قوماچ(قۇناق پاخ-پاخغى)

قوماچ-بىر خىل كۆپتۈرمە تۈرىدىكى ئۇسساق يىمەكلىك بولۇپ، قوناق، گۈرۈچ قاتارلىق زىرائەتلەرنى يۇقىرى تىمپۇراتورا، يۇقىرى بېسىم شارائىتىدا ئىتىلدۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان يىمەكلىك. بەزى تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا قوماچ ئىتىپ ئىستىمال قىلغان دىيىلىدۇ. خەلىقئارادا بولسا ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ كەشىپ قىلغانلىقى، كولۇمبىيە، ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغاندىن كىيىن ئىندىئانلارنىڭ قوماچ ياساش تىخنىكىسىنى ياۋروپا ئەكىرگەن ئاندىن دۇنياغا تارقالغان دىيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەل ئىچىدىكى باشقىچە ئاتلىش بولسا قۇناق پاخپىغى ياكى قۇناق پاخپىقى.

بىر قاچاق ئېتىلدۇرغان قوماچ
ئۇيغۇرچە قوماچ
ئىنگىلىزچە Popcorn
ماتىريالى قوناق، گۈرۈچ، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر
خەنزۇچە 爆米花
تۈرى ئۇششاق يىمەكلىك
ئىتىش ئۇسۇلى يۇقىرى تىمپۇراتۇرا، يۇقىرى بىسىمدا ئىتىلدۇرۇپ ئىتىلىدۇ

ھەققىدە تەھرىرلەش

 
قوماچ ئېتىلدۇرۇرش

قوماچ-بىر خىل كۆپتۈرمە تۈرىدىكى ئۇسساق يىمەكلىك بولۇپ، قوناق، گۈرۈچ قاتارلىق زىرائەتلەرنى يۇقىرى تېمپىراتورا، يۇقىرى بىسىم شارائىتىدا ئىتىلدۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان يىمەكلىك. بەزى تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا قوماچ ئىتىپ ئىستىمال قىلغان دىيىلىدۇ.

خەلىقئارادا بولسا ئىندىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ كەشىپ قىلغانلىقى، كولۇمبۇ ئامرىكا قىتئەسىنى بايقىغاندىن كىيىن ئىندىئانلارنىڭ

قوماچ ياساش تىخنىكىسىنى ياۋرۇپا ئەكىرگەن ئاندىن دۇنياغا تارقالغان دىيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچىدا قوماچنىڭ مۇقىم ئاتالغۇسى يوق،بەزى جايلاردا قوماچ(قەشقەر تەرەپتە)، ئىتىلداق، ئىتىلدۇرما، پىسىلداق،پوسۇلداق  دەپ ئاتايدۇ.

ئەجداتلىرىمىز قەدىمقى زامانلاردا،ئاشلىقلارنى ئۇن قىلىپ تاماق ئىتىپ يىيىشنى بىلىشتىن بۇرۇن،بۇغداي،قوناقلارنى ئۆز پېتى خام يىيىشتىن بارا-بارا ئوتتا ياكى قازاندا قورۇپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىشنى ئۈگەنگەن ھەمدە ئۇنى«قوماچ»دەپ ئاتىغان.ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەدىرىجى تەرەققىياتى جەريانىدا ياغۇنچاق ۋە تاشتۈگمەنلەرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ئاندىن ئاشلىقلارنى يومشۇتۇپ ئۇن قىلىپ،ئۇنىڭدا تۈرلۈك تائاملارنى ئىتىپ ئىستىمال قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

تۈرى تەھرىرلەش

قوماچ-ئادەتتە قوناق قومىچى،بۇغداي قومىچى،كەندىر قومىچى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ،ئۇلارنى ھەر بىر تۈرى بويىچە ئايرىم ئىستىمال قىلىشقىمۇ،ياكى بىر-بىرىگە قوشۇپ،ئېلشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ ۋە ياكى تالقان قىلىپ سەپەرگە چىققاندا بىللە ئېلىۋېلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

قوناق قوماچ تەھرىرلەش

بۇ خىل قوماچ يەنە كۆممە قوناق قومىچى ۋە ئاققۇناق قومىچى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ،كۆممە قوناق قومىچى بولسا،كۆممە قوناقنى قازاندا ئازراق قۇم بىلەن ئېلىشتۇرۇپ قورۇلىدىغان بولۇپ،قۇم قىزىغانسىرى قوناق پاق بولۇپ ئېتىلىدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئۇنى«پاق»دەپمۇ ئاتىغان بولۇپ،بۇ خىل قوماچ قورۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئەلگەك ياكى غەلۋىردە تاسقاپ قۇمدىن پاكىزلىنىپ ئاندىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.ئاققۇناقتا قورۇلغان قوماچ«ئاققۇناق قومىچى»دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنى قۇم بىلەن ئارىلاشتۈرماي قازاندا ئايرىم قورىىسا بولىدۇ.ئۇنى قازاندا بەكرەك قىزىتىپ ئۇششاق-ئۇششاق پاق قىلىپ ئېتىلىدۇرۇپ قورىسىمۇ،ياكى سارغىيىپ پىشقىچە قورىسمۇ بولىدۇ.

بۇغداي قومىچى تەھرىرلەش

بۇ بۇغداينى قازاندا ئۆز پېتى قورۇپ پىشۇرىلىدىغان يەنە بىر خىل قوماچ بولۇپ،ئۇنى ئايرىم يىيىشكىمۇ،ئاققۇناق قومىچى،بۇغداي قومىچى ۋە كەندىر قومىچى بىلەن قوشۇپ يىيىشكىمۇ ياكى قۇناق قومىچى بىلەن قوشۇپ ياغۇنچاق،تۈگمەندە تالقان قىلىپ ئىستىمال قىلشقىمۇ بولىدۇ.

گۈرۈچ قومىچى تەھرىرلەش

گۈرۈچنى ماتىرىيال قىلىپ ئىتىلىدۇ، ئىتىلدۈرۈلگەن گۈرۈچ قىيام بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاتۇرىلىدۇ، بۇ خىل قوماچنى بالىلار بەك ياقتۇرىدۇ.

رولى تەھرىرلەش

مەيلى قايسى خىلدىكى قوماچ بولسۇن،كىشىلەر ئىلگىرى بۇ خىل قوماچلارنى ئۆز پېتى مەخسۇس يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلغاندىن باشقا يەنە،ئۇنى ئايرىم-ئايرىم ياكى بىر بىرىگە قوشۇپ،ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە يومشۇتۇپ،تالقان قىلىپ،ئۇنىڭغا كالا،قوي مېيى،سۈييېغى،تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ،قايناق سۇدا تالقان چېلىپ بىر تۈرلۈك تائام ئورنىدا ئىستىمال قىلىشتىن باشقا يەنە،سوغۇقتىن بولغان تۈرلۈك ئاشقازان.ئۈچەي يوللىرى كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر خىل موھىم دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى