قۇرەيش (ئەرەبچە: قريشئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەنسۇب بولغان بىر ئەرەب قەبىلىسىدۇر. مەككەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قەبىلىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىلەسى بولۇش بىرگە، مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئۇرۇش قىلغان قەبىلەدۇر. مۇھەممەد س.ئە، قۇرەيس قەبىلىسىنىڭ ھاشىمىي سۇلالەسىگە مەنسۇبتۇر. قۇرغۇچىسى مۇھەممەدنىڭ ئۇلۇغ ئاتالارىدىن مۇھەممەدىي نۇرنى پىشانەسىدە بولمىش قۇسەي بىن كىلاب ئېرۇر.

قۇرەيىشنىڭ ئاتالارى تەھرىرلەش

قۇرەيش قەبىلەسى، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئون بىر كىندىك ئاتاسى ڧىھر بىن مالىكنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ پۇشتىدىن كەلگەن ئاسىلزادە بىر قەبىلەدۇر.[1] دابەئزى تارىخشۇناسلارغا كۆرە، قۇرەيش قەبىلىسى، نۇھ پەيغەمبەرنىڭ پۇشتىدىن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ئادناننىڭ پۇشتىدىن كېلىدۇ.[2]

قۇسەي بىن كىلاب (زەيد)[2]، ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئۇلۇغ-ئۇلۇغ-ئۇلۇغ بوۋىسى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەشىنچى كىندىك ئاتىسىدۇر. قۇسەي مەككەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئادەمى ئىدى. كەئبەنىڭ مەسئۇلى بولغان خۇزا قەبىلىسىدىن قىز ئېلىپ كەئبەنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ تەئيىنلەندى. خارابە ھالدىكى كەئبىنى تەئمىر قىلدۇردى. ئەرەبلەرنىڭ كەئبە ئەتراڧىدا ئۆي سېلىشىغا رۇخسەت بەردى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت بىناسىنى (دارۇننەدۋە) بىنا قىلدۇردى. بۇ يەردە باشقا قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن سىياسىي، ئىتقىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى تارتىشىپ ھەل قىلىشقا تىرىشتى. توپلىغان باجلار بىلەن ئىسلامدىن خېلى بۇرۇنلا كەئبىگە كەلمەكتە بولغان ھاجىلارغا تاماق ۋە سۇ تەئمىن ئەتتى.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. Michael Cook, Muhammad, s.12 Oxford University Press, 26 Ocak 1983, ISBN 0-19-287605-8
  2. 2.0 2.1 http://www.ummah.net/khoei/khadija.htm