قىرىم ئۇرۇشى (تۈركچە: Kırım Savaşı، رۇسچە: Крымская война) بولسا 1853- يىلى 4- ئۆكتەبىردىن 1856- يىلى 30- مارتقىچە ياشانغان ئوسمانلى - رۇس ئۇرۇشىدۇر. بۈيۈك بېرىتانىيە، فرانسىيە ۋە پىيېمونتې-ساردىنيانىڭ ئوسمانلى تەرەڧتارى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى بىلەن ئۇرۇش ياۋروپا ئەللىرىنىڭ رۇسىيەنى ياۋروپا ۋە ئاقدېڭىزغا كىرگۈزمەسلىك مەقسەدى بىلەن بېرىلگەن بىر ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

قىرىم ئۇرۇشى

ۋاقت 1853 — 1856
رايون بالتىق دېڭىزى، قارا دېڭىز، تۇنا قىرغاقلىرى، قىرىم يېرىم ئارىلى، كاڧكازىيە
نەتىجە مۇتلەق ئىتتىپاقداشلار زەڧەرى

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنىنى بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن يېقىن شەرقتە ۋە قارا دېڭىز بوغۇزىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كۈرىشىنى كۈنسايىن كېڭەيتتى. بولۇپمۇ چاررۇسىيە پادىشاھى نىكولاي1 قارا دېڭىز بوغۇزىنى كونترول قىلىپ، رۇسىيىنىڭ جەنۇبتا ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن چىقىشقا يول ئېچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈنسايىن خارابلىشىۋاتقان ئوسمانىيە تۈك ئىمپېرىيەسىنى ئىشغال قىلىشقا ياكى كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بۆلۈشۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يېقىن شەرقتىن زور سىياسىي، ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەت پەيدا بولدى. 1844- يىلى نىكولاي 1 ئەنگلىيەگە زىيارەت قىلىپ بارغىنىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، فىرانسىيەگە قارشى تۇرۇش تەكلىپنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مىراسلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىشقا ئالدىراپ ئىچى تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتقان قارا نىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ تەكلىپ ئەنگلىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى فىرانسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇزاق ئۆتمەي رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا «مۇقەددەس جاينى قوغداش ھوقۇقى» مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ يۈز بەردى. رۇسىيىنى يۆلەنچۈك قىلغان پىراۋوسلاۋىيە راھىبلىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كاتولىك راھىبلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېروسالىمنى ۋە بولغىن چېركاۋىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش قىرىم ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تۇتۇرۇق بولدى. 1852- يىلى 8- ئايدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، سۇلتاننى بۇ مەسىلىدە كاتولىك راھىبلىرىغا پايدىلىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭغا تەن بەرمىگەن رۇسىيە چارپادىشاھى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كاتولىك دىنىنىڭ مۇقەددەس جاي ئېروسالىمنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك ئىمپېرىيەسى تېررىتورىيەسىدىكى پىراۋوسلاۋىيە جامائىتىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى رۇسىيە -تۈركىيە ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالاشقا دەۋەت قىلىپ، دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى مېنشىكوۋنى كونستانتىنوپولغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. تۈركىيە 1853- يىلى 5- ئايدا ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىنى رەت قىلدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. رۇسىيە 7- ئاينىڭ 3- كۈنى تۈركىيە تەۋەسىدىكى پىراۋوسلاۋىيە جامائىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش باھانىسىدە قوشۇن ئەۋەتىپ، تۈركىيەنىڭ بېقىندىسى مولداۋىيە بىلەن ۋالاخىيىنى ئىشغال قىلدى. 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تۈركىيە رۇسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى بۇنىڭ بىلەن قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى.

ئۇرۇش دوناي دەرياسى، كاۋكاز رايونى ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدا تەڭلا ئېلىپ بېرىلدى. 1853- يىلى 11- ئاينىڭ 30 - كۈنى رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز فىلوتى سنوپ پورتىدىكى تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز فلوتىغا ھۇجۇم قىلدى، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تارمار قىلىندى. سنوپ دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 1854- يىلى 1- ئايىنىڭ 4- كۈنى ئەنگلىيە فىلوتى بىلەن فىرانسىيە فىلوتى رۇسىيە فىلوتى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە زېمىنىغا ياكى فلوتىغا يېڭى ھۇجۇم قوزغىشىنى توسۇش ئۈچۈن قارا دېڭىزغا كىردى. 3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە فىرانسىيەگە قارشى رەسمىي جەڭ ئېلان قىلدى. 5- ئايدا رۇسىيە ئارمىيەسى دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى سىلستراغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، تۈركىيە ئارمىيەسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 50 نەچچە مىڭ ئادىمىنى يوقاتتى. رۇسىيە 8- ئايدا ئاۋسترىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم چىقىرىشى بىلەن مولداۋىيە ۋە ۋالاخيدىن قوشۇن چېكىندۈردى. 9- ئايدا ئەنگلىيە-فىرانسىيە -تۈركىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى 600 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى ۋە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ۋارنادىن يولغا چىقىپ، قىرىم يېرىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. بىرلەشمە قوشۇن قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىز فىلوتى تۇرۇشلۇق مۇھىم قورغان-سېۋاستۇپولغا قىستاپ باردى. بىر يىلغا يېقىن داۋاملاشقان سېۋاستوپولغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى. رۇسىيە سېۋاستوپول قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاش غەرىزىدە ئۈچ قېتىم ئومۇمىي جەڭ قوزغىدى. ئەمما ھېچقايسىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 1855- يىلى 1- ئايدا ساردىنىيە پادىشاھلىقى بىلەن ئەنگلىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى جەڭگە قاتناشتۇردى. 3- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈمىدى تامامەن ئۈزۈلگەن نىكولاي 1 زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. 9- ئاينىڭ 8- كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە سېۋاستوپولغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فىرانسىيە ئارمىيەسى جەنۇبىي رايونىدىكى پايدىلىق ئېگىزلىك ماراخوۋنى ئىگىلىدى. رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ قورغاندىن چېكىنىپ چىقتى، سېۋاستوپول ئەڭ ئاخىر بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رۇسىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەرلىشىپ قالدى. 1855- يىلى 10- ئايدا ئاۋسترىيە رۇسىيىگە ئۇلتىماتوم چىقىرىپ، رۇسىيىنىڭ ئەنگلىيەگە سۈلھى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئەگەر رۇسىيە رەت قىلىدىغان بولسا، ئاۋسترىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 1856- يىلى 3- ئايدا ئۇرۇش قىلغۇچى تەرەپلەر پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. قىرىم .ئۇرۇشى رۇسىيىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

رۇسىيە قىرىم ئۇرۇشىدىكى مەدلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن نەچچە ئون يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم قېلىپ، جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىش پەيلىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن كېڭەيمىچىلىك قىلىش تىغىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە يىراق شەرققە قاراتتى. مەملىكەت ئىچىدە يانچىلىق تۈزۈم كىرزىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە بولسا بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنى كۈچەيتتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە يېقىن شەرقتە مۇستەملىكە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. "جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى". Archived from the original on 2017-10-23. Retrieved 2018-08-19.