قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى

ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. 13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

  • 12. ئىدىقۇت قوجۇ خانىنىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلىرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، كالىندارلار، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار.


مەنبەلەر تەھرىرلەش