تارىخىدا، مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قاراخانىيلارخاندانلىقى ياكى خاقانىيە دېگەن ناملار بىلەن بىللە قوللىنىلغان. ئىرانلىقلار «بۇقاخاقان»ياكى «قاراخان» نى پارس تىلىدا ئەفراسىياپ دەپ ئاتىغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىيتىللار دىۋانى» دا بۇقا خاقاننى ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان………

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتۇشتىكى مەقبەرىسى

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قايسى نەسەبكە مەنسۇپلۇقى ۋە قايسى تۈركىي قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئىلمىي ساھەدىكى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى، ھەر خىل مۇلاھىزىلىرى داۋام قىلدى. بۇ خېلىدىن بېرى تالاش – تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى. بىر مۇنچە قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇنداق بولۇشى مەۋجۇت مەنبەلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارنىڭ بەكمۇ كەمچىل بولۇشى، بۇ ھەقتىكى پەرەزلەرنىڭ ھەر خىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى :

(1) ئۇيغۇرلار ئىدى دېگەن ئىدى پەرەز — ( ۋامبىرى، رادلوف)

(2) ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز– ( مىنورىسكى)

(3) تۈركمەنلەردىن ئىدى دېگەن پەرەز –( ھاممە)

(4) قارلۇقتىن ئىدى دېگەن پەرەز ( فۇئات كۇپرۇلۇ)

(5) قارلۇق – ياغمىلاردىن ئىدى دېگەن پەرەز — ( فۇئات – كوپرۇلۇ)

(6) چېگىللەردىن ئىدى دېگەن پەرەز — (بارتولد)

(7) تۈركتىن ئىدى دېگەن پەرەز — (ۋەلىدى تورغان)

دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ قايسى تۈركىي قەبىلىلەر تەرەپتىن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكىمۇلاھىزىلەر بىر مەزگىل داۋاملاشتى. مۇنداق بولۇشى، تولۇق ئىسپاتلار بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، مەنبەلەرنىڭ توغرىلىقى ھەل قىلىنمىغان. بۇ خىل مەنبەلەردە ئۇيغۇر قەدىمكى قوليازمىلىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە خەنزۇچە مەنبەلەر بىلەن مۇسۇلمان تارىخشۇناسلارنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىرىغائاساسلانغان، قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ياغمىلار قۇرغان دېگەن قاراش، دەل تارىخىي مەنبەلەرگە بىرقەدەر ئۇيغۇن. بىز ئەمدى خەنزۇ مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى. ياغما دېگەن نامنى تۇنجى قېتىم مىلادىيە 801 – يىللىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى دۇيۈ تەرەپتىن يېزىلغان «ئومۇمىي قامۇس» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇر تەزكىرىسىدە شۇدەۋردىكى خەنزۇ تىلى بويىچە«ياغمىت»دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان. ياغمىت ئۇرۇقى بولسا شۇ چاغدا «توققۇز غۇز» قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بەزى ئالىملار ياغمىتدېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ياغما سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. رەشىدىدىن( 1274 – 1318 – يىللار ) تەرەپتىن يېزىلغان«جامىئۇت تاۋارىخ» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار قىسمىدا «بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى ئودۇرغار دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنغان». بۇنام دەل ياغما قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولسا كېرەك دەپ قارايمىز.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىدە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى ئالىپئارتۇڭا ( ئەفراسىياپ) نىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەننى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭخاندانى ئافراسىياپ دەپ ئاتىغانىدى. جامال قارشى «مۇلھا قاتۇس – سۇراھ» ئەسىرىدەئۇلارنى ئەئاراسىياپ نەسلىدىن دەپ قەيت قىلغان. ( جامال قارشى ”سۇراھ“ ) مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇنۋان ھەقققىدە توختىلىپ : «خانتۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى بولۇپ، ئەفراسىياپ خاقان دەپ ئاتىلىدۇ» دەپمەلۇمات بەرگەن.

«مەجمەئۇت – تاۋارىخ» نىڭ نەقىل قىلىنغىنىدەك، ئەفراسىياپنىڭ سۇلتانزادىلىرىدىن ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، كىچىك ياشلىق ھاياتىدا پادىشاھ بولۇپ، تامام كاشىغەر ۋىلايىتىنى ئىسلامغا كىرگۈزدى. كاشىغەر ۋە ماۋەرائۈننەھرنىڭ پادىشاھلىرى بۇلارنىڭ نەسلىدىن ئىدى. ( «تارىخىي رەشىدى» دىن ) ئەمدى ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، 9 – ئەسىرلەردە ياغما قەبىلىسى ھازىرقى ئوتتۇرائاسىيادىكى نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن.

«ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق كىتابتا، ياغمىلارنىڭ «توققۇز ئوغۇزلار»دىن ئىكەنلىكى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭمۇ «توققۇز ئوغۇزلار» (ئۇيغۇرلار) ھۆكۈمرانئائىلىسىدىن بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇ مەنبەگە قارىغاندا، قەشقەر ۋە ئاتۇش ( ئارتۇچ) ناھىيىلىرىمۇ شۇ چاغدا ياغمىلارنىڭ قولىدا ئىدى.

«مۇجمەلەت – تاۋارىخ ۋەل – قىسەس» ناملىق ئەسەردىمۇ مۇئەللىپ ياغمىلاردىن ھاكىمىيەتبېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمدارلارنىڭ بۇغرا ئۇنۋانىنى قوللايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق يازىدۇ. قارلۇقلار بىلەن بىرلىكتە كۆكتۈرك ئېمپىراتورلۇقىنى يىقىتىشكۈرەشلىرىدە بىللە بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي تۈركلەرنىڭ قەدىمىي زېمىنى ئونئوقلارنىڭ يۇرتىنى بېسىۋالدى. مىلادىيە 766 – يىلللاردىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنى ئون ئوقلارنىڭ خوجايىنى دەپ ئاتىدى.ئۇلار 840 – يىللىرىدىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇر دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندا، قارلۇقلار ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىي بىلەن ئىسپجاپ، چۇ دەرياسى، ئىلى دەرياۋادىلىرىغا قەدەربولغان جايلارنى ئىگىلىدى. 840 – يىللىرى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەركىبىدىكى بىر قوۋم بولغان ئۇيغۇرلار ھۆكۈمران ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان باش قوماندانلارنىڭ گۇرۇھىدىكى ياغمىلار غەربكە چېكىنىپ، قەشقەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى. بەزى يەرلەرنىقارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ ھاكىملىق قىلىشتى. 10 – ئەسىردىكى جۇغراپىئونلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ياغمىلارنى قەشقەر بىلەن ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا يېقىن بولغان جايلارنىڭ ھاكىملىرى بولغان دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. «ھۇدۇدۇل ئالەم» دە قەشقەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى قارلۇقلاردىنئەمەس، بەلكى ياغمىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. تارىخىي مەنبەلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى : « ياغمىلار چۇ دەرياسى، ئىلى ۋادىلىرىنىقارلۇقلاردىن تارتىۋېلىپ، بۇ جايلارغا ھاكىم بولغانلىقى كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى11 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئۇلاردىن خېلى كۆپ بىرقىسىمنىڭ ئىلى ۋادىسىدا،بىر قىسمىنىڭ بولسا تىراز (تالاس) ئەتراپىدا ياشىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ («تۈركىيتىللار دىۋانى» دىن ). مەھمۇد قەشقىرى ئىلى ۋادىسىنى تىلغا ئالغىنىدا، «تۈركلەردىن ياغما، توخسۇ بىلەن چېگىللەرنىڭ بىر قىسمى چۈشكەن جىلغا دەپ يەشكەن ». بەسىم ئاتالاي ئاق تېرەكنى ياغمىلار ئىلىدىكى ئىلى دەرياسى ئۈستىدىكى بىر كېچىك دەپ يازىدۇ.

بىر قاتار پاكىتلارغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياغمىلار چۇ دەرياسىبويىدىكى بالاساغۇننىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ جايلارنى ئىگىلىگەن. شۇڭا، قاراخانىيلار خانىدانلىقى قۇرۇلغاندابالاساغۇن بىلەن قەشقەر بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندا، قەشقەرنىڭ ئوردۇ كەنت (مەركەز) بولۇشى،قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ ئاتۇشتا بولۇشى، مانا بۇ بىر قاتارمەنبەللەردىكى تارىخىي پاكىتلاردا ياغمىلار قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ خانلىق نەسىبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكىۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە نۇرغۇن مۈلكى، ھەربىي ئەمەلدار ۋە ھەربىي سەركەردىلەرقوشۇنلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، خان جەمەتى قارلۇقلاربىلەن چېگىللەردىن چىقمىدى. قاراخانىيلار خاقانى تۈركىي قەۋملەر ئىچىدە جەڭگىۋارلىقىمەشھۇر بولغانلار ياغمىلاردىن چىقتى. مانا بۇلار ياغمىلارنىڭ قاراخانىيلاردۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك دەلىلدۇر.

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياغمىلارئوردا شەھەرلىرىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ فېئوداللىق ئىقتىسادىي تۈزۈمى يۈكسەك دەرىجىدەتەرەققىي قىلغانىدى. 9 – ئەسىرلەردە «توققۇز ئوغۇز»خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئالدىنقىقىسمى بولغان ياغمىلاردىن ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىقۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مىلادىيە 850 – يىلىدىن 880 – يىللىرى بىلگە كۆل قىدىرخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان دەۋردىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويۇپ، قۇدرەت تاپقان فېئوداللىق سۇلالە ئىدى. بۇ خانىدانلىق ئىلگىرى – ئاخىربولۇپ، 399 يىل ھۆكۈم سۈردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقى مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا يۇقۇرى گۈللىنىش تەدرىجىي زەئىپلىشىشتە ك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى. بىلگە كۆل قىدىرخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بارىز ئىنىسى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت باشقۇردى. قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق يېڭى گۈللىنىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى.قاراخانىيلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول – سانائەت ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بۇ دەۋردە مۇتەپپەككۈر سەنئەتكارلار،تارىخشۇناسلار، كەشپىياتچىلار، سىياسىيونلار، ھەربىي مۇتەخەسىس ئالىملار، ئەدىبتىلشۇناسلار، تىببىي ئالىملار، دىن پىشۋالىرى مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېيىنكىئەۋلادلارغا مول قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر ۋە ئابىدىلەرنى قالدۇردى.

قاراخانىيلارنىڭ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىن زېمىن تېرىتورىيىسى مەمۇرىي جەھەتتىنئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچىسى، مەركىزىي قىسىم ”خاقانىيە ئۆلكىسى“ دەپئاتىلاتتى. ئىككىنچىسى، غەربىي قىسىم بولۇپ، ئىسسىقكۆلنىڭ غەربىي، كاسپىيدېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئۈچىنچىسى، شەرقىي جەنۇبىي قىسىم بولۇپ، يەكەندىن تارتىپ چەرچەنغىچە بولغان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگەئالاتتى. قاراخانىيلار دەۋرىدە چوڭ شەھەرلەر ئىقتىسادىي مەدىنىيىتى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىتەرەققىي قىلغانىدى. قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي شىمال تەرەپلىرىدە، قەشقەر،بارچۇق، بالاساغۇن، بارسىغان، غەربىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە تالاس، مەرغىلان،سەمەرقەند، تېرمىز ۋە باشقىلار مەدەنىيەت، سودا – سانائەت ئەڭ تەرەققىي قىلغانشەھەرلەر ئىدى.

قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، قەشقەر ۋە بالاساغون ئىدى. قەشقەر «ئوردۇكەنت» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، خان شاھلار تۇرىدىغان مەركەز دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئەفراسىياپ شۇ يەردە تۇرغان.

قەشقەر ئەڭ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى قەشقەر – ئوردۇكەنتتە تۇراتتى. بالاساغۇن قاراخانىيلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى ئىدى. 10 – ئەسىردىكىجۇغراپىئونلاردىن مۇقدەسى بالاساغۇن ھەققىدە توختىلىپ : «خەلقى كۆپ، چوڭ ۋە بايشەھەر»دەپ مەلۇمات بەرگەن. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەبىرىچە «قۇز ئوردۇ بالاساغۇنغايېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ قۇز ئوردۇ دېيىلىدۇ ».

مەنبەسى: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.

قاراخانىيلار خانىدانلىقى خاقانلار نەسەبنامىسى تەھرىرلەش

قاراخانىيلار سۇلالىسى تەھرىرلەش

غەربى قاراخانىيلار سۇلالىسى تەھرىرلەش

شەرقىي قاراخانىيلار تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك قەبىلىلەر
م. 0-499: خوتەن پادىشاھلىقى
م. 500-999: كۆكتۈرك خاقانلىقى | شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى|ئىككىنجى شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| غەربىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| ئۇيغۇر خاقانلىقى| قاراخانىيلار خانلىقى| كەڭسۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقى| ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھلىقى
م. 1000-1499: چاغاتاي خانلىقى |موغۇلىستان |تۇرپان خانلىقى
م. 1500-1999: سەئىدىيە خانلىقى|جۇڭغار خانلىقى |قۇمۇل خانلىقى |يەتتەشەھەر خانلىقى |شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى |شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى