قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى

قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى يەنە ھىندىچە باجراڭگى بايجان دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ھىندىستاننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئارتىسى سالمانخان باش رول ئالغان ناھايىتى تەسىرلىك كىنو.

ئارتىسلار ئۇچىرىششى
ئۇماق قىز شەھىدەنىڭ رولچىسى
كارنىنا كاپۇر
ئۇيغۇرچە نامى قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى
باش رولچى سالمانخان، كارىنا كاپور، خارشائالى مالخوترا
باشقا نامى قىزچاقنىڭ يۇرتقا قايتىشى
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2015-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت Aanna Films
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان ، پاكىستان
رېژىسسور كابىرخان
فىلىم ئىشلىگۈچى Rajessh Bhat
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小萝莉的猴神大叔
تۈرى ۋەقەلىك
ئۇزۇنلىقى 163مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2015-7-17
imdbكودى tt3863552
دىئالوگ تىلى ھىندىچە ، ئىنگىلىزچە
سېنارىست كابىرخان
ئەسلى نامى Bajrangi Bhaijaan
سالمانخان

« قىزچاقنىڭ يۇرتىغا قايتىشى » بولسا Aanna Films تارقاتقان ۋەقەلىك فىلىم. بۇ فىلىمدە كابىرخان رېژىسسورلىق قىلغان، سالمانخان، كارىنا كاپور ۋە خارشائالى مالخوترا ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم. بۇ فىلىمدە ئىخلاسمەن ھىندى دىنى مۇردىنىڭ پاكىستانلىق گاچا قىزنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئاپىرىپ، قىزنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش جەريانى سۆزلەنگەن.

مەزمۇنى تەھرىرلەش

كىشىلەر بىر مەيدان كەسكىن ھىندىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى پالاق توپ مۇسابىقىسىنى كۆرىۋاتقاندا، بىر قىز پاكىستاندا دۇنياغا كەلدى، ئاپىسى توپ مەيدانىدىكى توپ چولپانلىرىنىڭ ئىسمىگە ئاساسەن قىزىغا شەھىدە (خارشائالى مالخوترا رولدا) دەپ ئىسىم قويدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، شەھىدە گەرچە ئالتە ياشقا كىرگەن بولىسىمۇ، يەنىلا گەپ  قىلمايتتى. ئىچى تىتىلداپ كەتكەن ئانىسى ئۇنى ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، دېھلىدىكى چوڭ مەسچىتنى تاۋاپ قىلىپ كېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇلار پويىزغا ئولتۇرۇپ پاكىستانغا قايتىش سەپىرىدە، كىچىك شەھىدە ئانىسى ئۇخلاپ ياتقان چاغدا پويىزدىن چۈشۈپ ئازگالغا چۈشۈپ قالغان ئوغلاقنى قۇتقۇزۋاتقان چاغدا پويىز كېتىپ قالدى. ئانا بالا ئىككەيلەن دۆلەت چېگرىسى تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلدى، يېقىن دېسە كۆز ئالدىدا بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت چىگرىسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پاسپورت بېجىرىش كېرەك بولاتتى.

پاۋان (سالمانخان رولدا) خانۇمەن ئىلاھىنىڭ سادىق مۇخلىسى ئىدى. ئۇ تولىمۇ ساددا بولغاچقا ئەخمەق دەپمۇ قالاتتى. ئۇ خانۇمەن ئىلاھىنى كۆرسىلا ئىبادەت قىلاتتى. دائىم «مەن يالغان سۆزلىمەيمەن، بولمىغۇر ئىشلارنى قىلمايمەن» دېگەن گەپنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. كېيىن ئۇ گۈزەل لاشىكا (كارىنا كاپور) بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇلار بىربىرنى ياخشى كۆرەتتى، تويدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتاتتى. ئۇ كوچىدا تەمتىرەپ يۈرگەن شەھىدەنى ئۆيگە ئېلىپ باردى، ئۇلارنىڭ تۇرمىشىدا ئالەم شۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەردى ...

ئارتىسلار جەدىۋىلى تەھرىرلەش

رول ئارتىس
پاۋان سالمانخان
لاشىكا كارىنا كاپور
شەھىدە خارشائالى مالخوترا
Chand Nawab ناۋازدىن
Maulana Sahab ئوم پۇرى
Dayanand Sharat Saxena
Shahida's Mother Meher Vij
Young Pawan/Bajrangi Najeem Khan
Passenger in train Kamlesh Gill
Himself Shahid Afridi
Special Appearance Adnan Sami

رول تۇنۇشتۇرۇش تەھرىرلەش

سالمانخان (پالۋان رولىدا) تەھرىرلەش

خانۇمەن ئىلاھىنىڭ سادىق مۇخلىسى ئىدى. ئۇ تولىمۇ ساددا بولغاچقا ئەخمەق دەپمۇ قالاتتى. ئۇ خانۇمەن ئىلاھىنى كۆرسىلا ئىبادەت قىلاتتى. 20يېشىدا تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. دائىم « مەن يالغان سۆزلىمەيمەن، بولمىغۇر ئىشلارنى قىلمايمەن » دېگەن گەپنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. لېكىن تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان يىگىت. سىرتتا سەرگەردان بولغان پاكىستانلىق قىز شەھىدەنى ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىش يولىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتىدۇ.

كارىنا كاپور ( لاشكا رولىدا) تەھرىرلەش

ھىندىستانلىق ياش، گۈزەل، ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر، ئاق كۆڭۈل قىز. ئۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. نادان، ئەخمەق ئەمما يېقىملىق پاۋان بىلەن تونۇشۇش ھەم چىقىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا پاۋاننى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۆي سېتىۋېلىپ توي قىلىش ئۈچۈن

تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ پۇل يىغاتتى. كېيىن ئۇ پاۋاننىڭ شەھىدەنى ئۆز ئائىلىسىگە ئاپىرىپ قويىشىنى قولدى ھەمدە ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى پاۋانغا يول پۇلى قىلىش ئۈچۈن بەردى.

خارشالى ماتخوردا (شاھىدە رولىدا) تەھرىرلەش

ئاپىسى توپ مەيدانىدىكى توپ چولپانلىرىنىڭ ئىسمىگە ئاساسەن شەھىدە (خارشائالى مالخوترا رولدا) دەپ ئىسىم قويدى. ئالتە ياشقا كىرگەن بولىسىمۇ، يەنىلا گەپ  قىلمايتتى. ئىچى تىتىلداپ كەتكەن ئانىسى ئۇنى ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، دېھلىدىكى چوڭ مەسچىتنى تاۋاپ قىلىپ كېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇلار پويىزغا ئولتۇرۇپ پاكىستانغا قايتىش سەپىرىدە، شەھىدە ئانىسى ئۇخلاپ ياتقان چاغدا پويىزدىن چۈشۈپ ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن ئوغلاقنى قۇتقۇزۋاتقان چاغدا پويىز كېتىپ قالدى. شەھىدە ھىندىستاندا ئاق كۆڭۈل پاۋانغا ئۇچرىدى.

قۇيۇلغان دۆلەت ۋە رايونلار تەھرىرلەش

رايون ۋاقىت
ھىندىستانIndia 2015-7-17
ئاۋىسترالىيە Australia 2015-7-15
گوللاندىيەNetherlands 2015-7-17
كۈۋەيىتKuwait 2015-7-17
ئامېرىكاUSA 2015-7-17
نورۋىگىيەNorway 2015-7-17
فىرانسىيەFrance 2015-7-17
ئىسپانىيەSpain 2015-7-17
ئېرلاندىيەIreland 2015-7-17
ئەنگىلىيەUK 2015-7-17
پاكىستانPakistan 2015-7-18
فىنلاندىيەFinland 2015-9-20

مەنبە تەھرىرلەش

ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=9799